شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش ئەھۋالىمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشتە ئۈستىگە چېقىشتا مىڭ يىل ۋە تۆۋەنگە چۈشۈشتە مىڭ يىل كېتىدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىرات دېگەن جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ-ئاللاھ جەھەننەمدىن ساقلىسۇن- ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابى بويۇنچە ئۆتىدۇ، بەزى كىشىلەر كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر چاقماقتەك، بەزىلەر شامالدەك، بەزىلەر ئۇچقۇر ئاتتەك  ۋە يەنە بەزىلەر ئۇلاغلىق يولۇچىدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئىتتىك مېڭىپ، بەزىلەر پىيادە مېڭىپ، بەزىلەر ئۆمۈلەپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر ئىلمەككە ئېلىنىپ قىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ.

    ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە: «ئاندىن كۆۋرۈككە كەلتۈرۈلىدۇ، كۆۋرۈك جەھەننەمنىڭ ئۈستىدە قېلىنىدۇ، بىز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كۆۋرۈك دېگەن نېمە؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تېيىلغاق پاتقاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يۇلۇپ ئالىدىغان ئىلمەك، ئوقۇرۇق، چىشلىق تىكەنلىك چاتقاللار بولىدۇ، بۇ تىكەنلەر سەئدان دېيىلىدۇ، مۇئ‍مىن بۇنىڭدىن كۆز يۈمۈپ ئاچقۇچىلىك، چاقماقتەك، شامالدەك، ئۇچقۇر ئاتتەك، ئۇلاغلىق يولۇچىدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ساق سالامەت قۇتۇلىدىغانلار بولىدۇ، بەدەنلىرى زېدە بولۇپ قۇتىلىدىغانلار بولىدۇ، بېشىچە جەھەننەمنىڭ ئوتىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلار بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرى ئۆمىلەپ بولسىمۇ ئۆتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7439-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى183-ھەدىس].

    مۇسلىم مۇنۇ سۆزنى زىيادە قىلدى، ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: «سىرات كۆۋرۈكى قىلدىن ئىنچىكە ۋە قىلىچتىن ئىتتىك».

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ساق سالامەت قۇتۇلىدىغانلار بولىدۇ....» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئۇلار ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىرىنچى تۈرىدىكىلەر ساق سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ ھېچ قانداق بىر ئەزىيەت يەتمەيدۇ. ئىككىنچى تۈرىدىكىلەر: ئىلىنىشىپ، تىتىلىپ كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ، قۇتۇلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرىدىكىلەر: بېشىچە دۈم چۈشۈپ جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ". ["نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى" 3-توم 29-بەت]. 

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىرات دېگەن جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە تىكلەنگەن كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇ قىلدىن ئىنچىكە ۋە قىلىچتىن ئىتتىك بولۇپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابى بويۇنچە ئۆتىدۇ، دۇنيادا ياخشىلىققا ئالدىرىغان كىشىلەر بۇ كۆۋرۈكتىنمۇ تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياخشىلىققا ئالدىرمىغانلار ئالدىرىماي ئۆتىدۇ، ياخشى ئىشلارغا يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان ۋە ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلمىغان كىشىلەر بولسا، بەزىسى بېشىچە دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن".

    ئىنسانلار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە پەرقلىق بولىدۇ، بەزى كىشىلەر كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر چاقماقتەك، بەزىلەر شامالدەك، بەزىلەر ئۇچقۇر ئاتتەك يەنە بەزىلەر ئۇلاغلىق يولۇچىدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئىتتىك مېڭىپ، بەزىلەر پىيادە مېڭىپ، بەزىلەر ئۆمۈلەپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر ئىلمەككە ئېلىنىپ قىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، بۇ كۆۋرۈكتىن پەقەت مۇئ‍مىنلارلا ئۆتەلەيدۇ، كاپىرلار ئۆتەلمەيدۇ، ئۇلار قىيامەت مەيدانىدىنلا ئۇدۇل دوزاخقا ھەيدىلىدۇ». ["ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى"1-توم 47-بەت].

    كىشىلەرنىڭ سىراتتىن ئۆتىشى توغرىسىدا بايان قىلىنغان قىسقا مەلۇمات، بۇ كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ. دۇنيادا ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا ئالدىرىغان كىشىلەر سىراتتىنمۇ ئالدىراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياخشىلىققا ئالدىرمىغانلار ئالدىرىماي ئۆتىدۇ.

    ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە مىڭ يىل ئىگىزگە چىقىپ ئاندىن مىڭ يىل پەسكە چۈشىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى بارلىقىنى بىلمەيمىز، قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىلگە توختاش ۋاجىپ بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى