جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

راپىزىلار ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھاراق ئېچكەن دەپ تۆھمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

237679

تارقاتقان ۋاقىت : 19-01-2016

كۆرگۈچىلەر : 3144

سۇئال

ەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنمۇ ھاراق ئىچكەن دەپ بارمۇ؟ بەزى شىئەلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا، ئۇلار شۇنداق دېدى، ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىشنى بىلەلمىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىنغان ئوپ-ئوچۇق تۆھمەت، يالغان، توقۇلمىدىن ئىبارەت، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئېنىق بولمىغان دەلىللەر بىلەن يەنە بىر مۇسۇلماننى تۆھمەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنى دەلىل-ئىسپاتسىز تۆھمەت قىلىش چوڭ گۇناھ بولىدىغان تۇرسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئىسلامدا مەشھۇر كىشىلەرنى تۆھمەت قىلغۇچىنىڭ جىنايىتى قانداق بولىدۇ؟!.

ئۆمەر پارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپلا ھاراققا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان، ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھاراقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىنغان ۋاقتىدا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھ! ھاراق توغرىسىدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەك ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى، بەقەرە سۈرىسىدىن بۇ ئايەت نازىل بولدى:يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌتەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: بۇنىڭ ھەر ئىككىسى چوڭ گۇناھ، دېگىن. [سۈرە بەقەرە 219-ئايەت].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاقىرتىلىپ بۇ ئايەت تىلاۋەت قىلىپ بېرىلگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھ! ھاراق توغرسىدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەك ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى. ئىككىنچى باسقۇچتا سۈرە نىسادىكى بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُواتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، - يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، - غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، [سۈرە نىسا 43-ئايەت].

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جاكارچىسى كىشىلەرگە: دىققەت قىلىڭلار! مەس بولۇپ قالغان كىشىلەر نامازغا يېقىنلاشمىسۇن دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاقىرتىلىپ بۇ ئايەت تىلاۋەت قىلىپ بېرىلگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئى ئاللاھ! ھاراق توغرىسىدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەك ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى. كىيىنكى باسقۇچتا سۈرە مائىدەدىكى بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَ تەرجىمىسى: سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟. [سۈرە مائىدە 91-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ياندۇق ئى ئاللاھ!" دېگەن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3670-ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ خەلىپە بولغاندىن كىيىن كىشىلەرنى ھاراقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ھاراقنىڭ ھۆكمىنى تولۇق بايان قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرى ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئى ئىنسانلار! ھاراقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىندى، ھاراق بەش تۈرلۈك نەرسىدىن ياسىلىدۇ، ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي ۋە ئارپا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەقىلنى يوق قىلىدىغان(يۆگەيدىغان) ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر.[بۇخارى رىۋايىتى4619-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى3032-ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق ئىچكۈچىلەرگە جازا بىكىتىش ئىشلىرىدا، ھاراق ئىچكۈچىگە بىكىتىلگەن ئوچۇق جازا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا پىشقەدەم ساھابىلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، بۇ جەمئىيەتتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم ئىلىپ كىلىنگەندە، ئۇ ئادەمنى خورمىنىڭ شاخلىرى بىلەن قىرىق قېتىمغا يىقىن ئۇردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ساھابىلار بىلەن كىڭەش ئىلىپ باردى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جازانىڭ يەڭگىلراقى سەكسەن دەررە دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ھاراق ئىچكەن ئادەمنى سەكسەن دەررە ئۇرۇشقا بۇيرىدى.[مۇسلىم رىۋايىتى1706-ھەدىس].

ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر ئىنسان شۇنى ئويلاپ باقسۇنكى! بىر ئىنسان ھاياتى بويىچە مۇسۇلمانلار جەمئىتىنى ھاراقتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجەدە پاكىزلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئاخىرىقى ھاياتىغىچە مۇشۇ پىرىنسىپنى داۋاملاشتۇرۇپ دۇنيادىن كەتسۇن، ئاندىنبۇ پىرىنسىپقا سەل قاراپ ھاراق ئىچسۇن؟!

بۇ راپىزىلارنىڭ تۆھمەتلىرى بولۇپ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ، شىئە-راپىزىلارنى سۈپەتلەپ: "ئۇلار ئومۇمەن ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى ئەڭ يالغانچى كىشىلەردۇر دېگەن". ["پەتىۋالار توپلىمى" 27-توم 125-بەت].

ھەدىس توپلاملىرى ۋە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھېچ بىرىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل تىپىلمايدۇ. بەلكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاراپ ئېچكەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىق ۋەقەلىكىدە بايان قىلىنغان، زەھەرلىك خەنجەر ئۇرۇلغاندىن كىيىن دوختۇر ئۇنىڭغا شاراپ ئىچكۈزگەن.

شاراب (نەبىيز) دېگەن سۆز ھاراققىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. خورما ياكى ئۈزۈمنى سۇغا چىلاپ ئىچىتىلمىغان دەرىجىدە تەييارلانغان ئىچىملىك بولۇپ، ئازراق تەم پەيدا بولغاندا ئىچىشكىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىچكىنى كىيىنكىسى يەنى خورما ياكى ئۆزۈمنىڭ تەمى كىرگەن تاتلىق ئىچىملىكتىن ئىبارەت. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىچكەن، ئالىملار بۇنى ئىچىشنىڭ دۈرۈس ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كەينىگە مىندۈرۈپ بىزنىڭ يىنىمىزغا كەلگەندە ئېچىدىغان نەرسە تەلەپ قىلدى، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قاچا شاراپ كەلتۈردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىچىپ ئاشقىنىنى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەردى ۋە: ناھايتى ياخشى، تەملىك تەييارلاپسىلەر، دائىم شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1316-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئۈزۈم ياكى باشقا مىۋىلەر بىلەن تەمى تاتلىق قىلىنغان، مەس قىلمايدىغان ئىچىملىك بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت چىلانسا مەس قىلغۇچى ئىچىملىككە ئۆرىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىچىش چەكلىنىدۇ". ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 9-توم 64-بەت].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "(نەبىيز) ئىچىملىكىنى قاينىتىلمىغان، تەمى ئۆزگەرمىگەن، تاتلىق ۋاقتىدا ئىچىش دۇرۇس بولىدۇ، ئىسلام ئالىملىرى بۇنى ئىچىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن". ["سەھى مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" (13-توم 174-بەت].

شۇنىڭدىن ھەيران بولىمىزكى! ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىق، پەزىلىتى ۋە ئىمانى قۇۋۋىتى، ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئېچىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىيىنكى ئەڭ ھۆرمەتلىك زات ئىكەنلىكى بۇنىڭغا بارلىق ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇپە مەسچىتىدە مۇنبەردە تۇرۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا گۇۋاھ بولغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق، تۆھمەتچىلەر ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بايان قىلىنغان ئوچۇق دەلىللەرگە نەزەر سالماستىن، (نەبىيز ئىچىملىكىدىن ئىبارەت) ئىككى تەرەپكە ئېھتىماللىقى بولغان بىر سۆز ئارقىلىق ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ. مانا بۇئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلىگەن دىللىرى ساغلام بولمىغان كىشىلەرنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِتەرجىمىسى: دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). [ئال-ئىمران سۈرىسى 7-ئايەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى