جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

كەچۈرۈم بىلەن ئەپۇنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

مەن كەچۈرۈم بىلەن ئەپۇنىڭ ئارىسىدا پەرق بار دەپ ئاڭلىدىم، كەچۈرۈم قىلىش دېگەن:"ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى ئۆتىۋېتىدۇ لېكىن ئۇ گۇناھ ئەمەل دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك قالىدۇ. ئەپۇ قىلىش دېگەن: ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى ئەپۇ قىلىش بىلەن گوياكى ئۇ گۇناھ بولمىغاندەك ئەمەل دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرىلىدۇ. مەن ئەمەل دەپتىرىدە قايسى شەكىلدە قالىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم، ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىمىزمۇ؟ بۇنى كۈچلاندۇرىدىغان ھەدىس بارمۇ؟ ياكى قىلغان ياخشىلىقلار يامانلىقنى ئۆچۈرۋېتىدىغان بولغاندىكىن، ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش بىلەن ئۆچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىر قىسىم ئالىملار ، ئەپۇ قىلىش كەچۈرۈم قىلىشتىن يۇقىرىدۇر، چۈنكى ئەپۇ قىلىش دېگەن ئۆچۈرۈۋېتىش، كەچۈرۈم قىلىش دېگەن يۇشۇرۇش دەيدۇ.

   ئەبۇ ھامىد غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  "ئەپۇ قىلىش بولسا خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆتىۋېىتش بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىشقا يېقىن مەنىدە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن يۇقىرىدۇر، چۈنكى كەچۈرۈم قىلىش دېگەن يوشۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر، ئەپۇ قىلىش بولسا ئۆچۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر، ئۆچۈرۈش بولسا يوشۇرۇشتىن يۇقىرىدۇر. ["مەقاسىدىل ئەسەننى" 140-بەت].

    شەيخ مۇھەممەد مۇنىر دىمەشەقىي رەھىمەھۇللاھ "نەپەھاتۇل سەلەپىيە" 87-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئەپۇ قىلىش ئاللاھنىڭ ھەققىدە: گۇناھنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىش، پۈتۈكچى پەرىشتىلەرنىڭ پۈتۈكلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى تەلەپ قىلماسلىق، ئۇلار گۇناھىنى ئەسلىگەندە خىجىل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن ئۇنتۇلدۇرۇش، ھەر بىر خاتالىقنىڭ ئورنىغا بىر ياخشىلىق ئىسپاتلاشتۇر، ئەپۇ قىلىش كەچۈرۈم قىلىشتىن يۇقىرىدۇر، چۈنكى كەچۈرۈم قىلىش يوشۇرۇشنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەپۇ قىلىش بولسا، ئۆچۈرۈشنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۆچۈرۈش يوشۇرۇشتىن يۇقىرى بولىدۇ".

يەنە بىر تۈرلۈك ئالىملار، كەچۈرۈم قىلىش ئەپۇ قىلىشتىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى كەچۈرۈم دېگەن يوشۇرۇش، جازانى چۈشۈۋېتىپ، ساۋابقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. ئەپۇ قىلىش بولسا، ئۇنى يوشۇرۇش ۋە ساۋابقا ئېرىشىش لازىم كەلمەيدۇ.

    ئىبنى جىززىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەپۇ قىلىش دېگەن: گۇناھ بىلەن جازالاشنى تەرك قىلىش، كەچۈرۈم قىلىش دېگەن: گۇناھ بىلەن جازالاشنى تەرك قىلىش بىلەن بىرگە يوشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    رەھمەت ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە ئىنئاملىرى بىلەن بىرگە ئۆچۈرۈش بىلەن يوشۇرۇشنى جۇغلاشتۇر. ["ئەتتەسھىيل" 1-توم 143-بەت].

    ئىمام رازىي ئۆزىنىڭ تەپسىرى 7-يوم 124-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەپۇ دېگەن ئۇ كىشىدىن جازانى چۈشۈرۈۋېتىپ، كەچۈرۈم قىلىش بولسا: ئۇ كىشىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش، ئۇ كىشىنى خىجىل بولۇش ۋە رەسۋا بولۇش ئازابىدىن ساقلاشتۇر. گوياكى بەندە: سېنىڭدىن ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمەن، مېنى ئەپۇ قىلغىنىڭدا، مېنىڭ خاتالىقىمنى يوشۇرغىن دەيدۇ".

     كۇپتەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەچۈرۈم قىلىش دېگەن جازانى چۈشۈرۈۋېتىشنى، ساۋابقا ئېرىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇنىڭغا پەقەت مۇئمىن ھەقلىق بولىدۇ، بۇ سۆز پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىلىنىدۇ.

    ئەپۇ قىلىش دېگەن، تاپا-تەنىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ لېكىن ساۋابقا ئېرىشىشنى تەقەززا قىلمايدۇ". ["ئەل كۇللىيات" 666-بەت].

    ئەسكەرىي "ئەلپۇرۇق" 413-414-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەپۇ بىلەن كەچۈرۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق:

    كەچۈرۈم قىلىش بولسا: جازانى چۈشۈرۈۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. جازانى چۈشۈرۈۋېتىپ ساۋابنى كەلتۈرىدۇ، ساۋابقا ھەقلىق بولغان مۇئمىندىن باشقا كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئېشلىتىلىدۇ، ئاللاھ سىزنى كەچۈرسۇن دېيىلىدۇ، زەيىد سىزنى كەچۈرسۇن دېيىلمەيدۇ، بۇنداق قوللىنىش بەك ئازدۇر.

   ئەپۇ قىلىش بولسا: تاپا-تەنىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ساۋابقا ئېرىشىشنى تەقەززا قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز بەندىگە ئىشلىتىلىنىدۇ، زەيد ئەمىرنى ئەپۇ قىلدى دېيىلىدۇ ئەپۇ قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنى ئىسپاتلاش ۋاجىپ بولمايدۇ.

    لېكىن ئەپۇ قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىشنىڭ مەنىلىرى يېقىندۇر، بىر-بىرىگە كېرىشىپ كەتكۈچىدۇر، بۇ ئىككىسى بىر يولدىلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشلىتىلىنىدۇ. بىر مەنادا: ئاللاھ ئەپۇ قىلسۇن، ئاللاھ كەچۈرۈم قىلسۇن دېيىلىدۇ.

    بۇ ئىككى سۆز ئۆتىدىغان سۆزلەر يۇقىرىدا بىز دېگەن سۆزنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنداق بولىشى، سېنىڭ ئۇنى ئەپۇ قىلدى دېگەن سۆزۈڭ، ئۇنىڭدىكى خاتالىقنى يوق قىلىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ، سېنىڭ ئۇنى كەچۈردى دېگەن سۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسىنى ئىسپاتلاشنى تەقەززا قىلىدۇ".

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەپۇ قىلىش دېگەن: ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى چۈشۈرۈۋېتىپ ۋە ئۇلارنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، كەچۈرۈم قىلىش دېگەن: ئۇلارنى گۇناھنىڭ يامانلىقىدىن ۋە گۇناھقا يۈزلىنىشنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاشنى ئۇلارنى رازى بولۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. يالغۇزلا ئەپۇ قىلىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچى بەزى ۋاقىتتا ئەپۇ قىلىدۇ لېكىن ئەپۇ قىلىنغان كىشىگە يۈزلەنمەيدۇ ۋە ئۇ كىشىدىن رازى بولمايدۇ.

    ئەپۇ قىلىش دېگەن: پەقەتلا تەرك قىلىش، كەچۈرۈم قىلىش بولسا. ياخشىلىق قىلىش، پەزلى-مەرھەمەت قىلىش ۋە سېخىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 140-بەت].

    شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەپۇ قىلىشتىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقى ئايان بولدى، چۈنكى كەچۈرۈم قىلىش دېگەن: ياخشىلىق قىلىش ۋە ئاتا-ئېھساننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئەمما: كەچۈرۈم قىلىش، ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى نام-ئەمەل دەپتىرىڭدە قالدۇرۇش بىلەن كەچۈرۈم قىلغاي. ئەپۇ قىلىش: سەھىپىلەردىن گۇناھنى ئۆچۈرۈۋېتىش بىلەن كەچۈرۈم قىلغاي دېگەن سۆزنىڭ كۈچلۈك دەلىلى يوق.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى