پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانى مەسخىرە قېلىدىغان سۆزلەرنى ئىلان قىلغان توربېكىتىدىن بەزى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلىرىنىڭ سۈپەتلىرىدە ئاللاھ تائالانى مەسخىرە قېلىدىغان بەزى سۈپەتلەر تېپىلىدىغان تور بەتلىرىنىڭ ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلىرىنى تەلەپ قىلىپ سېتىۋېلىش توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئىشلەپ چېقىرىلغان تاۋارلاردا سەلىپكە ئوخشاش كاپىرلارنىڭ بەلگىلىرى بولسا ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالانى مەسخىرە قىلغانغا ئوخشاش كۇپىر سۆزلىرى يېزىلغان بولسا، بۇنداق نەرسىلەرنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ساتقان ياكى سېتىۋالغاندا كاپىرلارنىڭ تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلىرىنى تارقىتىشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلىرىنى سېتىش ياكى سېتىۋىلىشنى توختىتىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا كەسكىن رەددىيە بېرىش زۆرۈر بولىدۇ.

   بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى تور بەتتە بىرقانچە ئورۇندا تەپسىلى بايان قىلدۇق، بۇ ھەقتە 126602- 47060-ۋە 112052-نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئەمما ئىشلەپ چېقىرىلغان تاۋارلار كۇپىرنىڭ ئالامەتلىرى ياكى كۇپرى سۆزلەردىن خالى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تونۇشتۇرۇشقا مەسخىرىلىك سۆزلەر يېزىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىك قىلمىشىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىش ياكى سېتىۋېلىشنى توختىتىش زۆرۈر بولىدۇ.

   ئۇلارغا دىننى ۋە دىنى شۇئارلارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ كىشىلەرنى ئۇلار ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلارنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنداق سۈپەتلەرنى دەرھال ئۆچۈرۋېتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماددىغا چوقۇنىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستىلارنى قوللىنىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۇلاردىكى ئۆچمەنلىك ۋە ھاماقەتلىك ئۈستۈن كېلىپ مۇشۇنداق ئىشلارنى قېلىدۇ، ياكى دىنسىزلارنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چېقارغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۈچۈن شۇنداق قېلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بەندىلىرىنى مۇشۇنداق كاپىرلارنىڭ تاۋارلىرىغا ئېھتىياجلىق قىلمىدى، بەكرەك ئىزدەنگەن كىشى مۇسۇلمانلاردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولغان تاۋارلارنى تاپالايدۇ، دىنى مەنپەئەت ۋە دىننى ھېمايە قىلىش تۈرتكىسى، ئىنساننى ناچار قىلمىشلارنى ئىنكار قىلىشنى بارلىق ماددى مەنپەئەتلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

 ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]