جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بىر كىشى ئۆز ھەمراھىغا: "چىرايلىرىدىن بىزگە خۇرسەنلىك كېلىدۇ" دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشىگە خۇرسەنلىك يەتكەندە، ھەمراھىغا:"چىرايلىرىدىن بىزگە خۇرسەنلىك چېقىپ تۇرىدۇ"دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر بىر كىشى ئۆز ھەمراھىغا: "چىرايلىرىدىن بىزگە خۇرسەنلىك كېلىدۇ" دېگەن سۆزنى ئۇ كىشىنىڭ كېلىشىدىن ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ دېگەن بولسا توغرا بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا مەلۇم كىشىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن ھەممەيلەننى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەرسە، كىشىلەر كەلگەن كىشىدىن ياكى، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ چىرايلىقلىقى، چىرايىنىڭ ئوچۇقلۇقى، خوشپىئېللىقىدىن ياخشىلىقىنى مەقسەت قىلىپ دېگەن بولسا، توغرا بولىدۇ.

      ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىدىن بىشارەت ئالمايتتى، بىرەر خىزمەتچىنى بىر يەرگە ئەۋەتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ ئىسمىنى سورايتتى، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەجەپلەندۈرسە، ئۇنىڭ بىلەن خۇرسەن بولاتتى، خۇرسەنلىك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىنەتتى، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ياقتۇرمىسا، ياقتۇرماسلىق چىرايىدا ئىپادىلىنەتتى، بىرەر يۇرتقا كىرسە ئالدى بىلەن شۇ يۇرتنىڭ ئىسمىنى سورايتتى، ئىسمىنى ياقتۇرسا بۇ چىرايىدىن ئىپادىلىنەتتى، ئەگەر ياقتۇرمىسا بۇمۇ چىرايىدىن ئىپادىلىنەتتى. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى]

    بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر ماڭا ئۇچۇر-ئالاقە ئەۋەتمەكچى بولساڭلار، ئىسمى يېقىشلىق ۋە كېلىشكەن كىشىدىن ئەۋەتىڭلار. [بەززار رىۋايىتى4383-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1186-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ ئىسمى ۋە چىرايىدىن ياخشى بىشارەت ئىلىش توغرا بولىدۇ". [تەيسىير 1-توم 57-بەت].

    شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىرايىنىڭ ئوچۇق بولىشىنى ياخشىلىقتىن بىشارەت دەپ قارىغان". 

    شەيخ سالىھ پەۋزاندىن: "بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا: سىلىنىڭ چىرايلىرىدىن بىزگە خۇرسەنلىك نۇرى پارلايدۇ، سىلە كەلگەندىن بىرى سالامەتلىكىم ياخشى بولۇپ، تىجارىتىىم روناق تاپتى دېسە توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ: "بۇنداق دېسە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇمۇ ياخشىلىقنى بىشارەت ئىلىش ھېسابلىنىدۇ، دەيدۇ.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن -145596- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار