يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېنتىرنېتتىن مال سېتىۋېلىپ، پۇلىنى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ئېنتىرنىتتىن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ پۇلىنى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ياكى مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن بانكا ئارقىلىق يوللاپ بېرىش ۋە  توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، تاۋار سۆز بىلەن ياكى سۈرەت بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا ياكى تۆۋەندىكى تاۋارلاردا سۈپەتلەنمىگەن بولسا:

    1- ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياكى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندىن باشقا تاۋارلار.

   2-ئالتۇن، كۈمۈش، ياكى ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن كۈمۈش ياكى ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن ھەرقانداق مېتال بۇيۇملار.

   3-ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياكى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئۈزۈك، بىلەيزۈك، سائەت، ۋە ئومۇمى زىبۇ-زىننەتلەر.

   4-ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلمىگەن، ئالتۇن رەڭلىك قاچا-قۇچۇلار ۋە زىننەت بۇيۇملىرى.

    5-تۈرلۈك ئەتىرلەر ياكى سۈرەت بىلەن ياكى ئاغزاكى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدىغان نەرسىلەر.

    يۇقىرىدا بايان قىلىغان نەرسىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئۈمىت قىلىمىز، مۇشۇ نەرسىلەردىن ئۆزى ئىشلەتسىمۇ بولمايدىغان، باشقىلارغا سوۋغات قىلسىمۇ بولمايدىغان نەرسىلەرنى بىلمەستىن ياكى ئېسىدە يوق سېتىۋالغان كىشىنىڭ نېمە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پۇل بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   1-پۇلمۇ ۋە سېتىۋالىدىغان نەرسىمۇ ھازىر بولۇش ۋە سودا قىلغان سورۇندا ھەقىقەتتە  ياكى ھۆكۈمدە تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنىدىغان نەرسىلەر، ئۇلار: ئالتۇن، كۈمۈش ۋە پۇللاردىن ئىبارەت، پۇلنى بېرىپ ئالتۇننى ئېلىش بىلەن ياكى شۇ سورۇندا پۇلنى بېرىش بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىش ھاسىل بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك، ئالتۇننى سودا قىلغان سورۇندا تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بانكىنىڭ تەستىقلانغان پۇل چېكىنى بېرىش ياكى ئۇ كىشىنىڭ ھېسابىغا پۇل يوللاش بىلەنمۇ ھۆكۈمدە تەڭ تاپشۇرۇپ ئېلىش ھاسىل بولىدۇ.

    بىر سورۇندا تاپشۇرۇپ ئېلىشنىڭ دەلىلى: ئۇبادە بىن سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ئالتۇن بىلەن، كۈمۈش كۈمۈش بىلەن، بۇغداي بۇغداي بىلەن، ئارپا ئارپا بىلەن، خورما خورما بىلەن، تۇز تۇز بىلەن (يەنى تۈرى بىر بولغان بولسا) ئوخشاش بولۇش، نەخمۇ-نەخ بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ تۈرلىرى ئوخشىمايدىغان بولسا، نەخ بولغان ھالەتتە باھاسىنى قانداق ساتساڭلار بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى1587-ھەدىس].

    پۇللارغا ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ: توردىن ئالتۇن، كۈمۈشنى ئالدىدىن پۇل تۆلەپ ياكى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى سودا قىلغان سورۇندا پۇلنى بېرىپ ئالتۇننى تاپشۇرۇپ ئېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن ياكى ئالتۇن سۈيىگە چۆمدۈرۈلگەن نەرسىلەر ئەگەر بېرىلگەن ھەلنى تاتىلىسا ئۇنىڭدىن ئالتۇن جۇغلىشىدىغان ياكى ئوتقا سالسا ئالتۇن ئايرىلىدىغان بولسا بۇ نەرسىلەر ئالتۇننىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ. 

ئەمما ھېچ نەرسە جۇغلاشمايدىغان پەقەت رەڭ بولسا، ياكى ساختا ئالتۇن بولسا، بۇ ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ، بەلكى ئۇ كېيىن سۆزلىنىدىغان ئىككىنچى تۈرنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەل بىرىلگەن كۈمۈش ئۈزۈك ياكى  ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان قىلىچ، نەيزە دېگەندەك ئۇرۇش قوراللىرى  ياكى ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەل بېرىلگەن باشقا نەرسىلەر بولسا، ئەگەر ئوتقا سالسا بەرگەن ھەلدىن ئالتۇن ھاسىل بولسا بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر". ["ئەلمەجمۇ" 4-توم 441-بەت].

   2-پۇل بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى سودا قىلغان سورۇندا بولىشى شەرت قىلىنمايدىغان، بەلكى ئىككىسىدىن بىرىنىڭ بولىشى كۇپايە قىلىدىغان ئەتىر، كىيىم-كىچەك، ماشىنا ۋە زېمىن قاتارلىق نەرسىلەر:

   بۇنىڭدا پۇل نېسى بولۇپ مال ھازىر بولسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇ نېسى سودا دېيىلىدۇ.

پۇل نەخ بولۇپ مال نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىگە خاس شەرتلىرى بولىدۇ، ئۇ شەرتلەردىن: ئالىدىغان مالنىڭ سۈپەتلىرى ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇش، سودا قىلغان سورۇندا پۇلنى ئالدىدىن تولۇق بەرگەن بولۇش كېرەك، پۇلنى مالنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەردىن شۇ بىلىندىكى، سودىدا پۇلنى ۋە تاۋارنى ھەر ئىككىسىنى نېسى قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭدەك يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تاۋارلارنى سودا قىلغان سورۇندا تاپشۇرۇپ بەرمىسە ۋە ساتقۇچىمۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالمىسا توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سودا قىلىشقان سورۇندىن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ياكى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ئايرىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىمام شاپىئىينىڭ سۆزى، چۈنكى سودا زىممىسىدە بولۇپ، «سەلەم» سودىسىغا ئوخشاش ئىككى نەرسىدىن بىرى مالنى ياكى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ئايرىلىپ كېتىش توغرا بولمايدۇ. ["ئەلمۇغنى" 3-توم 497-بەت].

    بۇ مۇئامىلىنى توغرا قىلىشنىڭ يولى: مەلۇم سۈپەتتىكى بىر تاۋارنى سېتىشقا كېلىشىم قىلىنىدۇ، بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە بېكىتمەيدىغان پەقەت ۋەدىدىن ئىبارەت بولۇپ، مال خېرىدارنىڭ يېنىغا ھازىر بولغاندا، خالىسا سودا تامام بولىدۇ، مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

    بىز ئىلگىرىمۇ ئېنترنىت ئارقىلىق سودا قىلىش، سەلەم سودىسىغا ئالاقىلىق، تاۋارغا ئىگە بولۇشنى شەرت قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەر  توغرىسىدا كۆپ سۆز بولغان ۋە پەتىۋالارنىمۇ بەرگەن ئىدۇق.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى