شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

تىجارەتتە شېرىك بولغان كىشىنىڭ تىلىفۇنىنى ئاۋال ئۆزى سېتىۋېلىپ، ئۇنى باشقا خېرىدارغا مۇددەتكە بۆلەپ تۆلەشكە ساتسا قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

   مېنىڭ ئەقىللىق تىلىفۇن سېتىش دۇكىنىم بار، بۇ دۇكان بىز ۋارىسلارغا خاس دۇكان بولۇپ مەن بۇ دۇكاندا تۇرىدىغان ۋارىسلارنىڭ بىرى، ھازىر مەن دۇكاننىڭ تىجارىتىنى بىر ئاز جانلاندۇرماق ئۈچۈن مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش سودىسىنى يولغا قويدۇم، بۇ سودا پەقەت ماڭا خاس، ھازىر خېرىدار مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغان شەكىلدە تىلىفۇن سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭغا تىلىفۇننىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش باھاسىنى ئېيتىمەن، بىز سودىدا كېلىشكەندە، مەن ساتماقچى بولغان تىلفۇننى نەخ ئۆتەش باھاسى بويۇنچە نامىمغا يازدۇرىمەن، ئاندىن ئۇنى خېرىدارغا مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە ساتىمەن، بۇ يول بىلەن تىجارەت قىلسام توغرا بولامدۇ؟، بىلىشىمچە ھازىر تىلىفۇنلارنىڭ تۈرى كۆپ، مودىللىرى ھەر خىل، رەڭلىرى پەرقلىق، ھەر بىر تىلىفۇننىڭ ئىچكى ساقلاش ھەجىمى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەن مۇددەتتە بۆلۈپ تۆلەشكە تىلىفۇن سېتىۋالالمايمەن، مەن پەقەت دۇكاندا خېرىدارغا مۇددەتتە بۆلۈپ تۆلەشكە ساتسام ئۇنىڭدىن ئازراق پايدىغا ئېرىشىدىكەنمەن،  شۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن؟. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شېرىكنىڭ ياكى مۇزارىبەت قىلغۇچىنىڭ ياكى ۋەكىلنىڭ بىر نەرسىنى شېرىكى ياكى ۋەكىلىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز نامىغا سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەرزان سېتىۋالدى دەپ قارىلىدۇ، ۋەكىل ياكى شېرىك دېگەن ئۆزىنىڭ ۋەكىل قىلغان ياكى شېرىك قىلغان كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى لازىم تۇتىدۇ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋېلىشى ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ۋەكىلى ئۈچۈن قىممەت سېتىش بىلەن ئۆزى ئۈچۈن ئەرزان سېتىۋېلىش بولسا بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىشتۇر.

    شېرىك دېگەن ئۆزىگە ۋە ئەسلى شېرىكىگە ۋاكالەت ئىش قىلىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ " ئەلمۇغنى" 5-توم 68-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ۋەسىيەت قىلىنغان كىشىگە ئوخشاش ۋەكىلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ".

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇھەننادىن نەقىل قىلىنغان ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدە: بىر نەرسىنى سېتىشقا ۋەكىل قىلىنغان كىشى، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالسا توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە مەزھىبىدىكىلەرنىڭ قارىشىدۇر.

    شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدە: ۋەسىيەت قىلىنغۇچىمۇ يېتىمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىنى ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالسا توغرا بولمايدۇ، بۇ شاپىئي مەزھىبىنىڭ قارىشىدۇر.

    مىرداۋىي "ئەلئىنساپ" 5-توم 377-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئىككى پائىدە بولۇپ. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: ۋەكىلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالغىنى ۋەكىل قىلغۇچىغا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھاكىم، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى،  ۋەسىيەت قىلىنغۇچى، ۋەخپىنىڭ نازىرى ۋە مۇزارىبە قىلغۇچى بۇ مەسىلىدە ۋەكىلگە ئوخشاشتۇر.

   "پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى" 5-توم 377-بەتتە: "ھەنەپى، شاپىئىي ۋە مالىكىدىكى ئاساسلىق تايىنىدىغان قاراشتا: ۋەكىلنىڭ سودىدا ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋېلىشى مۇتلەق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سودىدىكى قائىدە: ئىنسان ئۆزىنىڭ غەيرى ئۈچۈن سودا قىلىدۇ، ۋاكالەت ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئوچۇق قىلسا، ئۇ كىشىگە تۆھمەت بولۇپ قالىدۇ".

   ھەنەپى ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى بۇ ھۆكۈمنى مۇنداق ئىللەتلىدى: بىر ئادەم ھەم سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى بولمايدۇ،  ئۇلارنىڭ قارىشىچە: ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلنى ئۆزىگە سېتىۋېلىشقا بۇيرىسىمۇ توغرا بولمايدۇ.

    مالىكى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەگەر ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلنى ئۆزىگە سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلسا توغرا بولىدۇ".

   شۇنىڭدەك، شېرىكنىڭ شېرىك ئورۇندىن پايدىلىنىپ شېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.

   خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ئۆز خىزمىتىدىن باشقا بىر خىزمەتنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    دۇكاندا بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى قىلىش ئۈچۈن شېرىكنىڭ رۇخسىتى لازىم بولىدۇ:

   1-ئۇلار سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن سېتىۋېلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك.

   2-ئۇلار سىزگە مۇشۇ دۇكاننىڭ ئىچىدە ۋە سېتىشقا ئىگە بولغان ماللاردا رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك.

   3-سىزگە خىزمەت جەريانىدا مۇشۇ ئىشنىمۇ قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن بولىشى كېرەك. 

   بۇ ئىشتا شېرىكلىرىڭىز سىزگە رۇخسەت بەرگەن بولسا، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق كىشىلەر بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھېچ ئىش يوق، سېتىۋالغۇچى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش توختىمى بىلەن سېتىۋالماقچى بولسا، سىز تىلىپۇننى دۇكىنىڭىزدىن ئۆزىڭىزگە سېتىۋىلىپ سېتىۋالىدىغان كىشىنىڭ نامىدىن پۇلنى تۆلەپ، ئاندىن ئۇ كىشىگە ساتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر شېرىكلىرىڭىز بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار بولسا گەرچە ئۇلار رۇخسەت قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەرگەن رۇخسىتى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتى شەرىئەتتىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى