چارشەنبە 17 جىمادۇسسانى 1446 - 18 دىكابىر 2024
Uygur

مەككە ۋە مەدىنەنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەھرى بولغان مەدىنىدە ياشاش كېرەكمۇ ياكى مەككە-مۇكەررەمىدىمۇ؟، ئىككى ھەرەمدە ئادا قىلىنغان نامازنىڭ پەزىلىتىدىن باشقا، ئىككى شەھەرنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق كۆرۈش توغرىسىدىكى پەرقلىق قاراشلارنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە. بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: زېمىندىكى ئەڭ ئەۋزەل ئورۇن مەككە-مۇكەررەمە ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدۇر.

ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىمانى زىيادە بولىدىغان، ئاللاھ تائالاغا كۆپ تائەت-ئىبادەت ۋە تەقۋادارلىق قىلىدىغان زېمىندا ياشىشى كېرەك.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەر بىر ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى زېمىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا كۆپ تەقۋادارلىق قىلىدىغان زېمىندۇر. بۇ ئەھۋاللارنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان زېمىنىنى ئەۋزەل قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئەۋزەللىك ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەققىدە، ئۇنىڭ شۇ زېمىندىكى تەقۋادارلىقى، تائەت-ئىبادىتى، ئاللاھدىن قورقۇشى، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشى ۋە بويسۇنۇشى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەلمان پارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەت يېزىپ: “مۇقەددەس زېمىنغا كەلمەمسىلەر؟”دېگەندە، سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: “زېمىن ھېچ بىر ئىنساننى مۇقەددەس قىلمايدۇ، ھەقىقەتەن بەندىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلى مۇقەددەس قىلىدۇ”. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 18-توم 283-بەت].

ئىككىنچى: مەككە-مۇكەررەمە بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بىلەن مەدىنە-مۇنەۋۋەرەدىن پەرقلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

-مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدە ئادا قىلىنغان بىر رەكەت ناماز ئۇنىڭدىن باشقا مەسچىتلەردە ئادا قىلىنغان يۈز مىڭ رەكەت نامازدىن ئەۋزەلدۇر. مەدىنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ئادا قىلىنغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئادا قىلىنغان نامازلاردىن مىڭ رەكەت نامازغا باراۋەردۇر.

-مەككە: ھەج، ئۆمرە، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ھەجەر ئەسۋەدنى سىلاش، سۆيۈش، رۇكنۇل يامانىينى سىلاش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش قاتارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا خاسلاستۇرۇلغان.

-ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مەككە شەھرى بىلەن قەسەم قىلىپ: بەلەد سۈرىسىنىڭ بېشىدا: «مۇشۇ شەھەر بىلەن قەسەم» دېگەن.

-ئاللاھ تائالا ئاسمانلار ۋە زېمىننى ياراتقان كۈنىدە مەككە شەھرىنى مۇقەددەس، ھەرەم قىلدى، مەدىنە شەھرى ئۇنداق ئەمەس.

-مەككە مۇكەررەمىنىڭ ھاراملىقى، ئۇلۇغلىقى مەدىنە شەھرىدىن كۈچلۈكتۇر. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: “مەدىنە مۇقەددەس شەھەر ۋە ئۇلۇغ ھەرەمدۇر، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ھەرەم ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن مەككىنىڭ ئۇلۇغلىقى، مۇقەددەسلىكى ۋە ھەرەملىكى مەدىنىدىن خىلى بەك يۇقىرىدۇر. مەككە ھەرەمگە ھېچ بىر مۇسۇلمان تۇنجى قېتىم كەلگەندە ئېھرامسىز كىرمەيدۇ بەلكى ئېھراملىق كېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ، مەدىنە شەھرى بولسا ئۇنداق ئەمەس.

-مەككىنىڭ ئۆت-چۆپ، دەل-دەرەخلىرىنى كېسىش مۇتلەق ھارام قىلىندى، ئەمما مەدىنىنىڭ بەزى دەرەخلىرىنى كېسىش ۋە ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇشقا رۇخسەت قىلىندى.

-مەككىدىكى ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش چەكلىنىدۇ، ئوۋلىغان كىشىگە جازا كېلىدۇ، ئەمما مەدىنىدە ئوۋ ئوۋلىسا جازا كەلمەيدۇ.

مۇھىمى، مەككە بولسا ئەڭ ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك تىنچ ماكاندۇر، ئۇنىڭ دەل-دەرەخلىرى ۋە ئوۋ ھايۋانلىرىمۇ تىنچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ”. [“ئوچۇق سۆھبەت” 103/2.]

ئەمما مەدىنە بولسا، ھىجرەت دىيارى، ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلارنىڭ توپلانغان ئورنى، جىھاد مەركىزى، ئۇ يەردىن ئەتراپقا قوشۇنلار ئەۋەتىلگەن، غازاتچىلار قوشۇنى يۈرۈش قىلغان،  شەھەرلەرنىڭ پەتىھ قىلىنىشى ۋە دىننىڭ ئەتراپقا تارىلىشى، شېرىك ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ يوق قىلىنىشىغا ئاساس سىلىنغان زېمىندۇر.

مەدىنىدە ئاساسلىق ھۆكۈم ئايەتلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى نازىل بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىنمۇ مەككىدە تۇرماستىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ ھىجرەت دىيارىدا ياشىغان، ھەتتا شۇ يەردە ۋاپات بولۇپ، ھىجرەت دىيارىغا دەپنە قىلىنغان.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەككە پەتىھ بولۇپ ھۈنەين ئۇرۇشىدا غەنىمەت ئېلىنغاندىن كېيىن ئەنسارلار: غەنىمەتلەر قۇرەيشكە بېرىلدى، ئاللاھ بىلەن قەسەم! بۇ ئاجايىپ بىر ئىش، بىزنىڭ قىلىچلىرىمىزدىن قۇرەيشلەرنىڭ قېنى ئېقىۋاتسا، بىزنىڭ غەنىمەتلىرىمىز ئۇلارغا بېرىلىۋاتىدۇ دېيىشتى، بۇ خەۋەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلارنى چاقىرىپ: ماڭا سىلەردىن يەتكەن سۆزلەر توغرىمۇ؟، دېدى، (ئۇلار يالغان سۆزلىمەيتتى) سىلىگە يەتكەن سۆز توغرا دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىنسانلار غەنىمەتلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتسە، سىلەر ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن بىرگە قايتساڭلار بۇنىڭغا رازى بولمامسىلەر؟ ئەگەر ئەنسارلار بىر يولدىن ۋە باشقا ئىنسانلار بىر يولدىن ماڭغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە ئەنسارلار بىلەن بىر يولدا ماڭاتتىم، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 3778-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1059-ھەدىس] .

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ھەر تەرەپتىن غەنىمەتلەر كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن شەھەرلەر پەتىھ قېلىنىدىغان، ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئاۋۋالقى مەركىزى بولىدىغان بىر يۇرتقا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، كىشىلەر بۇ يۇرتنى يەسرىب دەيدىكەن، بۇ مەدىنەدۇر، تۆمۈر ئۆزىنىڭ داتلىرىنى تازىلاپ چېقىرۋەتكەندەك بۇ يۇرتمۇ ناچار كىشىلەرنى چىقىرىۋېتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1871-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1382-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىستىن ئىككى تۈرلۈك مەنا ئىپادىلىنىدۇ، بىرى:

مەدىنە ئىسلام قوشۇنىنىڭ تۇنجى مەركىزى بولىدۇ، بۇ يەردىن يۇرۇش قىلىپ شەھەرلەر پەتىھ قىلىنىدۇ، غەنىمەتلەر ۋە ئەسىرلەر كەلتۈرۈلىدۇ.

يەنە بىرى: بۇ شەھەر ئەھلىنىڭ يېمەكلىرى ۋە ئىقتىسادى كىرىملىرى پەتىھ قېلىنغان شەھەرلەردىن بولىدۇ. غەنىمەتلەر بۇ يەرگە كەلتۈرۈلىدۇ”. [“نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى” 9-توم 154-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يىلان ئۇۋىسىغا قايتقاندەك، ئىمان مەدىنىگە قايتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1876-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى147-ھەدىس].

يىلان ئۇۋىسغا قايتقان، ئۆز توپىغا قېتىلغاندەك، مەدىنە باشتىن ئاخىر ئىسلام ئەھلى توپلاشقان تۇنجى شەھەردۇر. “[مىرقاتۇل مەپاتىھ” 1-توم 243-بەت].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىمان مەدىنىگە ئورۇنلىشىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى: ئىمان دېگەن ئەۋۋەلدە ۋە ئاخىردا مۇشۇ سۈپەت بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ ئەۋۋىلىدە، ئىمانى خالىس، ئىسلامى ساپ بولغان كىشىلەر مەدىنىگە كېلەتتى، ئۇلار ياكى مەدىنىدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاش ئۈچۈن باراتتى ياكى پەيغەرئەلەيھىسسالامنى كۆرۈش ئىشتىياقى، دىنى بىلىملەرنى ئۆگنىش، ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن باراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ خەلىپىلەرنىڭ زامانىدىمۇ كۆپچىلىك ساھابىلار شۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەدلى-ئادالەت، توغرا يۆلىنىشىنى ئۆگىنىش، ئۇلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كىشىلەر كېلەتتى، ئۇلاردىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئالىملار-ئۆلىمالار، ئۇممەتنىڭ يېتەكچىلىرى سۈننەت-ھەدىسلەرنى تەلىم ئىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلگەن. ئومۇمەن ھەر ۋاقىت ئىمانى مۇستەھكەم، دىلى ساغلام، قەلبى ئوچۇق ئالىملار-مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كېلىپ تۇرىدۇ”. [“نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى” 2-توم 177-بەت].

-مەدىنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى بار، رەۋزە شەرىپ بار. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ھوجرام بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىسى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم كەۋسەر كۆلىنىڭ ئۈستىدىدۇر]. [بۇخارى رىۋايىتى 1196-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايتىى1391-ھەدىس].

-مەدىنىدە مۇبارەك ئەقىق جىلغىسى بار، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئەقىق جىلغىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «كېچىدىن رەببىم تەرىپىدىن بىر ئەلچى كېلىپ ماڭا: بۇ مۇبارەك جىلغىدا ناماز ئادا قىلغىن ۋە ھەجدە ياكى ھەج ئايلىرىدا ئۆمۈر قىلىش بار دېگىن] دېدى دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى1534-ھەدىس].

-مەدىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن: ھەر قانداق بىر ئىنسان مەدىنە ئەھلىگە يامانلىقىنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ھالاك قىلىدۇ. بۇ توغرىدا سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر قانداق بىر ئىنسان مەدىنە ئەھلىگە ھىيلە-مىكىر قىلماقچى ۋە يامانلىقنى مەقسەت قىلماقچى بولىدىكەن، تۇز سۇدا ئېرىپ كەتكەندەك، ئۇ كىشىمۇ شۇنداق ھالاك بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى1877-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايتى1363-ھەدىس].

-ئاللاھ تائالا مەككىدە ياشاش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلغان كىشىگە مۇبارەك بولسۇن. ئاللاھ تائالا مەدىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلغان كىشىگىمۇ مۇبارەك بولسۇن. دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا بولسۇن ئاللاھ تائالا ھەقىقى تەقۋادارلىق ئاتا قىلغان كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بولسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى