پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار، سالىھلارنىڭ قەبرىلىرى ۋە قەدەم جايلىرىغا مەسچىت سېلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش ۋە تولۇق چەكلەنگەنلىك، بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ لەنەتگەردى بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ شېرىككە ۋاسىتە بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلار ھەققىدە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى بۇنىڭدىن تولۇق چەكلىگەن، رىياللىقمۇ شەرىئەت چەكلىمىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى. شەرىئەتنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتكە يەتكۈزگەنلىرىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان ئىلاھى ۋەھىي ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل، سەمىمىي ئىكەنلىكى بۇ ۋەھىنى ئۈممەتكە تولۇق يەتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەن، ئۇ جايلاردا يۈزبەرگەن شېرىك ئېتىقاد ۋە چەكتىن ئاشقان بەزى ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلغان كىشى، قەبرىستانلىققا كاتتا مەسچىت بىنا قىلىپ، ئۇنى بېزەپ گۈزەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدا مۇتەۋەللى ۋە قەبرە ساقلىغۇچىلارنى تەيىن قىلىش شېرىكنىڭ ۋاستىلىرى ئىكەنلىكىنى، قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ گۈزەللىكلىرى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن بىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرى بار ئورۇننى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىت قىلىۋالغان يەھۇدى ۋە ناسارالارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى1330 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى529-ھەدىس].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان، مۇبادا شۇ ئاگاھلاندۇرۇش بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ قەبرىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئاشكارا قىلىناتتى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىسىنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋېلىشتىن ئەنسىرەپ ئاشكارا قىلمىدى".
ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەبەشىستاندا كۆرگەن چېركاۋ ۋە ئۇنىڭ ئېچىدىكى سۈرەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سالىھ، ياخشى كىشىلەر ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ، ئەتراپىغا سۈرەتلىرىنى تىكلەيتتى، ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ناچار-ئەسكى كىشىلەردۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 427 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 528 -ھەدىس].
جۇندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن ئاللاھ تائالاغا ئۈممىتىمدىن ھېچ كىشىنى دوست تۇتمىغانلىقىم بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلايمەن، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك مېنىمۇ دوست تۇتتى، مۇبادا مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتقان بولسام، ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرىنى دوست تۇتاتتىم، دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالدى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەيمەن». [سەھىھ مۇسلىم 532 -ھەدىس]،
بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەر بەك كۆپ بولۇپ، بارلىق ئىسلام ئالىملىرى، تۆت مەزھەپ پېشۋالىرى ھەممەيلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈممەتكە نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى قەبىرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلىدى ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەرلەر، سالىھلار ھەققىدە چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ ئىلگىرىكى يەھۇدى، ناسارالار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئازغۇنلىرىدەك ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى.
بەزى ئىنسانلار قەبرىگە مەسچىت بىنا قىلىشنى توغرا دەپ، بۇ ئايەتتىكى « قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِم مَّسْجِدًا تەرجىمىسى: «گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى ( غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى، دېدى» دېگەن ئايەتكە كۆرە، ئەسھابۇل كەھپ ۋەقەلىكىنى دەلىل قىلىدۇ. ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ ئايەتتە: ئاللاھ تائالا شۇ دەۋرىدە ئۆتكەن پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىلىرىنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا رازى بولۇپ، ئۇنى توغرا دېگەنلىك بولمايدۇ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەش، سۆكۈش ۋە ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش يولىغا ئاساسەن بايان قىلىشتۇر. مۇشۇ ئايەت نازىل قىلىنغان زات يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى ھەممە ئىنسانلاردىن بەكرەك بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈممىتىنى قەبىرلەرگە مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلىدى، ھەزەر قىلدۈردى، ئۇنداق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىنىپ، لەنەتگەردى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
مۇبادا، قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىش دۇرۇس بولغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى بۇنىڭدىن بۇ قەدەر چەكلىمەيتتى، ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ لەنەتگەردى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نەزىرىدە ئەڭ ناچار، ئەسكى كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، ھەقنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىگە بۇ دەلىل-پاكىتلار يېتەرلىكتۇر. مۇبادا پەرزەن قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىش بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە دۇرۇس بولغان دېسەك، بىزنىڭ ئۇ ئىشتا ئۇلارغا ئەگىشىشىمىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى، بىزنىڭ شەرىئىتىمىز ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، ئۇنىڭ شەرىئىتى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان كامىل شەرىئەت، بىزنى قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلىدى، بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئىلگىرىكى شەرىئەتلەردىن ۋە گۈزەل ئادەتلەردىن ئۇنىڭ شەرىئىتىگە زىت بولغانلىرىنى تەرك قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىنمۇ مۇكەممەل بىر شەرىئەت يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىنمۇ گۈزەلراق ۋە توغرا بولغان بىر يول يوقتۇر.
ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا، سۆز-ھەرىكەتلىرىدە، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىدا ۋە قالغان بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقانغا قەدەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە چىڭ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىزگە يېقىندۇر ۋە دۇئا-تېلەكلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئەلچىسى، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالامى بولسۇن.
پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى بازنىڭ ماقالىلار ۋە پەتىۋالار توپلىمى 1 -توم 434 -بەت.]