بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىش بولسا، بەزىلىرى يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ دېگەنگە ئوخشاش ئىنسانلىق تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن قىلىنغان ئىشلاردۇر، بەزىلىرى بولسا ئۇلاغقا مېنىپ ھەج قىلىش ۋە بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئاز يېتىش قاتارلىق ھەم شەرىئەت ئەھكامىنى بايان قىلىش ھەم ئىنسانلىق تەبىئىتىگە كۆرە قىلىنغان ئىشلاردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز، روزا، ھەج ۋە زىكىرلەرگە ئوخشاش شەرىئەت ئەھكاملىرىغا خاس بولغان ئەمەللىرى ۋە مىسۋاك (چىش چوتكىسى) ئىشلىتىش، يېمەك يېگەندە بىسمىللا دەپ يېيىش، مەسچىتكە ئوڭ پۇتى بىلەن كېرىش دېگەندەك ۋە ئۈممەتنى ياخشىلىققا قىزىقتۇرۇش قاتارلىق ئەمەللەردىكى ئەسلى پرىنسىپ بولسا ئۇنىڭغا ئەگىشىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر». [سۈرە ئەھزاپ 21 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە ئال ئىمران 31 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا تەرجىمىسى : «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار». [سۈرە ھەشىر 7 -ئايەت].
يېمەك-ئىچمەك، ئۇخلاش ۋە مېڭىش دېگەندەك، ئىنسانلىق تەقەززاسى بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى بىرگە كەلگەن ئەمەللەردە پەرقلىق قاراشلار بار.
"مۇراقىس سەئۇد"تا مۇنداق كەلگەن: ئىنسانىي تەقەززا بىلەن قىلىنغان يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بەزى ئىشلاردا ئەگىشىش كېرەك بولمايدۇ.
ئىنسانىي تەبىئىتىگە ئالاقىدار ئەمەس بەلكى شەرىئەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلاردا ھېچ ئىككىلەنمەي ئەگىشىش كېرەك بولىدۇ.
ئۇلاغقا مېنىپ ھەج قىلىش ۋە بامداتنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن بىر ئاز يېتىپ ئارام ئېلىش قاتارلىقلاردا پەرقلىق قاراشلار بار.
يېمەك-ئىچمەك ئەسلىدە تەبىئىي ئادەت، لېكىن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىش، ئالدىدىن يېيىش ۋە يېمەكتىن بۇرۇن بىسمىللا دەپ يېيىش قاتارلىقلار، ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىشلاردۇر.
شەيخ ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئىنسانىي تەبىئەت ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرى بىلەن نەزەر سالغاندا بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى قىسىم: ئىنسان تەبىئىتىگە خاس بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر: يەنى يېمەك-ئىچمەك، ئولتۇرۇش-قوپۇش دېگەندەك، ئىنسانلىق تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر، بۇ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىش ۋە ئەگىشىش ئۈچۈن قىلىنمىغان ئىشلار بولۇپ، ھېچ بىر كىشى: مەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپ-قوپىمەن دېمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇپ-قوپقان لېكىن ئۇنى شەرىئەتنى بايان قىلىش ۋە ئۆزىگە ئەگىشىشنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان. ئەمما بەزى ئالىملار: ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئەگەشسە دۇرۇس بولىدۇ دېسە، يەنە بەزى ئالىملار: بۇنداق ئىشلاردا ئەگىشىش مۇستەھەپ بولىدۇ، دەيدۇ.
ئىشنىڭ ئېنىق بولغىنى، يۇقىرىدا بىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئۇنى شەرىئەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئەگەشسە دۇرۇس بولىدۇ.
ئىككىنچى قىسىم: نامازنىڭ باشلىنىشتىن ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان ھەرىكەتلىرى، ھەج ئىبادەتلىرى، مەن ناماز ئادا قىلغاندەك ناماز ئادا قىلىڭلار ۋە ھەج ئىبادىتىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار دېگەنگە ئوخشاش شەرىئەت ئەھكامىنى بايان قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەر بولۇپ، بۇ ئۈممەتنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلدۇر.
ئۈچىنچى قىسىم: بىز مەقسەت قىلماقچى بولغان: ھەم شەرىئەتنى بايان قىلىش ھەم ئىنسانىي تەبىئەت بويۇنچە قىلىنغانلىقىغا ئېھتىماللىقى بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر.
بۇنى بېكىتىش: ئىش-ھەرىكەتلەر ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئىبادەتكە ئالاقىدار يۈز بەرگەن، ئىبادەت شۇ ئىشنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىدە بولغان. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىگە مېنىپ ھەج قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلاغقا مېنىپ ھەج قىلىشى ئىنسانلىق تەبىئىتىگە ئېھتىماللىقى بار، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا سەپەرلىرىدىمۇ ئۇلاغقا مىنگەن، ئۇلاغقا مىنىش بىلەن ئىبادەتنى مەقسەت قىلمىغاندەك، ئۇنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىمۇ ھەجدە ئۇلاغقا مىنىشىنى تەقەززا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ بار، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغاچ قىلغان ۋە «ھەج ئىبادىتىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار» دېگەن.
مۇشۇ مەسىلىنىڭ شاخچىلىرىدىن: نامازدىكى بىرىنچى رەكەتتىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرىدىغان ۋاقىتتا يەڭگىل ئولتۇرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇش، ھېيت نامىزىدىن قايتقاندا، نامازغا بارغان يول بىلەن ئەمەس باشقا يولدىن قايتىش، بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ پەرزنى ئوقىغىچە ئوڭ تەرەپنى بېسىپ بىر ئاز يېتىۋېلىش، مەككىگە كۇدا تەرەپتىن كېرىپ، چىقىشتا كودەي تەرەپتىن چېقىش، ھەجدە مىنادىن قايتقاندىن كېيىن مۇھەسسەپ دېگەن جايغا چۈشۈش قاتارلىقلار.
بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئىنسانلىق تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى ۋە شەرىئەتنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپكە ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار". [ئەزۋائۇل بايان 4 -توم 300 -بەت].
ئىككىنچى: خاس دەلىل بولمىغان ئەھكاملاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممەت بىلەن ئورتاق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى، بۇ ئۆزىگە خاس ئىشمۇ ياكى ئۈممەتكە ئومۇم بولغان ئىشمۇ بۇنى سورىمايتتى. ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرۇپ ئايىغىنى سېلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئاياغلىرىنى سېلىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن ئاياغلىرىڭلارنى سېلىۋەتتىڭلار؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز سىلىنىڭ ئاياغلىرىنى سىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ سېلىۋەتتۇق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ماڭا ئاياغدا نىجاسەت بولغانلىقىنى خەۋەر بەردى» (شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىۋەتتىم)، سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كەلگەندە، ئايىغىنىڭ ئاستىغا قاراپ باقسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدا نىجاسەت بولسا، ئۇنى يەرگە سۈركىۋەتسۇن ئاندىن ئۇ ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن دېدى» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17 -توم 242-243 -بەتلەر، مۇسنەدتى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى سەھى دېگەن].
بەلكى بەزى ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان مەلۇم ئىشلارنى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىي ئىشى دەپ بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىلا نىسبەت بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاچچىقلىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن روزا تۇتماقچى ئىدىم جۇنۇپ قويۇپتىمەن دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەنمۇ روزا تۇتماقچى بولۇپ جۇنۇپ قوپۇپ قالسام يۇيۇنىمەن ۋە روزامنى تۇتىمەن»دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلە بىزگە ئوخشىمايدىلا، ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەن دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچچىقلىنىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئۆزۈمنىڭ سىلەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھتىن قورققۇچى ۋە قىلىدىغان ئىشىمنى بەك بىلگۈچى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن». دېدى. [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2389-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن].
ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان بىر ئىشنى ئېنىق دەلىلگە تايانمەي تۇرۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەزى ساھابىلار شۇنداق دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق دېگەن كىشىگە ئاچچىقلاپ قالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر". [ ئىھكام پى ئۇسۇلىل ئەھكام 4 -توم 433 -بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە ئايرىم دەلىل بىلەن خاسلاشتۇرۇلمىغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتى بىلەن ئورتاقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۈدەيبىيە كۈنىدە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلى چىقىپ ھېچ كىشىگە گەپ قىلماي، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ھەدىيە تۆگىنى بوغۇزلىدىلا» مەن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم دېگەن. [زادىل مىئاد 3 -توم 307 -بەت].
ئۈچىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەپسىلاتلار بار، ئەگەر ئىنسانلىق تەبىئىتىگە كۆرە قىلىنغان ئىش بولمىسا، ئۇ ئەگىشىدىغان ئىشلاردىن بولىدۇ، پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس بولغان ئىش دەلىل بىلەن ئىسپاتلانسا بۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر، ئۇ ئىشنىڭ بىر ساھابىنىڭ كۆرۈشى ياكى كۆپ ساھابىلارنىڭ كۆرۈشى بىلەن ئىسپاتلىنىشىنىڭ پەرقى يوق.
كىچىك تەرەت قىلىش ئىنسانلىق تەبىئىتىدىكى ئىش، لېكىن ئۇنى ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ قىلىشتىن ئىبارەت سۈپەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەرئى ھۆكۈم بايان قىلىنىدىغان ئىشلاردىن بولىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، شەرىئەتتە بىر ئىشتا چەكلىمە بولسا ئۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك بولىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدىكەن، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىگە قارىلىدۇ.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىشتىن چەكلىگەن» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 309 -ھەدىس. لېكىن بۇ ھەدىس زەئىپ، بۇسەيرى "ئەل زاۋائىد"تا : "ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىگە ئىتىپاق كەلگەن"دېگەن، شەيخ ئەلبانى: بەك زەئىپ دېگەن].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ: « ئى ئۆمەر! ئۆرە تۇرۇپ سېيمىگىن» دېدى، مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ سېيمىدىم. [تىرمىزى رىۋايىتى 12-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە شەيخ ئەلبانى زەئىپ دېگەن].
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سېيىشى جاپادۇر» [بەززار كەلتۈرگەن، بۇ ھەدىسنى تىرمىزى تولۇق ساقلانمىغان ھەدىس دېگەن].
يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە كۆرە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سىيىشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلىرى سەھىھ ئەمەس.
لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيدى دەپ ھەدىس سۆزلىسە بۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئولتۇرۇپ سېيەتتى» [تىرمىزى رىۋايىتى 12-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 29-ھەدىس. تىرمىزى ۋە نىسائى سەھىھ دېگەن].
شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ "نىيلىل ئەۋتار"1-توم 16-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سېيمىگەنلىكىنى بەلكى ئۇنىڭ ئولتۇرۇپ سېيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭغا كۆرە، ئۆرە تۇرۇپ سېيىش مەكرۇھ بولىدۇ.
ئۆرە تۇرۇپ سىيىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردىن: ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ ئەخلەت تاشلايدىغان يېرىگە كېلىپ ئۆرە تۇرۇپ سىيدى ئاندىن سۇ ئەكىلىشكە بۇيرىدى، سۇنى ئېلىپ كەلسەم ئۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئالدى». [بۇخارى رىۋايىتى 224-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 273-ھەدىس].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆرە تۇرۇپ سىيىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىنى ئۆمەر، ئەلي، ئىبنى ئۆمەر، زەيد بىن سابىت، سەھەل بىن سەئەد، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ھۇرەيرە-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ۋە ئۇرۋە قاتارلىقلار بايان قىلغان.
ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مەھەللىنىڭ ئەخلەت تۆكىدىغان ئورنىغا كېلىپ ئۆرە تۇرۇپ سېيگەنلىكى بايان قىلىنغان». [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىم ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن. بەلكىم ئەخلەت تۆكىدىغان جايدا ئولتۇرۇش مۇمكىن بولماسلىق ئېھتىماللىقى بار.
بەزى ئالىملار بۇنى: "تىزىنىڭ ئاستى ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئولتۇرالماي ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن دەيدۇ". [ئەل مۇغنى 1-توم 108-بەت].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆمەر، ئەلىي، زەيد ئىبنى سابىت ۋە باشقا ساھابىلارنىڭمۇ ئۆرە تۇرۇپ سېيگەنلىكى ئىسپاتلانغان، بۇ سۈيدۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلانسا، ئۆرە تۇرۇپ سىيىشنىڭ مەكرۇھ ئەمەس بەلكى دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆرە تۇرۇپ سىيىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس ئىسپاتلانمىدى.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".[پەتھۇل بارى 1- توم 330-بەت].
تۆتىنچى: ۋەسۋەسىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ بەك يامان كېسەلدۇر. دىننى چۈشىنىش، سۈننەتنى بىلىش ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشكە ھېرىسمەن بولۇش ۋەسۋەسە ھېسابلانمايدۇ.
ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئىلىمگە ۋە ياخشىلىققا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.