دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بېرىشنىڭ بەلگىلىمىسى توغرىسىدا

سۇئال

بۇ يەردە بىر ئىجتىمائىي خىزمەتچى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە ئائىلىنىڭ ساغلاملىق ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىغا كۆپ ياردەمدە بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆيىمىزگە يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋسترالىيە ئارزۇ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ماشىنىسىنى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئائىلىلىكلەر ماشىنا قويىدىغان جايدا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى مۇسابىقە مەيدانى ئەتراپى بەك زىچ بولۇپ ماشىنا قويىدىغانغا ئورۇن تاپقىلى بولمايدۇ، مۇسابىقە ئوينايدىغان ئويۇنچىلار يوتىسىنى ياپمايدىغان كالتە كۇسارلارنى كىيىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە مۇسابىقىغا قاتناشقانلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇزىكانتلار گۇرۇپىسى ساز چېلىپ، ھاراق قويۇپ، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدۇ، مەن ئۆينىڭ يېنىدا ماشىنىسىنى قويۇشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن ئۆزۈمنى گۇناھ-مەسىيەت قىلغانغا ياردەم بەرگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم، بىزنىڭ خىزمەت ئالاقىمىز بار شۇنداقلا بىزگە كۆپ ياردەم قىلغانلىقى ئۇچۇن ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم، ئەمدى ئۇنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىشنى قارار قىلدىم، مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى قايسى؟.

ئىككىنچى سوئالىم: بۇ مېنىڭ يېقىنلىرىمدىن بولغان ئوقۇش ئۈچۈن جازانە شەكىلدە قەرز ئىلىشقا ئالاقىدار مەسىلە، ئەگەر يىل ئارىسىدا ئالغان قەرزنى ئۆتىيەلمىسە ئۆسۈم بىلەن قايتۇرىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتىيەلەمدۇ ياكى ئۆتىيەلمەمدۇ بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن ئاساسەن ئۆتىيەلمەيدۇ، قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا كىرىش ئۈچۈن مېنىڭ خاس كومپىيۇتۇرۇمنى ئىشلەتتى، ئۇ سەۋەپتىن ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟.

جازانە يولى بىلەن قەرز ئىلىپ ئوقۇۋاتقان بىرىنى دەرس جەريانىدا مېنىڭ خاس كومپىيۇتۇرۇمنى ئىشلىتىشتىن چەكلىشىم توغرا بولامدۇ؟، مۇشۇنداق ھالەتتە، ھەتتا مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئېلىپ بارسىمۇ: «سېنى شەككە تاشلىغان ئىشنى تەرك قىلىپ، شەككە تاشلىمىغان ئىشنى قىلغىن» دېگەن قائىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنامدۇ؟. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: گۇناھ -مەسىيەتكە ياردەم بېرىش ھارام بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھىدايەتكە چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەجىرنىڭ ئوخشىشىدا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھىچ نەرسە كېمەيمەيدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشى ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشىدا گۇناھ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 4831-ھەدىس].

بۇنىڭدىن باشقىمۇ گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار، جازانە ئىشلىرىنى يازغان، شاھىت بولغانلارغا لەنەت قىلغانلىق، ھاراق كۆتۈرگۈچى، ھاراقنى سىققۇچى قاتارلىقلارغا لەنەت قىلىش قاتارلىقلار.

لېكىن ھارامنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش ئەمەس بەلكى ھارام ئىشنى قىلغۇچىغا ياردەم بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ، يەنى ھارام ئىشنى مەقسەت قىلىدىغان كىشىگىمۇ ياردەم بېرىش توغرا ئەمەس ياكى يېقىندىن ياردەم بېرىش خۇددى ھاراقنى كۆتۈرۈشكە، جازانە ئىشلىرىنى يېزىپ بېرىشكە ياردەملەشكەندەك.

ئەمما گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن يىراقتىن ياردەم بېرىش ھارام بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ھارام بولسا كىشىلەرگە زور قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: كاپىرلار بىلەن ئىلىم-سېتىم، قەرز ۋە گۆرە مۇئامىلىلىرىنى قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن، شۇنداقلا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇ كاپىرلارنىڭ مالدىن پايدىلىنىشى، كۈچلىنىشى، ئۇنى جازانە قاتارلىق ھارام ئىشلارغا ئىشلىتىشىدىن ئىبارەت گۇناھ-مەسىيەتكە يىراقتىن ياردەم بېرىشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسىمۇ، شەرىئەت بۇ شەكىلدىكى ياردەمنى بىكار قىلىۋەتمىگەن.

ئامېرىكا شەرىئەت پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ ئەزاسى دوكتۇر ۋەلىيد مىنىيسى مۇنداق دەيدۇ: “گۇناھ-مەسىيەت، دۈشمەنلىككە ياردەم بېرىش بەلگىلىمىسىنىڭ تېمىسى ھىجىرىيە 1428-يىلى بەھرەيندە ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئامېرىكا شەرىئەت پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ ئەزاسى ئارىسىدا كۆپ مۇنازىرە ۋە ئۇزۇن تەتقىقات ئىلىپ بېرىلغان تېمىدۇر.

ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: گۇناھ-مەسىيەت، دۈشمەنلىككە ياردەم بېرىش تۆت قىسىم بولىدۇ:

1-مەقسەتلىك بىۋاستە ياردەم بېرىش: باشقىلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە ياردەم بېرىش نىيىتى بىلەن ھاراق سۇنۇپ بېرىش.

2-مەقسەتسىز بىۋاستە ياردەم بېرىش: باشقىلارنىڭ ھارامغا ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن ئىشلىتىش دۇرۇس بولمايدىغان ھارام نەرسىلەرنى سېتىش.

3-بىۋاستە قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن ياردەم بېرىش: باشقا بىرىگە ھاراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل بىلەن بۇنىڭدىن ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىشقا سەۋەپ بولۇش.

4-بىۋاستە ياردەممۇ بەرمەسلىك ۋە مەقسەتمۇ قىلماسلىق: ھالالغا ۋە ھارامغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھارامغا ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن سېتىش، بىر ئادەمگە پۇل بېرىپتۇ، ئەمما ئۇنى ھاراق سېتىۋېلىشى ئۈچۈن بەرمەپتۇ، ئەگەر پۇلنى ئالغان ئادەم ھاراق سېتىۋېلىپ ئىچكەن بولسا پۇلنى بەرگۈچى ھارامغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىلا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ.

مۇشرىكلار بىلەن ۋە پاسىق-پاجىر مۇسۇلمانلار بىلەن ئىلىم-سېتىم قىلىش، ئىجارە ئىشلىرىنى قىلىش، ئۇلارغا مال سەدىقە قىلىش قاتارلىقلار تۆتىنچى قىسىمنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

شەرىئەت پىقھى مەجمۇئەسى: يۇقىرىدىكى تۆت قىسىمنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ قىسىمنى ھارام دەپ ۋە تۆتىنچى قىسىمنى دۇرۇس دەپ قارار قىلدى، چۈنكى ئۇ بىۋاستىمۇ ئەمەس ۋە مەقسەت قىلىنغانمۇ ئەمەستۇر”.

تۆتىنچى تۈردىن: ئۆز گۇمانەدا ياكى تەجرىبىسىگە كۆرە بۇنى سېتىۋالغۇچى ھارامغا ئىشلىتىدۇ دېگەن قاراش كۈچلۈك بولسا ئۇنى ساتماسلىق ئەگەر ساتسا ھارامغا ياردەم بولىدىغانلىقى ئىستىسنا قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن پىقھى ئالىملىرى: گەرچە قورال ۋە ئۈزۈم ھالالغا ئىشلىتىلسىمۇ ھاراق ياسايدىغان كىشىگە ئۈزۈم سېتىشنى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش پىتنىسى بولۇۋاتقاندا قورال سېتىشنى چەكلىگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەر قانداق بىر كىيىمنى گۇناھ-مەسىيەت قىلىشقا كېيىدىغانلىقى كۈچلۈك گۇمان قىلىنسا، ئۇنى سېتىش ياكى تىكىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تىكىپ بەرسە گۇناھ-مەسىيەت ۋە زۇلۇمغا ياردەم بەرگەن بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ئەسلىدە دۇرۇس بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ئاسىيلىققا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلىنسە ئۇنى سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ”. [ئۇمدىنىڭ شەرھىسى”4 -توم 386-بەت].

سىزنىڭ سوئالىڭىزغا قايتساق، ئەگەر ئۇ خىزمەتچىنى مۇسابىقە ئورنىغا ماشىنىسى بىلەن يەتكۈزۈپ قويۇش ياكى ئۇنىڭغا كېرىش بېلىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار گۇناھ مەسىيەتكە بىۋاستە ياكى يېقىندىن ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ ماشىنا توختىشىغا رۇخسەت قىلىش دېگەن يىراقتىن ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئارىسىدا باغلىنىش بولمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا مۇسابىقە كۆرگىلى بارمايدۇ، بېرىپ قالغاندىمۇ چەكلەنگەن ئورۇنلارغا قاراش ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى دېگەندەك ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالمايدۇ.

ئەسلىدە گۇناھ-مەسىيەتكە بېرىش بىلەن گۇناھ-مەسىيەت بىلەن جۇغلىنىدىغان دۇرۇس بىر ئىشقا بېرىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك، پىقھى ئالىملىرىمۇ ئۆينى ھاراقخانا قىلىدىغان كىشىگە ئىجارە بېرىش بىلەن ئۆينى بەزى ۋاقىتتا ھاراق ئېچىپ قالسىمۇ ئاساسەن نورمال ئولتۇرىدىغان كىشىگە ئىجارە بېرىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، بىرىنچىسىگە ئىجارە بېرىشنى ھارام دېدى، ئىككىنچىسىگە بېرىشنى دۇرۇس دېدى.

ھەقىقەتەن بىۋاستە ياردەم بېرىش بىلەن بىۋاستە ياردەم بەرمەسلىك، يېقىندىن ياردەم بېرىدىغان بىلەن يىراقتىن ياردەم بېرىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئارقىلىق ئىشلارنى تەتبىقلىغاندا، شاخچە مەسىلىلەرگە چۈشۈرگەندە پەرقلىق بولىدۇ.  بۇ توغرىدا پىقھى ئالىملىرى بەك ئىجتىھاد قىلىدۇ، قاراشلار ئوخشىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا پىقھى ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ياردەم ئېلىش كېرەك.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  خىزمەتچىنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ خاس ئورنىڭىزدا توختىتىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىڭىز ئەۋرەتلەرگە قاراش ۋە ھارام مۇزىكىلارنى ئاڭلاش قاتارلىق گۇناھ -مەسىيەتكە بىۋاستە ياردەم بېرىشمۇ ئەمەس ۋە يېقىندىن ياردەم بېرىشمۇ ئەمەس، ياكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى باشقا مۇنكەر ئىشلارنى كۆرۈشكە ياردەم بېرىشمۇ بولمايدۇ، بەلكى ئۇ شۇ كىشىگە ياردەم بېرىشتۇر. بۇ خۇددى يېمەك سېتىپ بېرىش، ئىچىملىك سېتىپ بېرىش ۋە كىيىم سېتىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تۈرىدىن بولۇپ، بۇنى ئۆزىنى كۈچلاندۇرۇپ سالامەتلىكىنى ساقلاپ ھارام ئىشنى قىلىدۇ دەپ ھارام قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەقسەت قىلماستىن يىراقتىن ياردەم بېرىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى مۇلاھىزە قىلمىغان، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، كاپىرلار بىلەن ئىلىم-سېتىم ۋە تىجارى مۇئامىلە قىلىشنى دۇرۇس قىلغان.

ئىككىنچى:  يېقىنىڭىزنىڭ سىزنىڭ كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىمتىھان بېرىپ دەرسكە قوبۇل بولىشىغا رۇخسەت قىلسىڭىز خاتا بولمايدۇ، گەرچە دەرسنى بەزى بىر جازانە قەرز بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئوقۇغان دەرسى دۇرۇس، سىز ئۇنىڭ قەرز ئىلىشىغا ئەمەس بەلكى دەرسىگە ياردەم بەرگەن بولدىڭىز.

سىزنىڭ كومپىيۇتۇرىڭىزنى بۇ ھارام قەرزنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى ھارام بولىدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھقا ياردەم بېرىش بولىدۇ.

شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، جازانە شەكىلدە قەرز ئىلىش گۇناھ بولسىمۇ ئەمما قەرزنى ئالغاندىن كېيىن ئۇ مالغا ئىگە بولىدۇ، ئۇنى يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل خالاس بولۇش كېرەك بولمايدۇ.

سىز بۇ يېقىنىڭىزغا ياكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئىشلىرىغا ياردەمدە بولسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ.

ئۈچىنچى:  ئەگەر توغرا شەكىلدىكى قەرزگە كېچىكىپ قالسا جازا ئۆتەشنى شەرت قىلىش ھارام بولىدۇ، بۇ جازانىنى ئىقرار قىلغانلىق، ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ جازانىگە چۈشۈپ قالغانلىقتۇر.

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ مەككىدىكى دۇنيا ئىسلام بىرلىكى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئون بىرىنچى قۇرۇلتاينىڭ سەككىزىنچى قارارىدا:  قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئالغان قەرزنى ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرمىسا مەلۇم نىسبەتتە ياكى مىقداردا ئىقتىسادى جازا ئۆتەشنى شەرت قىلغان بولسا ياكى بېكىتكەن بولسا، بۇ شەرت باتىل (بىكار) بولىدۇ. ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى بۇ شەرتنى بانكا قىلسۇن ياكى باشقىسى قىلسۇن توغرا بولمايدۇ. بۇ قۇرئان كەرىم ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان جاھىلىيەتنىڭ جازانىسىنىڭ ئۆزىدۇر”.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى