پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىرپىكنى زىننەتلەش ۋە بوياش توغرىسىدا

سۇئال

كىرپىكنى ۋاقىتلىق قايرىش ۋە بوياشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زىننەتلىنىش ئەسىلىدە دۇرۇس بولغان ئىش بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئېيىتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟، ئېيىتقىنكى، ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر. ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز.» [سۈرە ئەئراپ 32-ئايەت].

توي قىلغان ئاياللارنىڭ بولسا، ئۇلار ئۈچۈن زىننەتلىنىش مەنپەئەتلىك ئىش بولۇپ، بۇنىڭ ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلاندۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. مەنپەئەتلىك ئىشلار ئەسىلىدىن دۇرۇس بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئۇلارنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىبادەت، يەنە بىرى ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار.

شەرىئەت قائىدىسىدە بېكىتىلگەن بويىچە: ئاللاھ تائالا بىزگە بېكىتكەن ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ پەقەت شەرئى پرىنسىپ بىلەن ئىسپاتلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

ئەمما ئادەتتىكى ئىشلار بولسا: كىشىلەر ئۆزىنىڭ دۇنيا ھاياتىدا ئادەتلەنگەن ۋە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ ئىشلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىر چەكلىمە كەلمىگىچە چەكلەنمەيدۇ.

ئەسلىدە ئادەتتىكى ئىشلار ئەپۇ قىلىنىدۇ ۋە چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭدىن پەقەت ھارام قىلىنغانلىرى چەكلىنىدۇ. بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە قارىساق: قُلْ أَرَأَيْتُم مَّا أَنزَلَ اللَّـهُ لَكُم مِّن رِّزْقٍ فَجَعَلْتُم مِّنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا قُلْ آللَّـهُ أَذِنَ لَكُمْ أَمْ عَلَى اللَّـهِ تَفْتَرُونَ تەرجىمىسى: ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟. [سۈرە يۈنۈس 59-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنى ئەيىبلىگەن چۈنكى ئۇلار دىندىن ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى يولغا قويغان يەنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغان. بۇ مەنپەئەتلىك بولغان ئاساسى قائىدە ھېسابلىنىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 16-17-بەت].

كىرپىكنى زىننەتلەش ۋە بوياش توغرىسىدا شەرىئەتتە بىر چەكلىمە بارلىقىنى بىلمەيمىز، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدىگە ئاساسەن بۇنداق قىلىش ئەسلى دۇرۇس بولغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ زىنەتلىرىنى يات ئەرلەرگە ئاشكارا قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 113725 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى