ئايەت-ھەدىستە مۇئەييەن سانى بېكىتىلمىگەن دۇئا، زىكىرلەرنى مۇئەييەن سان بىلەن بېكىتىش بىدئەت ئىشلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سوئال 259482

قۇرئان ياكى ھەدىستە بەزى دۇئالارنى بەلگىلىك قېتىم ياكى بەلگىلىك بىر ۋاقىتتا تەكرار ئوقۇپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىرەر دەلىل بارمۇ؟ مەسىلەن، قەرزدىن قۇتۇلۇش دۇئاسىنى باشقا ۋاقىتلارغا كۆرە، شام ۋە بامدات نامازلىرىدا يەتتە قېتىم ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنامدۇ؟ شەخسەن مەن بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق سۈرە، ئايەت ياكى دۇئانى خالىغانچە ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايمەن، مېنىڭ بۇ قارىشىم توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان-ھەدىستە كەلگەن دۇئا ۋە زىكىرلەر مۇتلەق ۋە بەلگىلەنگەن دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بەلگىلەنگەنلىرى:  مەلۇم ۋاقىتتا ئوقۇش بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئەتتىگەندە، كەچتە، ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا، ئۇيقۇدىن ئويغانغان ۋاقىتتا ۋە نامازلاردىن كېيىن ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان دۇئا-زىكىرلار.

يەنە بەلگىلەنگەن دۇئا-زىكىرلەردىن:  مەلۇم سان بىلەن بەلگىلەنگەنلىرى: نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەسبىھ، تەھمىيد ۋە تەكبىرلەر ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان دۇئا-زىكىرلار قاتارلىقلاردۇر.

مۇشۇ تۈردە، مۇسۇلمان ھەدىستە كەلگەن ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ۋاقىت ۋە ئوقۇلىدىغان سانغا رىئايە قىلىش ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك، قاچانكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولىدىكەن، مۇشۇ دۇئا-زىكىرلەرگە تەرتىپ بېرىلگەن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.

زىكىر-دۇئالاردىن بولغان ئىككىنچى تۈر بولسا مۇتلەق بولۇپ، قۇرئان-ھەدىستە مەلۇم بىر ۋاقىت ياكى مۇئەييەن بىر سان بېكىتمەستىن ھەر ۋاقىت كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن دۇئا-زىكىرلەردىن ئىبارەتتۇر.

بۇنى مۇسۇلمان ھەرقانداق ۋاقىتتا قانچىلىك قىلالىسا، شۇنچىلىك قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇسۇلماننىڭ مۇتلەق كەلگەن زىكىر-دۇئالارنى مەلۇم ۋاقىتتىلا دەيدىغان ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا دېمەيدىغان ياكى مەلۇم سان بىلەن دەيدىغان ئۇنىڭدىن كەم-زىيادە قىلمايدىغان قىلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.

مۇتلەق كەلگەن زىكىر-دۇئالارنى مەلۇم ۋاقىت ياكى سانغا بېكىتىۋېلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن سۈننىتىگە زىتتۇر، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالەتتە بىدئەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

دائىمىي كومىتېت ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا بۆلىمى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: " زىكىر-دۇئا، ئەمەل، ئىبادەتلەردىكى ئەسلى قائىدە بېكىتىلگەندۇر، ئاللاھ تائالاغا ئاللاھ تائالا يولغا قويغان بويۇنچە ئىبادەت قېلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ مۇتلەق بولغانلىرى، مەلۇم سان ياكى ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغانلىرى، ئۇنى ئادا قىلىش شەكىللىرى ۋە يوللىرى، دۇئا-زىكىر ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن ئاللاھ تائالا يولغا قويغان بويۇنچە سانىنى، ۋاقتىنى شۇنىڭدەك مەلۇم ۋاقىت ياكى سان ياكى ئورۇن ياكى شەكىلگە خاس بولمىغانلىرىنى بىزنىڭ مەلۇم سان ياكى ۋاقىت ياكى ئورۇن ياكى شەكىل بېكىتىۋېلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى مۇتلەق كەلگەنگە شۇ بويۇنچە ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي دەلىللەر بىلەن مەلۇم ۋاقىت ياكى سان ياكى ئورۇن ياكى شەكىل بېكىتىلگەنلىرى بولسا ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا شەرىئەتتە بېكىتىلگەن بويۇنچە  ئىبادەت قىلىمىز" .

ئىككىنچى:  قەرزدىن قۇتۇلۇش دۇئاسى دېدىڭىز، ئەمما بۇنىڭدىن قايسى دۇئانى مەقسەت قىلغانلىقىڭىزنى ئېنىق دېمىدىڭىز، بۇ توغرىدا بەزى ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:  بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كىرگەندە، ئەنسارىلاردىن ئەبۇ ئۇمامە دېيىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ناماز ۋاقتى بولمىغان بىر ۋاقىتتا مەسچىتتە ئولتۇرغانلىقى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: «ئەي ئەبۇ ئۇمامە!ناماز ۋاقتى بولمىغان بىر ۋاقىتتا مەسچىتتە ئولتۇرۇپ قاپسەنغۇ؟ بىرەر ئىشىڭ بارمۇ؟» دېگەن ئېدى، ئۇ كىشى:  ئى رەسۇللۇللاھ! مېنى قەرزنىڭ ھەم-قايغۇسى شۇنداق قىلدى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ئۇنى ئوقۇساق ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭنى يوق قىلىپ، قەرزىڭنى ئادا قىلىۋېتىدىغان بىر قانچە دۇئا ئۈگىتىپ قويايمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۈگىتىپ قويسىلا دېدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:  ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇغىن دېدى: « ئى ئاللاھ، مەن غەم- قايغۇدىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇقتىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، قورقاقلىق ۋە بېخىللىقتىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمىدىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن».  ئۇ مۇنداق دەيدۇ : مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا مېنىڭ غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزىۋەتتى، قەرزلىرىمنى مەندىن ئادا قىلىۋەتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1555 -ھەدىس].

بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ، ھاپىز ئىبنى ھەجەر "نەتائىجۇل ئەپكار"  2 -توم 376 -بەتتە بۇ ھەدىسنى "غەرىب" دېگەن سۆزى ئارقىلىق زەئىپ دېگەن، شۇنىڭدەك، شەيخ ئەلبانىمۇ زەئىپ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن.

ھەدىسنىڭ زەئىپ بولماقلىقى، يۇقىرىدىكى شەكىلدە بايان قىلىنىشى ۋە زىكىر قىلىنغان ۋەقەلىك بۇ زىكىرنىڭ ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇشقا بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئۇ سان جەھەتتىن مۇتلەق بولۇپ، ئۇنى يەتتە قېتىم ياكى بەش قېتىم ئوقۇش دەپ مەلۇم سان بېكىتىشنى بىلدۈرىدىغان ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

بىز بۇيەردە شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، بۇ دۇئا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكتىن باشقا، مەلۇم ۋاقىت ياكى سان بىلەن بېكىتىلمەستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دۇئادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئانى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقى بايان قىلىنغان:  ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى كۆپ ئوقۇيتتى: «ئى ئاللاھ، مەن غەم- قايغۇدىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، ئاجىزلىق ۋە يالقاۋلىقتىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، قورقاقلىق ۋە بېخىللىقتىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن، قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمىدىن ساڭا پاناھ تىلەيمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 6369 -ھەدىس].

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان ھەدىستە:  خوجايىنى بىلەن توختام قىلىشقان بىر قۇل ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:  مەن خوجايىن بىلەن قىلىشقان توختامنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم بەرگەن بولساڭ؟ دېگەندە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:  مەن ساڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئۈگىتىپ قويغان بىر دۇئا بار شۇنى ئۈگىتىپ قوياي، ئەگەر ئۇ دۇئانى ئوقۇساڭ، مۇبادا سېنىڭ ئۈستۈڭدە تاغدەك قەرز بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا سەندىن ئۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىدۇ؟ دېدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىگە: «ئى ئاللاھ! مېنى ھارامدىن سەن ھالال قىلغان نەرسىلەر بىلەن كۇپايەلەندۈرگىن، مېنى ئۆز پەزلىڭ بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن» دېگەن بۇ دۇئانى ئۈگىتىپ قويدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 3563-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھاپىز ئىبنى ھەجەر ھەسەن دەپ" نەتائىجۇل ئەپكار"  4 -توم 127-بەتتە كەلتۈرگەن، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا 266 -كەلتۈرگەن. ]

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان، بەلكى بۇ دۇئانى كۆپ قىلىش كېرەك، لېكىن بۇنى ئەتتىگەن ياكى كەچ دەپ ۋاقىت بەلگىلىۋالماسلىق ياكى مەلۇم سان بەلگىلىۋالماسلىق لازىم، بەلكى بۇ دۇئانى نامازلاردا، خالى قالغان ۋاقىتلاردا، كېچىلىك قىيامدا ۋە باشقا ئورۇنلاردا كۆپ قىلىش كېرەك.

بۇ دۇئا ۋاقىت ۋە سان جەھەتتىن مۇتلەقدۇر.

سىزنىڭ سوئالدا بايان قىلغىنىڭىز مۇشۇ دۇئاغا نىسبەتەن سەھىھدۇر، سىز بۇ دائا بىلەن قايسى ۋاقىتتا ۋە قانچىلىك ئوقۇشنى خالىسىڭىز شۇ ۋاقىتتا، شۇنچىلىك ئوقۇپ دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

شەرئېي زىكرىلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android