شەنبە 27 شەۋۋال 1446 - 26 ئاپرىل 2025
Uygur

ئىسلامدا ئامانەت چۈشەنچىسى

سۇئال

ئامانەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان كىشىنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟، ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچى قانداق تەۋبە قىلىدۇ؟، بۇ سوئاللارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەر بىلەن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر،  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. شەرىئەتتە ئامانەتنىڭ ئومۇمى ئامانەت ۋە خۇسۇسىي ئامانەت دەپ ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار.

ئامانەتنىڭ ئومۇمى مەنىسى بولسا: شەرىئەتنىڭ بارلىق بۇيرۇق، چەكلىمىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر» [سۈرە ئەھزاپ 72-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ "ئامانەت" دېگەن سۆزنىڭ ئېزاھاتى توغرىسىدا بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ "تەكلىپ ۋە بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى بارلىق شەرتلىرى بىلەن بىرگە قوبۇل قىلغان ۋە ئەمەل قىلغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك قىلغان كىشى جازاغا تارتىلىدۇ" دېگەن مەناغا قايتىشىدا ئىتتىپاق، ئىنسان بۇنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى، نادانلىقى ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشى بىلەن قوبۇل قىلدى، لېكىن ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغان ۋە ياردەم بەرگەن كىشى ئامانەتنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن تولۇق ئادا قىلىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"6-توم 489-بەت].

ئىلگىرى ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بۇ مەنىنى تاللاپ مۇنداق دېگەن: "بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقان ئەڭ توغرا جاۋابى: بۇ تېمىدىكى ئامانەت دېگەن سۆزدىن دىنى جەھەتتىكى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئامانەتلەرنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسى مەقسەت قېلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالا: «شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق» دېگەن سۆزى بىلەن بىزگە ئامانەتنى سۈپەتلىگەندە، ئامانەتنىڭ بەزى مەنىسىنى خاس قىلمىدى(يەنى كەڭ دائىرىدە قىلدى)". ["تەپسىر تەبەرى" 19-توم 204-205-بەتلەر].

قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەڭ توغرا قاراشتا: ئامانەت دېگەن دىنى ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر". ["تەپسىر قۇرتۇبى" 17-توم 244-بەت].

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر» [سۈرە مۆمىنۇن 8-ئايەت].

تەپسىر ئالىمى ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئامانەت دېگەن: ئاللاھ تائالا سىزگە ئامانەت قىلغان ۋە مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بەدەن-ئەزالىرىڭىزنى ئاللاھ تائالا رازى بولمايدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئامانەت قويۇلغانلىرىنى ساقلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". ["ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 846-بەت].

ئامانەتنىڭ خۇسۇسىي مەنىسى بولسا: ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىش، زايە قىلىۋەتمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماسلىق توغرىسىدا نۇرغۇن شەرئى دەلىللەر بايان قىلىندى، ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدا، كىشىلەرنىڭ تىلىدا ۋە پىقھى توپلاملاردا ئامانەت ئىشى بەك مەشھۇر بولۇپ كەتتى، بەلكىم سوئال سورىغۇچى ئامانەتتىن بولغان مۇشۇ مەنىنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن.

بۇ ئامانەتتىن: ئىنسان ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىدىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ.

بۇ تۈردىكى ئامانەتنىڭ مەشھۇر بولغان ئۈچ تۈرلۈك شەكلى بار:

بىرىنچى شەكلى: ئامانەت، قەرز ۋە ئىجارىگە ئوخشاش كېلىشىم-توختام بىلەن بېكىتىلگەن مالىيە ھەق-ھوقۇقى ياكى تېپىۋېلىنغان، كىشىلەر يوقىتىپ قويغان ياكى چۈشۈرۈپ قويغان مال-مۈلۈككە ئوخشاش كېلىشىم قىلىنمىغان نەرسىلەردۇر.

بۇ توغرىدا "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 6-توم 236-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۆپ ئىزدىنىشتىن كېيىن پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئامانەتنى ئىككى تۈرلۈك مەنىگە ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق بولدى: ئۇنىڭ بىرى: ئىشەنچىلىك كىشىنىڭ يېنىدا تىپىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇ نەرسىلەر:

ئا- ئەسلىدە ئامانەت مەقسەت قىلىنغان كېلىشىم، ئۇ: بىر كىشىنىڭ يېنىدا ساقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ قويۇپ قويغان نەرسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئامانەتنىڭ ئەڭ خاس تۈرى بولۇپ، ھەر قانداق ساقلاشقا بەرگەن نەرسە ئامانەت بولىدۇ، ئەكسىچە ھەر قانداق ئامانەت ساقلاشقا بەرگەن نەرسە بولمايدۇ.

ب-ئەسلىدە ئامانەت مەقسەت قىلىنمىسىمۇ لېكىن ئىجارە، ئارىيەت بېرىش، مۇزارىبە، ۋاكالەت، شېرىكچىلىك ۋە گۆرەگە ئوخشاش ئامانەتنى ئۆز ئېچىگە ئالغان كېلىشىم.

ج-تېپىۋېلىنغان نەرسىلەرگە ئوخشاش كېلىشىمسىز بولغان ئامانەت، بۇ خۇددى شامال بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە خوشنىسىنىڭ نەرسىسىنى ئۇچۇرۇپ چۈشۈرگەن بولسا، بۇ نەرسە، شەرئى تەرەپتىن ئامانەت دەپ ئاتىلىدۇ".

ئىككىنچى شەكلى: كىشىلەرنىڭ سىرلىرىنى ساقلاش.

بۇ توغرىدا ئەبى سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئامانەتنىڭ جازاسىنىڭ ئەڭ كاتتىسى: بىر ئەر، بىر ئايال بىلەن بىرگە ياشاپ، بىر-بىرىنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئاندىن سىرلىرىنى ئاشكارا قىلىۋېتىشتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 1437-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى بىر سۆزنى قىلىۋېتىپ ئەتراپقا قارىۋەتكەن بولسا، بۇ سۆز ئامانەت بولىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4868-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1959-ھەدىس. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى: ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 4868-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئۈچىنچى شەكلى: ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەنسەپ، ۋەزىپىلەردىن ئىبارەت، بۇ ئادالەت بىلەن ۋە ھەققى بىلەن ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئامانەتتۇر، ھاكىملىق مەنسىپى ئامانەتتۇر، قازىلىق مەنسىپى ئامانەتتۇر، ھەر قانداق شىركەت ياكى ئىدارە-ئورگاننىڭ مۇدىرلىقى ئامانەتتۇر، ئائىلە مەسئۇلىيىتى ئامانەتتۇر، شۇنىڭدەك ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەنسەپ ئامانەتتۇر.

بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئامانەت زايە بولغاندا قىيامەتنى كۈتكىن» دېگەندە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئامانەت قانداق زايە بولىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق ئىش ئۆز ئەھلىنىڭ غەيرىگە تاپشۇرۇلغاندا قىيامەتنى كۈتكىن دېدى» [بۇخارى رىۋايىتى 6496-ھەدىس].

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنى بىرەر خىزمەتكە تەيىنلىمەملا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ئىككى دولامغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى ئابا زەر! سەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاجىز، بۇ خىزمەت دېگەن ئامانەت، ھەققى بىلەن ئادا قىلىنمىغاندا قىيامەت كۈنىدە خارلىق ۋە نادامەت بولىدۇ، پەقەت بۇ خىزمەتنى ئۆز ھەققى بىلەن ئېلىپ، تولۇق ئادا قىلغان كىشىگە نادامەت بولمايدۇ دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 1825-ھەدىس].

ئىككىنچى: ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي ئامانەتتە: ئامانەتنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنى شەرىئەتتە تەلەپ قىلغان يول بويۇنچە ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنى زايە قىلىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش ھارام بولىدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار» [سۈرە ئەنپال 27-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» [سۈرە نىسا 58-ئايەت].

ئامانەتكە خىيانەت قىلىش بولسا مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق كىشىدە تۆت تۈرلۈك ئىش تېپىلىدىكەن، ئۇ ساپ مۇناپىق بولىدۇ، ئەگەر تۆت تۈرلۈك ئىشتىن بىرەرسى تېپىلسا، ئۇ ئىشنى تەرك قىلمىغۇچە ئۇ كىشىدە مۇناپىقلىقتىن بىر سۈپەت تېپىلغان بولىدۇ: سۆزلىگەندە يالغان سۆز قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ئۇرۇشۇپ قالسا، ناچار سۆزلەرنى قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 34-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 58-ھەدىس].

ئۈچىنچى: ئامانەتكە خىيانەت قىلىش بولسا چوڭ گۇناھلاردىن بىر گۇناھتۇر، گەرچە بۇنىڭ گۇناھى بەك كاتتا بولسىمۇ لېكىن تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» [سۈرە شۇرا 25-ئايەت].

بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كۈن مەغرىپتىن چېقىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». [مۇسلىم  رىۋايىتى 2703-ھەدىس].

سەمىيمى ۋە ساپ بولغان تەۋبە دېگەن: "گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىشقا ئالدىراش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، ئۇ خاتالىقنى قايتىدىن قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشتىن ئىبارەتتۇر".

ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەن گۇناھكارغا نەزەر سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ زايە قىلىۋەتكەن ئامانىتى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا، ئۇ كىشىگە كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر باشقا قازاسىنى قىلىش ۋە كاپارەت بېرىش دېگەندەك يوللۇق ئەمەللەر بىلەن زايە بولۇپ كەتكەن بۇ ئامانەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولسا، شۇنداق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

مەسىلەن: رامزاندا قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋېتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن، روزىدىن ئىبارەت ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەن بولسا، كېيىن تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە بۇزۇۋەتكەن كۈنلەرنىڭ قازا روزىسىنى تۇتىدۇ، ئەگەر روزىسىنى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ كاپارىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە قازاسىنى تۇتىدۇ، شەرىئەتتىكى باشقا ئىشلارمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.

ئەگەر خىيانەت قىلىنغان ئامانەت كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولسا، ئىلگىرى بايان قىلىنغان تەۋبىگە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش بىلەن بىرگە، ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ ياكى ئۇ كىشىدىن ئەپۇ قىلىشنى ۋە كەچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق بىر كىشى باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغان ياكى ئابرۇيىنى تۆككەن ئىش بولسا، مال-دۇنيا ئەسقاتمايدىغان قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادا رازىلىشىۋالسۇن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمىلىدىن باشقىلارغا قىلغان زۇلۇمنىڭ مىقداردا زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمىلى بولمىسا، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقلىرى ئۇ كىشىگە يۈكلىنىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2449-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: "ھەر قانداق گۇناھدىن تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر گۇناھ-خاتالىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەق، ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولمىسا، بۇنىڭ شەرتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى: بارلىق خاتالىق، گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈش. ئىككىنچىسى: قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش. ئۈچىنچىسى: ئۇ ئىشنى ئەبەدىي قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەگەر بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىڭ بىرى كام بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى توغرا بولمايدۇ.

ئەگەر خاتالىق، گۇناھ-مەسىيەت كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان بولسا، بۇنىڭ شەرتى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، يۇقىرىدا ئۈچ تۈرلۈكنى بايان قىلدۇق، تۆتىنچىسى: ئەگەر باشقىلارنىڭ ھەققى مال-مۈلۈك بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئەگەر بۆھتان ياكى غەيۋەت دېگەندەك ئىشلار بولسا، ئىمكانىيەت بولسا ئۇ كىشىدىن ئەپۇ سوراپ، رازىلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر".  ["سالىھلار گۈلۈستانى" 14-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى