سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدىكى دەلىللەر ئۇنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟

سۇئال

سىلەرنىڭ تور بىتىڭلاردىن قۇربانلىق قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پەتىۋانى ئوقۇدۇم، ئەمما تور بەتتە بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرىدىغان كۈچلۈك دەلىل تىپىلمىدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەرنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار؟. يەنە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان 3123- نومۇرلۇق ھەدىستىكى: قۇربانلىق قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى بىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايلىرىمىزغا يېقىن كەلمىسۇن دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟.

قىسقىچە جاۋاپ

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىختىلاپ بولۇپ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا مۇستەھەب دېگەن قاراش كۈچلۈكتۇر. شارائىتى بولۇپ تەقۋادارلىق يولىنى تۇتقانلار قۇربانلىق قىلىشنى تەرك قىلمايدۇ، يۇقىرىدا ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلغاندەك قۇربانلىق قىلىش بولسا ئېھتىيات ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىدۇر.    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "قۇربانلىق قىلىش ۋە مال بوغۇزلاشنىڭ ھۆكۈملىرى"، ھىسامىدىن ئەپانەنىڭ "قۇربانلىق ھۆكۈملىرىنىڭ تەپسىلاتى" قاتارلىق ئەسەرلىرىگە قارىسۇن. قۇربانلىق مەسىلىلىرى بۇ ئەسەرلەردە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىنغان.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان مەشھۇر مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر، كۆپچىلىك ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرىدۇ. ئەمما ھەنەپى مەزھەب ئۆلىمالىرى، ئىمامى ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە ۋە ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشىدا، شارائىتى بولغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قېلىشى ۋاجىپ دېگەن قاراش تاللانغان.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ قارايدۇ.

    بۇ توغرىدا، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، بىلال ۋە ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى قاتارلىقلاردىن (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان، سۈۋەيد ئىبنى غەپلە، سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئەلقەمە، ئەسۋەد، ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، ئىمام شاپىئى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئەبۇ سۆر ۋە ئىبنى مۇنزىر قاتارلىق ئۆلىمالارمۇ قۇربانلىق قىلىشنى سۇننەت دەپ قارايدۇ، ئەمما رەبىئە، مالىك، سەۋرىي، ئەۋزائى، لەيس ۋە ئەبۇ ھەنىپە قاتارلىق ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى بىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايلىرىمىزغا يېقىن كەلمىسۇن.

    مىخنەپ ئىبنى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەي ئىنسانلار! ھەر ئائىلە ئۈچۈن ھەر يىلى قۇربانلىق مال ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ.

    سۈننەت دېگەن ئۆلىمالارنىڭ دەلىلى: دارى قۇتنىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك ئىش ماڭا پەرىز قىلىندى ئەمما سىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر، يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋېتىر، قۇربانلىق ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى، دېگەن.

    چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، چاچ-ساقال ۋە بەدەن مويلىرىدىن بىر نەرسەلەرنى ئالماسلىقى كېرەك. [مۇسلىم رىۋايىتى].

   بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت-ئىرادىگە ئالاقىدار قىلىپ قويدى، ۋاجىپ مەقسەت-ئىرادىگە ئالاقىدار بولمايدۇ. ["ئەلمۇغنىي"11-توم 95-بەت].

   ئىككىنچى: ھەر ئىككى قاراشتىكى ئۆلىمالار بىر قانچىدىن دەلىللەرنى كەلتۈردى، لېكىن ئۇ دەلىللەرنىڭ ئىسنادى تەنقىتتىن خالى ئەمەس ياكى ئۇنى دەلىل كەلتۈرۈشتە تالاش-تارتىش بار، بىز بۇ توغرىدا مۇھىم بولغان سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن كۇپايە قىلىمىز:

     ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن بىرىنچى ھەدىسى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى بىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايلىرىمىزغا يېقىن كەلمىسۇن. [ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان3123-ھەدىس].

    بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىشكە ھەدىس ئۆلىمالىرى قايىل بولمايدۇ، ئۇلار بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئەمەس بەلكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.

    بەيھەقى ئۆزىنىڭ "سۈننەت" ناملىق ئەسىرى 9-توم 260-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئەبۇ ئىسا تىرمىزىنىڭ: بۇ ھەدىس توغرا قاراشتا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا توختايدۇ، بۇ ھەدىسنى جەپەر ئىبنى رەبىئە ۋە باشقىلار ئابدۇرەھمان ئەل ئەئرەجدىن ئۇ كىشى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان دېگەن سۆزى يەتكەن".

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد ئىشەنچىلىك راۋىيلاردىن كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەنلىكى ۋە ساھابىدا توختاپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار، تاھاۋى ۋە باشقا ئۆلىمالار توغرىسى بۇ ھەدىسنىڭ ساھابىدا توختىغانلىقى دەپ قارايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلەنمەيدۇ، دەيدۇ. ["پەتھۇل بارى"12-توم 98-بەت].

    ئىبنى ئابدۇلبەر، ئابدۇلھەق ئىشبىلى"ئوتتۇرھال ھۆكۈملەر" 4-توم 127-بەتتە، مۇنزىرى"ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب"دە، ئىبنى ئابدۇلھادىي"ئەتتەنقىئ"2-توم 498-بەتتە بۇ ھەدىسنى ساھابىدا توختىغانلىقىنى كۈچلاندۇرىدۇ. ["سۈنەن ئىبنى ماجەنىڭ بىكىتىلگەن شەرھىسى"4-توم 303-بەتكە قارالسۇن].

    ئىككىنچى ھەدىس: ئەبۇ رەملەتە مىخنەپ ئىبنى سۇلەيمدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ قىلغان رىۋايەتتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەي ئىنسانلار! ھەر ئائىلە ئۈچۈن ھەر يىلى قۇربانلىق مال ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2788-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1596-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3125-ھەدىس].

    ھەدىسنىڭ راۋىسى ئەبۇ رەملە دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى ئامىر بولۇپ، ئۇ ئېنىقسىز كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەدىسنى زەئىپ(ئاجىز) دېگەن.

    خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ چېقىش ئورنى زەئىپ(ئاجىز)، ئەبۇ رەملە دېگەن كىشى تونۇشلۇق ئەمەس". [مەئالىم ئەسسۈنەن"2-توم 226-بەت].

   زەيلەئى مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇلھەق بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى زەئىپ دېگەن، ئىبنى قەتتان: بۇ ھەدىسنىڭ ئىللىتى، ئامىر ئىسىملىك ئەبۇ رەملە دېگەن كىشىنىڭ تونۇشلۇق بولمىغانلىقى، ئۇ كىشى ئىبنى ئەۋۇن ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان مۇشۇ رىۋايەتتىن باشقىدا بىلىنمەيدۇ". ["نەسبۇر رايە"4-توم 211-بەت].

    ئەمما قۇربانلىق قىلىشنى مۇستەھەب ياكى سۈننەت دېگەن قاراشتىكىلەرمۇ سەھىھ ھەدىستىن بىر قانچىنى دەلىل كەلتۈردى، ئۇنىڭ مۇھىملىرى ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ زىكىر قىلغان تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىس:

    بىرىنچى ھەدىس: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك ئىش ماڭا پەرز ئەمما سىلەر ئۈچۈن نەپلە-سۈننەت، ئۇ بولسىمۇ، ۋېتىر، قۇربانلىق ۋە چاشكا نامىزى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 2050-ھەدىس. بەيھەقى رىۋايىتى 2-توم 467-بەتتە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەدىسنى ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كۆپچىلىك ئالىملار زەئىپ دېگەن، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ يادروسى ئەبۇ جەناب كەلبىىنڭ ئىكرەمەدىن قىلغان رىۋايىتىگە توختىلىدۇ، ئەبۇ جەناب دېگەن ھەدىستە زەئىپ(ئاجىز)ۋە ساختىپەزلىك قىلغۇچىدۇر، ۋە ئەنئەنە بىلەن كەلتۈرىدۇ(پالانىدىن دېگەندەك)، ئىمام ئەھمەد، بەيھەقى، ئىبنى سىلاھ، ئىبنى جەۋزىي، نەۋەۋىي ۋە باشقا ئالىملار بۇ ھەدىسنى مۇتلەق زەئىپ دېگەن". ["تەلخىسىل ھەبىير" 2-توم 45-بەتتىن ئېلىندى، ۋە 2-توم 258-بەتكە قارالسۇن].

    ئىككىنچى ھەدىس: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، چاچ-ساقال ۋە بەدەن مويلىرىدىن بىر نەرسەلەرنى ئالماسلىقى كېرەك. [مۇسلىم رىۋايىتى1977-ھەدىس].

    ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا دېگەن مۇنۇ سۆزى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىشنى ئۇ كىشىنىڭ مەقسەت-ئىرادىسىگە تاپشۇردى، ئەگەر ۋاجىپ بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، قۇربانلىق قىلمۇغىچە بەدەن مويلىرىدىن بىرنەرسە ئالمىسۇن دەيتتى. ["ئەل مەجمۇئ"8-توم 386-بەت].

    لېكىن بۇ دەلىل مۇناقىشە قىلىشتىن خالى ئەمەس، چۈنكى قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت-ئىرادىسىگە تاپشۇرۇش دېگەن ئۇنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ قارىشىمدا، دەلىل بولۇپ قالسا قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت-ئىرادىگە تاپشۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: بۇ ئورۇنلار ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت-ئىرادە قىلىپ مۇشۇ جايدىن ماڭغۇچىلار ۋە باشقا جايدىن كېلىپ مۇشۇ يەردىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ھەدىسمۇ باشقا ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەج-ئۆمرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى چەكلەپ قويالمايدۇ.... قۇربانلىقمۇ قېيىنچىلىقى بار يەنى قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان كىشىگە ۋاجىپ بولمايدۇ، قۇربانلىق قىلىشقا شارائىتى بار ۋە شارائىتى يوق دېگەننى ئېتىبارغا ئىلىش بىلەن كىشىلەرنى قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى ۋە مەقسەت قىلمۇغۇچى دەپ ئايرىساق، بۇ ئايرىشمۇ توغرا بولىدۇ. ["مال بوغۇزلاش ۋە قۇربانلىق ئەھكاملىرى"47-بەت].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ دېگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى بەزى ئۆلىمالار ھەسەن دېگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ھەدىسلەرگە قارىتا ئالىملارنىڭ پىكىرلىرى بار. شۇنىڭدەك قۇربانلىق قىلىش مۇستەھەب دېگەن ھەدىسلەرمۇ ئىسناد تەرەپتىن بەك زەئىپ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "قۇربانلىق قىلىش ۋە مال بوغۇزلاشنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق ئۇزۇن رىسالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:"يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ۋە دەلىللىرى بولۇپ، قۇربانلىق ئەھمىيتى ۋە ئۇنىڭ دىندىكى ئورنىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى كەلتۈردۇق، بۇ توغرىدىكى دەلىللەر يېتەرلىك بولۇپ، ئىھتىيات يولىنى تۇتقاندا، قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان كىشىلەر قۇربانلىقنى تەرك قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، زىكىر قىلىش ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بار.

    ئۈچىنچى: تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىشمۇ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۇچلاندۇرىدۇ:

    بىرى: ئەسلىدە مەسئۇلىيەت بولماسلىق، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە توسالغۇدىن خالى بولغان ساغلام دەلىل كەلمىگەن ئەھۋالدا، ئەسلى قائىدە بويىچە ۋاجىپلىقى بېكىتىلمەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى شارائىتى بولۇپ تۇرۇقلۇق ۋاجىپ بولماستىن بەلكى سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېمىز ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، ساھابىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاختىدا ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قۇربانلىق قىلغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلغان، شەرىئەتتە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن بولۇپ، ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ دەلىلى ئاجىزدۇر". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 36-بەت].

    ئىككىنچىسى: ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان سەھىھ ئەسەرلەر.

   سەھىھ بولغان ئەسەرلەردە، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلمىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

    بەيھەقىي "سۈننەت ۋە ئەسەرلەرنى بىلىش" ناملىق ئەسەر 14-توم 16-بەت 18893-نۇمۇرلۇق ئەبى سەرھەدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ زامانىدا ياشىدىم، ئۇلار مېنىڭ خوشنام ئىدى، ئۇلار قۇربانلىق قىلمايتتى".

    بۇ ئەسەردىن كېيىن بەيھەقى مۇنداق دەيدۇ: "بىز سۈننەت كىتابلىرىدا سۇپيان ئىبنى سەئىد ئەسسەۋرىيدىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دادىسىندىن ۋە مۇتەررىپ ۋە ئىسمائىلدىن، ئۇ شەئبىيدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىدە: كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىككەيلەنگە ئەگىشىۋىلىشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن دەپ كەلتۈرۈلگەن". ["سۈنەنۇن كۇبرا"9-توم 444-بەتتىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان].

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇئ 8-توم 383-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇلار توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى بەيھەقى ۋە باشقا ئۆلىمالار ھەسەن ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان".

    ھەيسەمى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەسەرنى تەبرانى "ئەلكەبىر"دە رىۋايەت قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ راۋىلىرى سەھىھ راۋىلار دېگەن". "مەجمۇئۇز زەۋائىد"4-توم 18-بەت. بۇ ئەسەرنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئەلئىرۋا"4-توم 354-بەتتە كەلتۈرگەن.

    بەيھەقىي 9-توم 445-بەتتە، ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنسارىدىن بولغان ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ: "مېنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا شارائىتىم بولسىمۇ، خوشنىلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ ئىكەن دەپ ئويلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قۇربانلىق قىلمايمەن" دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەرنىمۇ شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەل ئىرۋادا" كەلتۈرگەن.   

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى