شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قېزىل رەڭلىك لەۋ گىرىمى ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

پەقەت يولدىشىمنىڭ يېنىدا قېزىل رەڭلىك لەۋ گىرىمى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟، بەزى كىشىلەر: قېزىل رەڭلىك لەۋ گېرىمىنىڭ تەركىبىدە چوشقا مېيى بار دەيدۇ، توغىرمۇ؟، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەسلىدە گۈزەللىك ۋە زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قوللىنىش دۇرۇستۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الأَرْضِ جَمِيعا  تەرجىمىسى: ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر(نىڭ پايدىلىنىشىڭلار)ئۈچۈن ياراتتى. [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].

    بەزى ۋاقىتتا ئايال كىشىنىڭ ئىرى ئۈچۈن زىننەتلىنىشى ياخشى بولىدۇ، بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىشتۇر. يەنى چەكلەنگەن ئورۇنلاردا قىلماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ، ئەگەر زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىش توغرا بولمايدىغان كىشىلەر ۋە سورۇنلاردا زىنەتلىرىنى ئاشكارا قىلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك گۈزەللىك ۋە زىننەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ تەركىبىدە چوشقا مايلىرىغا ئوخشاش ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولغان مەنىۋىي جەھەتتىن پاكىزە بولمىغان ماددىلار بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "لەۋلىرىنى قېزىل سۇرۇخ بىلەن بوياش چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئەسلىدە دۇرۇس بولغان نەرسىنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئوچۇق دەلىل بولىشى كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ لەۋگە زىيانلىق ئېكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭ نەملىك ۋە مايلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە بۇنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ، ماڭا بىلدۈرۈشىچە: بەزى ۋاقىتتا بۇ لەۋ گىرىمى ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ لەۋلىرىنى يېرىۋىتىدىكەن، ئەگەر بەدەنگە زىيانلىق بولسا، بۇنى ئىشلىتىشمۇ چەكلىنىدۇ. [ئىسلام مۇنارى پەتىۋاسى 3-توم 831-بەت].

   دوكتۇر ۋەجىھ زەينىل ئابىدىين "ئىسلام ئېڭى" ژورنىلىغا يازغان ماقالىسىدە، ھازىر كەڭ تارقالغان ۋە خانىم-قىزلار كۆپ ئىستىمال قېلىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى سەۋەبىدىن نەتىجىلەنگەن زىيانلارنى بايان قىلىپ: "قېزىل لەۋ سۇرۇخى لەۋلىرىنى ئىششىتىپ، يۇمران تېرىلەرنى قۇرۇتۇپ يېرىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇ تېرىنىڭ لەۋنى ساقلايدىغان قەۋىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. [شەيخ ئابدۇللاھ پەۋزاننىڭ"خانىم-قىزلارنىڭ زىننىتى" ناملىق ئەسىرى 51-بەتتىن نەقىل قېلىندى].

    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاياللار ھازىر بازارلاردا كەڭ تارقالغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ تەركىبىنى ۋە زېيانلىقمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلىپ ئېلىش كېرەك. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى