يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ساپ چۈش ۋە قالايمىغان چۈش توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ تىڭىرقاشلىرىمغا ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن، مەن بەش كۈن ئىلگىرى ئىستىخار نامىزى ئوقۇدۇم، مەن ئاللاھنى ۋە ئىسلامنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مۇسۇلمان بولمىغان بىر كىشىنى مۇسۇلمان قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بېرىشنى سورىدىم، مەن بۇ پىكىرگە بەك ھەۋەس قىلىمەن، چۈنكى مەن چىن دىلىمدىن ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ھاياتىمدا بىر قېتىم بولسىمۇ روياپقا چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئارزۇيۇمدۇر. ئاللاھ تائالادىن ئىستىخار نامىزىدا مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنىڭ روياپقا چىقىشىنى ۋە مېنى ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلىشنى سورىدىم.

   لېكىن شۇ كۈنى ئەتتىگەندە چۈشۈمدە، مەن تاغامنىڭ ئوغلى بىلەن تەتىلنى ئۆتكۈزىمىز دەپ بىر مېھمانخانىدا تۇرىمىشمىز، (ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىسىز ھېچ ئىش بولمايدۇ) بىز قولىمىزدا يېشىل رەڭلىك شاراپ تۇتۇپ ئۇنى تېتىشقا تەلمۈرۈپ تۇرىمىشمىز، ھەقىقەتەن ئۇنى ئىچتۇق، (ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىسىز ھېچ ئىش بولمايدۇ). ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چوڭ ئاكامنىڭ مېھمانخانىغا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ تاغامنىڭ ئوغلى بىلەن ئىككەيلەن بەك قورقتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ ئاچامنى قارا ئىشتان بىلەن كۆردۈم، ئۇنىڭدىن كەينىدىن قۇڭۇر رەڭلىك ئىت كېتىپ بارىدۇ.

   بۇ قالايمىقان چۈشنى كۆرگەندە بەك قورقۇپ كەتتىم، ئۆزۈمنى چوڭ خاتالىق سادىر قىلدىممىكىن دەپ ئەنسىرىدىم، ئويغانغان ۋاقتىمدا سول تەرىپىمنى بېسىپ ئوڭدامغا يېتىپتىمەن، كۆرگىنىمنىڭ پەقەت بىر چۈش بولغانلىقىدىن راھەت ھېس قىلىپتىمەن، سائەت بەش يېرىم بولغان ئىكەن، بامدات نامىزىغا ئالدىراپ تۇردۇم، بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى بەك بەخىتلىك ھېس قىلدىم، ئىچىمدىن بىر گۈزەل تۇيغۇنى ھېس قىلدىم. بۇ تۇيغۇ ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكى ۋە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق بىر سېزىمنى ھېس قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن ئېدىم، مەن چۈشۈمگە قۇلاق سالايمۇ ياكى كۆڭلۈمگىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ئۇخلىغۇچىنىڭ ئۇخلىغاندا كۆرىدىغان نەرسىسى ئىككى قىسىم بولىدۇ:

   1-ساپ چۈش.

   2-ئارىلاشما چۈش.

   ئارىلاشما چۈشنىڭ ئۆزى يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

   1-شەيتاننىڭ قورقۇتۇشى.

   2-كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىسى.

   ئىنسان ئۇخلىغاندا كۆرىدىغان چۈشنى ئۈچ قىسىم  دېسەكمۇ بولىدۇ:

   1-ئاللاھدىن بولغان چۈش.

   2- شەيتاننىڭ قورقۇتۇشى.

   3- كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىسى.

   بۇنداق ئۈچ قىسىمغا ئايرىشنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت يېقىنلاشقاندا، مۇسۇلماننىڭ چۈشى يالغان بولمايدۇ، سىلەرنىڭ راستچىللىرىڭلارنى چۈشىمۇ راست بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسىنىڭ قىرىق ئالتىدىن بىرىدۇر. چۈش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئاللاھ تەرىپىدىن بىشارەت بولغان ياخشى چۈش، شەيتان تەرىپىدىن بولغان بىئارام قىلىدىغان چۈش ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىدىن كۆرگەن چۈش، سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشىدە ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن ۋە ئۇنى ھېچ كىشىگە سۆزلىمىسۇن...» [مۇسلىم رىۋايىتى 2263-ھەدىس].

   ئەۋپ ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چۈش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئادەم بالىسىنى بىئارام قىلىش ئۈچۈن شەيتاندىن بولغان ئارىلاشما چۈش، ئىنسان چۈشىدە ئويغاق ۋاقتىدا غەم قىلغان ئىشنى كۆرۈش، پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسىنىڭ قىرىق ئالتىدىن بىرى بولغان ساپ چۈشتىن ئىبارەت». سەھى سۈنەن ئىبنى ماجە(3155).

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چۈش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئاللاھ تەرىپىدىن بىشارەت بولغان ياخشى چۈش، شەيتان تەرىپىدىن بولغان بىئارام قىلىدىغان چۈش ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىدىن كۆرگەن چۈش، سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشىدە ياقتۇرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، خالىسا سۆزلەپ بەرسۇن، ئەگەر ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى كۆرسە ئۇنى ھېچ كىشىگە سۆزلەپ بەرمىسۇن، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسۇن». [سەھىھ سۈنەن ئىبنى ماجە 3154-ھەدىس].

   تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان، چۈش كۆرگەن كىشىنىڭ چۈشىدە كۆرگەن نەرسىلىرىگە قارىتا تۇتىدىغان يۆلىنىشىدكى ئەدەپكە يېتەكلەيدىغان سەھىھ ھەدىسلەرنى لازىم تۇتۇڭ:

  1-ئەبى قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى چۈش ئاللاھدىن، ئارىلاشما چۈش شەيتاندىن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئارىلاشما چۈش كۆرۈپ قورقۇپ قالسا، ئاللاھ تائالادىن بۇ چۈشنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەپ سول تەرىپىگە تۈپلىۋەتسۇن، شۇنىڭ بىلەن بۇ چۈش ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى3292-ھەدىس].

   2-ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر چۈش كۆردۈمكى مەن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا لېكىن مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن، ھەتتا ئەبا قەتادىگە ئۇچراپ ئۇ چۈشنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى ماڭا: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ياخشى چۈش ئاللاھدىن، ئارىلاشما چۈش شەيتاندىن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئارىلاشما چۈش كۆرۈپ قورقۇپ قالسا، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھ تائالادىن بۇ چۈشنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بۇ چۈش ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2261-ھەدىس].

   3- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياقتۇرمايدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياتقان ئورنىدىن ئۆرۈلۈپ، سول تەرىپىگە ئۈچنى تۈپلىۋېتىپ ئاللاھ تائالادىن ئۇ چۈشنىڭ ياخشىلىقىنى سورىسۇن، يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلىسۇن». [سەھىھ سۈنەن ئىبنى ماجە].

   4- جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياقتۇرمايدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، سول تەرىپىگە ئۈچنى تۈپلىۋېتىپ ئاللاھ تائالادىن شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەپ ياتقان ئورنىدىن ئۆرۈلۈپ ياتسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2262-ھەدىس].

   5-ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ساپ چۈش بىلەن ئارىلاشما چۈشنىڭ پەرقىنى بايان قىلىپ بەردى، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە ئۇ چۈش ئاللاھدىندۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتسۇن، بۇ چۈشنى سۆزلەپ بەرسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ غەيرىدە ياقتۇرمايدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ئۇ چۈش شەيتاندىن، ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇ چۈشنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىسۇن، ئۇنى بىرسىگە سۆزلەپ بەرمىسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشنىڭ زىيىنى بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى7045-ھەدىس].

   بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولدىكى ئىنساننى خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى چۈش ئاللاھدىن، ئىنساننى بىئارام قىلىدىغان يامان چۈش بولسا شەيتاندىن بولۇپ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇ چۈشنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىسۇن.

  6-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياقتۇرمايدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ئورنىدىن ئۆرۈلۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن، ئۇ چۈشنى ھېچ كىشىگە سۆزلىمىسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى2263-ھەدىس].

   7- جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىپ: بېشىم ئۈزۈلگەن، مەن كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ھالەتتە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن دېگەن سەھرالىق كىشىنى بۇ چۈشنى سۆزلەشتىن چەكلەپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «شەيتاننىڭ چۈشۈڭدە سەن بىلەن ئوينىغان ئىشلىرىنى كىشىلەرگە خەۋەر بەرمىگىن». [مۇسلىم رىۋايىتى2268-ھەدىس].

   بۇ ھەدىسلەردىن چۈشىدە ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى كۆرگەن كىشىگە ئالاقىدار بولغان مۇھىم ئەدەپلەر خۇلاسىلىنىدۇ. ئۇ ئەدەپلەرنىڭ مۇھىملىرى:

  1-ياقتۇرۇلمايدىغان چۈشنىڭ شەيتاندىن ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن شەيتاننىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي شەيتاننى مات قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك.

   2-ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىشى كېرەك.

   3- ئاللاھقا سېغىنىپ مۇشۇ چۈشنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىشى كېرەك.

   4-سول تەرىپىگە ئۈچنى تۈپلىۋېتىش كېرەك. مۇشۇ ئەدەپلەر بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى ئويلىنىپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ، ھەدىسلەردە: پۇلىسۇن، سۈپلىسۇن ۋە  تۈكۈرسۇن دېگەن بۇيرۇقلار كەلدى، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئىنسان تۈكۈركىدىن بولغان ئازراق نەرسە بىلەن سۇپلىسۇن دېمەكتۇر.

  5-بۇ چۈشنى ھېچ كىشىگە سۆزلەپ بەرمىسۇن.

  6-بېسىپ ياتقان تەرىپىدىن ئوڭ تەرەپ بولسا سول تەرەپكە، سول تەرەپ بولسا ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىش.

   7- ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش.

   ئىنسان مۇشۇ ئەدەپلەرنى لازىم تۇتقاندا، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ياقتۇرۇلمايدىغان چۈشنىڭ ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى