پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ھايۋانلار ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزىنى كىسىۋېلىپ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر كىسىۋېلىنغان مۈڭگۈزلەر كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنى شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئېلىنغان بولسا، بۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

    ئەمما ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزى ھايات ۋاقتىدا كىسىۋېلىنغان بولسا ياكى ئۇ ھايۋان شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرۈلمەي، باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈپ مۈڭگۈزى كىسىۋېلىنغان بولسا، بۇ پاكىزمۇ ياكى نىجىسمۇ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، مالىكىي، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراشتا بۇ نىجىس ھېسابلىنىدۇ.

"كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 39-توم 391-392-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: پىقھى ئۆلىمالىرى، گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى، تۇۋىقى ۋە تىرنىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراشتىكىلەر: شاپىئىي مەزھىبىدىكى ۋە مالىكى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئۆلىمالار: بۇ نىجىس بۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بۇ نەرسىلەر ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ نىجىس بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھايۋان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن كىسىۋېلىنغان نەرسىمۇ نىجىس بولىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۈڭگۈز، تىرناق، تۇۋاق دېگەن سۆڭەككە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر ئۇ نەرسىلەر شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاندىن ئېلىنغان بولسا پاكىزە بولىدۇ، ئەگەر ھايۋان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن كېسىپ ئېلىنغان بولسا، ئۇ نىجىس بولىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايۋان ھايات ھالىتىدە ئۇنىڭدىن كېسىپ ئېلىنغان نەرسە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر». [تىرمىزى رىۋايىتى. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن، غەرىب دېگەن". "ئەل مۇغنى" 1-توم 99-بەت].

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەد يەنە بىر رىۋايەتتە بۇ نەرسىلەر پاكىزە بۇنىڭدىن پايدىلانسا توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولغان، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ئىككىنچى قاراشنى تاللىغان ۋە بۇ ئىلگىركى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر دېگەن. "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 96-102-بەت. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىنى 258312- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا ئىخچاملاشتۇرۇپ نەقل قىلدۇق.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام زۆھرى مۇنداق دېگەن:" پىل ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا: ئىلگىرى مەن بىلگەن نۇرغۇن ئۆلىمالار ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىدە چاچلىرىنى تارايتتى، مايلىنىتتى، بۇنى پاك دەپ قارايتتى". ["پەتھۇلبارى" 1-توم 342-بەت].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ مايلىناتتى دېگەن سۆزى  ئۇلارنىڭ بۇنى پاكىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["پەتھۇلبارى" 1-توم 343-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ نەرسىلەرنىڭ پاكىزە بولىشى: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ نىجىس بولىشىنىڭ سەۋەبى گۆشىدە بولىدۇ، سۆڭىكىدە بولمايدۇ، سۆڭەكنى گۆشكە قىياس قىلىپ ئۇنى نىجىس دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بەزى نەملىك ۋە ئارتۇقچە پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ توسۇلۇپ قىلىشى سۆڭەكتە ئەمەس بەلكى گۆشتە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆلسە قان چىقمايدىغان ھايۋانلارمۇ مۇكەممەل ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا نىجىسلىق سەۋەبى تىپىلمىغانلى ئۈچۈن ئۆلۈش بىلەن نىجىس بولمايدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن ئەلۋەتتە سۆڭەكمۇ نىجىس بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قاراش نىجىس بولىدۇ دېگەن دەسلەپكى قاراشتىن كۈچلۈك ۋە توغرا بولغان قاراشتۇر، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ئەسلىدە پاكىزە بولغان ھايۋان بولسا، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى سېتىپ پايدىلىنىش توغرا بولىدۇ". ["زادىل مىئاد"5-توم 674-بەت].

    ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ سۆڭىكى ۋە مۈڭگۈزى پاكىزە دېگەن سۆز كۈچلۈك قاراش بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بۇ قاراشقا ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئېھتىيات قىلىپ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ سۆڭىكى ۋە مۈڭگۈزى پاكىزە ئەمەس نىجىس دېگەن قاراشنى تۇتۇپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەرك قىلسا بۇمۇ ياخشى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىنسان بۇنداق نەرسىلەردىن پايدىلانمىسىمۇ بولىدىغان بولسا بۇمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى