پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

يامانلىققا ئىلاج قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ناچار گەپ-سۆزلەردىن قانداق ساقلىنىدۇ؟ ياكى ئومۇمى ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن قاداق ساقلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    پاجىرلىق، پاسىقلىق دېگەن: ئاسىيلىققا يېتەكلەش ۋە گۇناھ-مەسىيەتنى كەڭرى قىلىش دىمەكتۇر، ئۇنىڭ ئىلاجى: ئاللاھقا تەۋبە قېلىش، توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش، ياخشى كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇش، ناچار كىشىلەردىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پاجىرلىق، پاسىقلىق دېگەن: ئاسىيلىققا يېتەكلەش ۋە گۇناھ-مەسىيەتنى كەڭرى قىلىش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە قايتىشقا رىغبەتلەنمەستىن قەبىھ-ناچار ئىشلارغا ئاتلىنىش دىمەكتۇر.

    لۇغەت ئۆلىمالىرى دەيدۇ: پۇجۇر دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى: توغرا مەقسەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىش دېمەكتۇر. ["ئىمام نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى"2-توم 48-بەت].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پۇجۇر دېگەن گۇناھ-مەسىيەتنى كۆپ قىلىش بولۇپ، سۇنىڭ ئېتىلىپ چىققىنىغا ئوخشىتىلدى، مۇتلەق يالغانچىلىققىمۇ پۇجۇر دېگەن سۆز ئىشلىتىلىنىدۇ". ["پەتھۇلبارى"1-توم 165-بەت].

    زۇبەيدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەجىر دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسى"يېرىلىش" دېگەن بولۇپ، ئاندىن ئۇ سۆز گۇناھ-مەسىيەت، ھارام-چەكلەنگەن ئىشلار، زىنا-پاھىشە ۋە بارلىق پاسكىنا-ناچار ئىشلارغا ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارغا ئىشلىتىلدى". ["تاجىل ئەرۇس"13-توم 2-بەت].

     راغىبۇل ئەسبەھانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەجىر دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسى: "يېرىلىش" دېگەن بولۇپ، پاجىر دېگەن دىن-دىيانەتنىڭ پەردىسىنى يېرتقۇچىدۇر، شۇنىڭدەك بۇ سۆز بۇزۇقچىلىققا مايىل بولۇش، گۇناھ-مەسىيەتكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق يامانلىق-ئەسكىلىكنىڭ جۇغلانمىسىنىڭ نامىدۇر". ["پەتھۇلبارى"10-توم 508-بەت].

    ئىككىنچى: پۇجۇر دېگەن: "يالغانچىلىق، ناچار سۆز قىلىش، تىللاش ۋە دەشنەم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ".

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دېگەن: راستچىللىقنى بولۇڭلار، ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم راستچىل بولىدىكەن ۋە راستچىللىقنى تاللايدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىللاردىن يېزىلىدۇ، يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! ھەقىقەتەن يالغانچىلىق پۇجۇر، گۇناھ-مەسىيەتكە باشلايدۇ، پىسقى-پۇجۇر دوزاخقا باشلايدۇ، ئىنسان دائىم يالغان سۆزلەپ، يالغانچىلىقنى تاللايدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يالغانچىلاردىن يېزىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6094-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2607-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: راستچىللىق دېگەن ئەيىب-نۇقسانلاردىن خالى بولغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ دېگەن بولدى، ياخشىلىق دېگەن خەيرىيەت-ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىنىڭ نامىدۇر.

    بەزىلەر: ياخشىلىقتىن جەننەت مەقسەت قىلىنىدۇ، ياخشىلىق دېگەن سالىھ ئەمەللەر ۋە جەننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەيدۇ.

    ئەمما يالغانچىلىق بولسا پاجىرلىق، گۇناھ-مەسىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ بولسىمۇ توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشتۇر، بەزىلەر پۇجۇرنى گۇناھ-مەسىيەتكە تۈرتكە بولۇش دېگەن.

    ئۈچىنچى: سۆزدىكى ناچارلىقنى تۈزۈتۈشنىڭ چارىسى راستچىللىقنى تاللاش، ھەق سۆزنى دېيىش، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، سەمىمى تەۋبە قىلىش بىلەن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئىنساننىڭ تىلى راستچىللىق، ئاللاھنى زىكىر قېلىش بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۇ كىشى تىلىنى يالغانچىلىقتىن ۋە ناچار سۆزلەردىن ساقلايدۇ.

    ناچار سۆزلەردىن ساقلىنىشنىڭ چارىسىنى قىلىش ئومۇمەن:

   -ئەۋۋالدە سەمىمى ۋە ساپ تەۋبە قىلىش، ئاندىن ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىنى مۇستەھكەم تۇرۇپ تولۇق ئادا قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، ياخشى-سالىھ كىشىلەرگە ئۈلپەت-ھەمراھ بولۇش، ناچار، بۇزۇق ۋە ئەسكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنى تەرك قىلىش.

   -ياخشى-سالىھ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىش، ئۇلارغا ئەگىشىش، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى پاجىر، پاسىقلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىش، ئۇلارنىڭ يوللىرى، پىرىنسىپلىرىدىن يىراق بولۇش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىش، ھەقىقەتەن ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ تىلى ياكى ئەۋرىتى ياكى باشقا ئەزالىرى بىلەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ تۇتقان يولى خارلىق ۋە ئاقىۋىتى قاتتىق ئازاب بولىدۇ.

    -تەقۋادارلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، سەمىمى، راستچىللىقى، نەپسىنى ۋە ئەۋرىتىنى پاك تۇتىشى، ھارامغا قاراشتىن كۆزىنى ساقلىشى، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى قاتارلىق ئېسىل سۈپەتلىرىنى تونۇشىمىز ۋە بۇ سۈپەتلەرنى ئۆزىمىزدە ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشىمىز كېرەك.

    -ھارام بولغان نەپسى-شەھۋەتلەرنى قوزغاتقۇچى، چەكلەنگەن ئىشلارغا چاقىرغۇچى، ھەممىگە تەڭ قاراش، ناچار-پەسكەش بۇزۇق فېلىملەرنى كۆرۈش، رەزىل، بۇزۇقلاردىن بولغان پەسكەشلەرگە ئۈلپەت-ھەمراھ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشىمىز كېرەك.

ئومۇمەن، ھەرقانداق كىشى ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسا، ئىمان ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرسە، ئۇلارغا ھەمراھ بولسا، ئۆزىنى چەكلەنگەن نەپسى-شەھۋەتلەردىن، ناچار سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ ۋە ئىشى ئىسلاھ بولىدۇ.

    كىمكى گۇناھ-مەئسىيەتتىن بىرەر ئىشقا مۇپتىلا بولۇپ قالغان بولسا، سەمىمى تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە تولۇق ئەمەل قىلسۇن، تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كېيىن ئەپسۇسلىنىپ قالمىسۇن، گۇناھ-مەسىيەتتە چېكىدىن ئېشىپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ قالمىسۇن، ھەقىقەتەن ئاشۇ ئىشلار ئۇ كىشىنى پىسقى-پۇجۇردىن يىراق قىلىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى