چارشەنبە 4 رەبىئۇسسانى 1440 - 12 دىكابىر 2018
Uygur

ئەۋلىيالار بىزنى ھېمايە قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى بۇ قارىشىغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرىدۇ

266635

تارقاتقان ۋاقىت : 27-11-2018

كۆرگۈچىلەر : 211

سۇئال

    مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەقۋادار كىشىلەرگە-ئابدۇلقادىر جىيلانىغا ئوخشاش كىشىلەرگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەۋلىيا دەپ ئاتايدۇ-ئۇ ئەۋلىيالار مۇشۇ دۇنيادا بىزگە ياردەمچى بولىدۇ ۋە بىزنى ھېمايە قىلىدۇ دەپ ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا قاتىدۇ، بۇ ئېتىقادىنى كۈچلاندۇرۇپ بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ:  إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُواْ الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلاَةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ  تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە)كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر.» [سۈرە مائىدە 55-ئايەت]. مۇشۇ ئايەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  انَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە)كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر.» [سۈرە مائىدە 55-ئايەت].

   ئەۋلىيا ياكى ۋەلى دېگەن سۆز: ياخشى كۆرگۈچى، دوست، ياردەم بەرگۈچى دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۇ،ئايەتنىڭ كۆرۈنىشى مۇشۇ سۆزلۈكنى ئىپادىلەيدۇ.

    لۈغەتتە: "ئەلقامۇسۇل مۇھىيت" 1344-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ۋەلى دېگەن: يېقىن، يېقىنلاشتى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.

   ۋەلى دېگەن بۇ تۈپ سۆزدىن ئېلىنغان ئىسىم بولۇپ: ياخشى كۆرگۈچى، دوست ۋە ياردەم بەرگۈچى دېگەن بولىدۇ. ئايەتنىڭ كۆرۈنىشىدە بولسا، ئۇ ئايەتتىن ئىلگىرىكى ئايەتتە يەھۇدىي-ناسارالارنى ياخشى كۆرۈش، دوست تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدىكى ئايەت بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ * فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَى أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَى مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ * وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ  تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ۋەلىلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى ۋەلى قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ، دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ، (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى.» [سۈرە مائىدە 51-53-ئايەت].

   ئىبنى ئەتىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىكى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار» دېگەن ئايەت «يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار» دېيىلگەن كىشىلەرگەيۈزلەندۈرۈلگەن". ["ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىيز" 2-توم 208-بەت].

    يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى تۇتۇش چەكلەنگەن يەنى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ياردەمچىلىرى، دوستى ۋە ياخشى كۆرىدىغان يېقىنلىرى قىلىۋېلىش چەكلەنگەن، بۇ توغىردا يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُولَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى-ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ-دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [سۈرە مۇجادەلە 22-ئايەت].

   ئەگەر ئايەتنى مەنپەتنى جەلىپ قىلىش ۋە زېياندىن ساقلىنىشتا ئۇلاردىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن چەكلەش دەپ چۈشەندۈرگەندە، ئايەتنىڭ چۈشەندۈرلىشى توغرا بولمايدۇ، ھېچ بىر ئەقىللىق كىشى بۇنداق بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى:ئايەتنىڭ كۆرۈنىشى ئايەتنىڭ بۇ يەردە ياخشى كۆرۈش، دوستلۇق ۋە ياردەم مەنىسىدە كەلگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، تەپسىرشۇناسلارمۇ شۇنداق تىكىست بايان قىلغان.

    ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى «ھەقىقەتەن ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۆمىنلار سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار» ئايىتىنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:ئى مۆمىنلار! سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە ئاللاھ تائالا سۈپىتىنى زىكىر قىلغان مۆمىنلەردىن باشقا ياردەم بەرگۈچى يوق، ئاللاھ تائالا سىلەرنى يەھۇدى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماسلىققا بۇيرىدى، ئۇلارنى يېقىن سىرداش قىلىۋېلىشتىن چەكلىدى، پەقەت سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلارغا دوست ۋە ياردەم بەرگۈچى، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار ۋە ياردەمچى قېلىۋالماڭلار". "تەپسىير تەبەرى"8-توم 529-بەت.

   ئىككىنچى: ئۇ كىشىنىڭ (ياكى دوستىڭىزنىڭ)مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن تەقۋادارلىق ۋە باشقا تەرەپلەردە مەشھۇر بولغان ئابدۇقادىر جىيلانىغا ئوخشاش مەلۇم كىشىلەرنى ۋەلىلىككە خاس قېلىۋىلىشى ۋە دەلىلسىز بۇ ئايەتنى خاس قىلىۋېلىشى بولسا ئىلىمسىزلىك بىلەن ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە سۆز قىلغانلىقتۇر، چۈنكى ئايەتنىڭ تىكستىدە، مۆمىنلەرنىڭ ۋەلىسى دېگەن ئىمان ئىيتقان، نامازنى ئۆز ۋاختىدا ئادا قىلغان ۋە زاكات بەرگەن ھەرقانداق كىشى دەپ كەلگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   ِانَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ  تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە)كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر.» [سۈرە مائىدە 55-ئايەت].

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئايەتتىكى «مۆمىنلەر» دېگەن سۆز بارلىق مۆمىنلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەبۇ جەپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن:« شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەردۇر» دېگەن ئايەت توغىرسىدا سوراپ: مۆمىنلەر دېگەن سۆزدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەخسەت قىلىنامدۇ؟دېگەندە، ئۇ كىشى:ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ مۆمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن، بۇ ئايەت بارلىق مۆمىنلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ دەيدۇ، نۇھاس مۇنداق دەيدۇ:بۇ سۆز ئوچۇقتۇر، چۈنكى مۆمىنلەر دېگەن سۆز كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدۇ". [تەپسىر قۇرتۇبى  8-توم 54-بەت].

    ئۇ كىشىنىڭ (يەنى دوستىڭىزنىڭ)ئايەتنى چۈشەندۈرىشى ئۇ ئىسلام ئەقىدىسىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە قۇرئان-ھەدىسنىڭ تىكىستلىرى بويىچە بېكىتىلگەن قاراشنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت شېرىك ئەقىدىسىدىكى چۈشەندۈرۈشتۇر، پايدا-زېيان ئاللاھنىڭ قولىدا، يالغۇز ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشىدىن مەنپەئەت تەلەپ قىلىنمايدۇ ۋە زېياننى مۇداپىئە قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قېلىپ مۇنداق دېگەن:  قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.» [سۈرە ئەئراپ 188-ئايەت].

   ئەبۇ ھەييان ئەندۇلۇسى تەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كۈچ-قۇدرەت ۋە غەيىب ئىلمىنى بېلىش قاتارلىق پەرۋەردىگارلىققا خاس بولغان سۈپەتلەرنى يوق قىلىپ، بويسۇنۇشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدىغان تۇرسا قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟ دەپ ئۆزىنىڭ ئاللاھغا بولغان قۇلچىلىقىنى ئاشكارا قىلىشىدۇر، يۈنۈس سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن:  وَيَقُولُونَ مَتَى هَذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ * قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ  تەرجىمىسى: « ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.» [سۈرە يۈنۈس 48-49-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا ، قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا ، قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا ، قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا ، إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ، حَتَّى إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا ، قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا ، عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا ، إِلَّا مَنِ ارْتَضَى مِنْ رَسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا ، لِيَعْلَمَ أَنْ قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَى كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ، (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن، ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)، ئېيتقىنكى، (ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟، مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن،ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ،(بۇ ئاللاھنىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر.» [سۈرە جىن 19-ئايەتتىن 28-ئايەتكىچە].

    شەيخ ئابدۇراھمان سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ) دېگەن بۇ ئايەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:مەن ئاللاھنىڭ قۇلى، مېنىڭ قولۇمدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ، بارلىق تەسەرۇپات ئاللاھ ئۈچۈندۇر دەيدۇ، (ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ دەيدۇ، خالايىقلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل، ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچى بولغان بۇ پەيغەمبەر پايدا يەتكۈزۈش ۋە زېياننى دەپئى قىلىشقا، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر ئىشنى مەقسەت قىلسا ئاللاھدىن بولغان ئڭ ئىشتىن ئۆزىنى چەكلەپ قويالمايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشى ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشقا ئىگە بولالمايدىغانلىقى مۇقەررەردۇر". تەپسىير سەئدىي"891-بەت.

    بۇ مەسىلە ئۈچۈن مۇھىم بولغان133081200862-ۋە 153666-نۇمۇرلۇق پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش