پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

كۇپۇرنىڭ تۈرلىرىدىن: شەك قىلىش بىلەن كاپىر بولۇش

سۇئال

تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ سەۋەبىدىن دۇنيادا شەك قىلغۇچىلارغا ئازاب قىلىنامدۇ ياكى كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟ ئۇلار قەبىرگە قويۇلغاندا شەك قىلغان نەرسىلەرنىڭ بەزىسى ئۇلارغا ئايان بولىدۇ، ئىككى پەرىشتە كېرىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن:«قايسى دىندا ئىدىڭ؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: بىلمەيمەن، دەيدۇ، بۇ ئەر ( يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ دېگەندە، ئۇ: كىشىلەرنىڭ بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ شۇنداق دېگەن ئىدىم،- دەيدۇ، ئۇنىڭغا جەننەت تەرەپتىن بىر يوچۇق ئېچىلىدۇ، ئۇ يوچۇقتىن جەننەتنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەرگە قارايدۇ، ئۇنىڭغا: ئاللاھ سېنىڭدىن ئۆزگەرتكەن نەرسىگە قارا! دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاخ تەرەپتىن بىر يوچۇق ئېچىلىدۇ، ئۇ يوچۇقتىن دوزاخقا قاراپ، دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىنى پاچاقلاۋاتقىنىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا: بۇ سېنىڭ ئورنۇڭ، سەن شەك قىلدىڭ، شەك بىلەن ئۆلدۈڭ، ئاللاھ خالىسا شەك ئۈستىگە تىرگۈزۈلىسەن دېيىلىدۇ. ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ توغرىسىدا ياكى پەرىشتىلەر توغرىسىدا ياكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ياكى قىيامەت توغرىسىدا ياكى جەننەت ياكى دوزاخ توغرىسىدا ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرى توغرىسىدا شەك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَذِهِ أَبَدًا * وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَى رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا * قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا تەرجىمىسى: «ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن، شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن، ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ كەھىپ سۈرىسى 35-37- ئايەتكىچە.

   ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھدىن باشقا ھىچبىر ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۆزۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ھەر قانداق بەندە بۇ ئىككى سۆزدە شەك قىلماستىن ئاللاھقا ئۇچراشسا جەننەتكە كېرىدۇ.  [مۇسلىم رىۋايىتى 27-ھەدىس].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ماڭا سىلەرنىڭ قەبىردە ئىمتىھان قىلىنىدىغىنىڭلار ۋەھى قېلىندى، بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە بىلىسەن؟ دېيىلىدۇ، مۇئمىن ياكى ئىشەنچ قىلغۇچى: ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇ بىزگە ئوچۇق دەلىلنى، ھىدايەتنى ئېلىپ كەلدى، بىز ئۇنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ ئۈچ قېتىم،- دەيدۇ، ئۇ كىشىگە: ياخشى ئۇخلىغىن، بىز سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق،- دېيىلىدۇ. ئەمما مۇناپىق ياكى شەك قىلغۇچى: بىلمەيمەن، كىشىلەرنىڭ بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ شۇنى دېدىم،- دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 86-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 905-ھەدىس].

   شەيخ ئابدۇلئەزىز راجىھى مۇنداق دېگەن: "ئىنسان شەك قىلىش بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ توغرىسىدا، پەرىشتىلەر توغرىسىدا، كىتابلار توغرىسىدا، پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا، جەننەت ياكى دوزاخ توغرىسىدا شەك قىلسا، جەننەت دېگەن نېمە؟ ياكى جەننەتتە نېمە بار؟ ياكى دوزاخ دېگەن نېمە؟ ياكى دوزاختا نېمە بار؟ بىلمەيمەن،- دېسە، بۇ شەك بىلەن كاپىر بولىدۇ". 

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىبنى ماجە (4268) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس مۇشۇ مەنادا چۈشىنىلىدۇ. ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىت قەبىرگە قويۇلغاندا، ئۇنىڭ قەبرىسىدە قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك بولماي، ياخشى بىر كىشى ئولتۇرغۇزىلىدۇ... ھەدىسنىڭ ئاخىردا: ئۇنىڭ قەبرىسىدە ئەنسىز، قورقۇنچلۇق ناچار بىر كىشى ئولتۇرغۇزۇلىدۇ، مېيىىتكە: قايسى دىندا بولغانتىڭ؟ دېيىلىدۇ، ئۇ: بىلمەيمەن،- دەيدۇ، بۇ ئەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) توغرىسىدا قانداق قاراشتا بولغان ئىدىڭ؟ دېيىلىدۇ، ئۇ: كىشىلەرنىڭ بىر سۆزلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ شۇ سۆزنى دېدىم،- دەيدۇ، ئۇنىڭغا جەننەت تەرەپتىن بىر يوچۇق ئېچىلىدۇ، ئۇ يوچۇقتىن جەننەتنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەرگە قارايدۇ، ئۇنىڭغا: ئاللاھ سېنىڭدىن ئۆزگەرتكەن نەرسىگە قارا! دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاخ تەرەپتىن بىر يوچۇق ئېچىلىدۇ، ئۇ يوچۇقتىن دوزاخقا قاراپ، دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىنى پاچاقلاۋاتقىنىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا: بۇ سېنىڭ ئورنۇڭ، سەن شەك قىلدىڭ، شەك بىلەن ئۆلدۈڭ، ئاللاھ خالىسا شەك ئۈستىگە تىرگۈزۈلىسەن دېيىلىدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھالىغان].

شەيخ سىندى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس دۇنيادا ئىشەنچ ئۈستىدە بولغان كىشى ئادەتتە شۇ بويىچە ۋاپات بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك شەك ئۈستىدە بولغان ئادەمنىڭمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ["سىندىينىڭ ئىبنى ماجەگە يازغان ھاشىيەسى" 2 -توم 568-بەت].

   كىم ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدە شەك قىلىپ، شەكلىك ھالەتتە ئۆلسە كاپىر بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىسىدىن ئىشەنچنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى