جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قەدىر كېچىسى ئوقۇيدىغان دۇئادا "كەرىم" دېگەن سۆزنى زىيادە قىلىش ھەدىستە ئىسپاتلانمىغان

سۇئال

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ تەھقىقلىگەن تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىن نەقل قىلىنغان 3513-نومۇرلۇق ھەدىستە: بىزگە قۇتەيبە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە جەپەر ئىبنى سۇلايمان زەبئىي ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ كەھمىس ئىبنى ھەسەندىن، ئۇ كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدەدىن ئۇ كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن قەدىر كېچىسىگە مۇشەررەپ بولسام نېمە دەيمەن؟ دەپ بەسىلە دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەپۇ قىلغۇچى ئى ئاللاھ!، شۈبھىسىزكى ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىلا، مېنى ئەپۇ قىلسىلا دېگەن دېدى دەيدۇ. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئىبنى ماجەنىڭ 3850-ھەدىسىدە سەھىھ دەپ ھۆكۈم قىلغان. شەيخ بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا زىكىر قىلىپ "كەرىم" دېگەن سۆزنىڭ كىتابنى كۆچۈرگۈچىدىن بىرىنىڭ زىيادە يېزىپ قويغانلىقىنى بايان قىلغان، "كەرىم" دېگەن ئارتۇق سۆزنى شەيخ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا يوقۇتۇپ قويغانمۇ ياكى بۇ سۆز شەيخنىڭ قارىشىدا توغرىمۇ؟، ئەگەر بۇ سۆز شەيخنىڭ نەزىرىدە ئىسپاتلانمىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇنىڭ زىيادە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېزاھات بەرمەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەدىسلەرنى تەھقىقلەش ۋە ئىسنادىنى تەكشۈرۈشتە ئۆز قارىشى بويىچە كۆپ تىرىشچانلىق قىلىدۇ، باشقا تەتقىقاتچى ئۆلىمالارغا ئوخشاش ئۇ كىشىمۇ  خاتالىشىدۇ ۋە ئادىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى بولمايدۇ بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ساھەدىكى ئۆلىمالارغا قىلغان مېھرىبانلىقى، كۆيۈنۈشى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭىرلىكىدىندۇر، ئۇلار تىرىشچانلىق قىلىپ توغرىنى تاپسا قوش ئەجىرگە ئېرىشكەندەك، خاتالىشىپ قالسىمۇ بىر ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

    مۇھىم بولغىنى، تەتقىقاتچىلار ۋە دىنى ئوقۇغۇچىلار تەتقىقات ۋە تاللاشتا توغرا يولدا مېڭىشى كېرەك، ئۇلارنى مەلۇم بىر ئالىمغا بولغان تەقلىد-ئەگىشىش ۋە ئۇ ئالىمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تاللاش ۋە تەتقىق قىلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن، ئىلىم دېگەن بىتەرەپلىك-ئادىللىق تېمىسى بولۇپ، ھەقىقى تەتقىقاتچىلاردىن باشقىسى بۇنى قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچى نام-شەرىپى، مەرتىۋىسى، ئىلىم دەرىجىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ ئىسمىدە توختاپ قالماستىن خىزمىتى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى: شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ قەدىر كېچىسىدە ئوقۇيدىغان دۇئادىكى "كەرىم" دېگەن ئارتۇق سۆزنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن، ھەدىس بىر قانچە يوللاردىن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ھەدىس ۋە مۇسنەد كىتاب ساھىبلىرى بايان قىلغان، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى"كەرىم" دېگەن سۆزنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلمىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى :ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن دېگەن مەشھۇر دۇئا ئۈستىدە توختالغان. لېكىن "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ 3513-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھۋەنلىك يۈزبەرگەن.

    ئەمما "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" نىڭ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا "سەھىھ ھەدىسلەر ۋە زەئىپ ھەدىسلەر" توپلاملىرىدىن ناھايتى بەك ئىنچىكە ۋە كۆپ تىرىشچانلىق بىلەن پۈتكەنلىكىگە تەتقىقاتچى ئۆلىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن. شەيخ رەھىمەھۇللاھ بۇ ئارتۇق سۆزنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سۈنەن تىرمىزىدا دۇئادا ئەپۇ قىلغۇچى دېگەن سۆزدىن كېيىن "كەرىم" دېگەن سۆز ئارتۇق بايان قىلىنغان، ئىلگىرىكى مەنبەلەردە ۋە بۇنىڭدىن نەقىل قىلغانلارنىڭ كىتابلىرىدا بۇ سۆزنىڭ ھېچ ئەسلى يوق، ئېنىقكى بۇ سۆز كىتابنى كۆچۈرگۈچىلەر ياكى بېسىپ چىقارغۇچىلار تەرىپىدىن كىرگۈزۈلۈپ قالغان، "تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" ناملىق شەرھى يېزىلغان، ھىندىستاندا  نەشىر قىلىنغان"سۈنەن تىرمىزى"نىڭ نۇسخىسىدا ۋە باشقا نۇسخىلىرىدا بۇ ئارتۇق سۆز يېزىلمىغان". [مۇبارەكفۇرىينىڭ" تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" ناملىق ئەسىرى 4-توم 264-بەت].

    بۇنى كۈچلاندۇرىدىغان يەنە بىر دەلىل: ئىمام نىسائى ئۆزىنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ قولىدىن چىقارغان، بۇ ھەدىسنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇستازى قۇتەيبە ئىبنى سەئىيدنىڭ ئىسنادى بىلەن زىيادە سۆز يوق ھالەتتە نەقىل قىلغان.

     شۇنىڭدەك بۇ ئارتۇق سۆز، ھۆرمەتلىك قېرىندىشىمىز ئەلى ھىلبىينىڭ ئىبنى سىننىينىڭ" تەھرىرلەنگەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى" ناملىق ئەسىرى 202- نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىنغان. بۇ سۆز ئىبنى سىننىينىڭ ئۆز نۇسخىسىدا يوق، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ھەدىسنى ئۇستازى نىسائىدىن نىسائى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك قۇتەيبىدىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن بۇ ئارتۇق سۆزنى تىرمىزى ۋە باشقىلارغا قېتىپ قويغان، ئەسلىدە ھەدىسنى چىقارغۇچىلار ئارتۇق سۆزنى قوش تىرناق ئېچىگە ئىلىپ قويۇشى، بۇ ئارتۇق سۆز تىرمىزىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ خاتالىقى دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى كېرەك بولىدۇ، تەتقىقاتچىلار بولسا، بۇنى ئەسلا سۆزلىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت بۇ سۆزنىڭ ئەسلى يوق دېگەننى بايان قىلىدۇ، شۇداقتىمۇ بۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك". ["سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 13-توم 140-بەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى تەتقىقاتچىلار "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" دە بۇ ئارتۇق سۆزنى سەھىھ دېگەن قارىشىدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئوچۇق قايتىۋېلىش دېگەن.

    نېمە بولسا بولسۇن، ئۇنى قايتىۋېلىش دەپ ئاتىسۇن ياكى بېكىتىلگەن بىرىنچى ھۆكۈمدىن ئايرىپ بېكىتىش دەپ ئاتىسۇن، مۇھىم بولغىنى خاتالىقنى تونۇپ توغرىغا قايتىشتۇر.

    كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇنداق ئارتۇق سۆزلەر ھەدىسكە، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ زىيادە قىلىپ قويۇشىدىن ئەمەس بەلكى، بەزى ھەدىس كىتابلىرىنى كۆچۈرگۈچى كىشىلەردىن كىشىلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق سېڭىپ كېرىدۇ، "كەرىم" دېگەن سۆزنى زىيادە نەقل قىلغان ئۆلىمالار ھەدىس كىتابنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن شۇ بويىچە نەقل قىلغان. بەزى تەتقىقاتچى ئۆلىمالارنىڭ بايان قىلىشىچە: "رىسالە" ناملىق باسما شىركىتىنىڭ نەشىر قىلغان ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەد 42-توم 236-بەتتە (ق) -بۇ كىتابنىڭ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان قول يازما نۇسخىسى-(ئەپۇۋۇن كەرىم) دەپ باسقان. ئۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى 1-توم 104-بەتكە قارالسۇن. شۇنىڭدەك "مەكنۇز"باسما شىركىتىنىڭ نەشىر قىلغان 11-توم 6118-بەتتىكى 26021-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ شۇنداق باسقان. تەتقىقاتچىلار(ق)- كىتابنىڭ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان قول يازما نۇسخىسى- ئەپۇۋۇن كەرىم دەپ يېزىلغان ۋە بۇ سۆز باشقا نۇسخىلاردىمۇ ئىسپاتلانغان دەيدۇ.

شۇنىڭدىن بۇ ئارتۇق سۆز نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدا نەقل قىلىنغان، ئىبنى ئەسىر" جامىئۇل ئۇسۇل" 4-توم 324-بەتتە، ئەلئىمرانى "ئەلبايان فى مەزھەبى شافىئىي" ناملىق ئەسەر 3-توم 568-بەتتە، خازىن"لۇبابىل تەئۋىيل فى مەئانىل تەنزىيل"4-توم 452-بەتتە، ئىبنىل قەييىم"بەدەئىئىل پەۋائىد"ناملىق ئەسەر 2-توم 143-بەتتە، خەتىيب شىربىينى"ئەلئىقنائ فى ھەللى ئەلپازى ئەبى شۇجائ"1-توم247-بەتتە، ئەمىر سەنئانىي"ئەلتەھبېر لىئىيزاھ مەئانىتتەيسىير"4-توم 268-بەتتە، تەھاۋىي "ھاشىيەتى ئەلا مەرەقىل پەلاھ شەرھى نۇرۇل ئىيزاھ" 401-بەتتە كەلتۈرگەن.

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى"كەرىم" دېگەن ئارتۇق سۆزنى ئىسنادسىز نەقىل قىلغان، ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇ سۆزنى سۈنەن تىرمىزىگە قېتىپ قويغان، مانا بۇ مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن ئەسلى قول يازمىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئارتۇق سۆزنىڭ ھەدىسنىڭ ئەسلى تېكىستى ئەمەس ئىكەنلىكىدىن ھېچ شەك قىلمايمىز، چۈنكى ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنىدىغان ئونلارچە كىتابلاردا بۇ ئارتۇق سۆز يوق، سۈنەن تىرمىزىنىڭ بەششار ئوۋاد تەتقىق قىلغان باسمىسى 5-توم 490-بەت ۋە شۇئەيىب ئارناۋۇت تەھقىق قىلغان، يەنە بىر باسمىسى 6-توم 119-بەت قاتارلىق تەھقىق قىلىنغان بىر قانچە يازما نۇسخىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ باقساق، بۇ ئارتۇق سۆزگە قېلىنغان بىرەر ئىشارەتنى تاپالمىدۇق.

 ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]