جۈمە 28 رامىزان 1446 - 28 مارت 2025
Uygur

تەۋبىنىڭ شەرتلىرى نېمە؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «پۇشايمان قىلىش تەۋبىدۇر» دېگەن سۆزىدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

سۇئال

ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلماستىن تەۋبە قىلسا توغرا بولامدۇ؟، تەۋبىگە پۇشايماننى شەرت قىلىشتىن نېمە مەنا ئېپادىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

-توغرا بولغان تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن:

-توغرا بولغان تەۋبىنىڭ مەنىسى.

-قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ كاتتا ئاساسىدۇر.

-ئىنساننىڭ دىلىدا پۇشايماننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئىشلار.

-پۇشايماننىڭ مېۋىسى.

-ئىلگىرىكى گۇناھنى يەنە تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشنىڭ نەتىجىسى.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

توغرا بولغان تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن:

1-گۇناھدىن قول ئۈزۈش.

2-ئىلگىرىكى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش.

3-ئۇ قىلمىشقا قايتىدىن قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش.

ئەگەر تەۋبە بەندىلەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا: زۇلۇم قىلغان، مال-مۈلكىنى يەۋالغان، يۈز ئابرۇيىنى تۆككەن، جېنىغا قەست قىلغان دېگەندەك ئىشلارغا ئالاقىدار بولسا، بۇنىڭغا تۆتىنچى بىر شەرت قېتىلىدۇ:

4-ھەق ئېگىسىگە ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى ئۇ كىشىدىن رازىلىق تەلەپ قىلىش.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەقىقى تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ‎يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.» [سۈرە تەھرىم 8-ئايەت].

-توغرا بولغان تەۋبىنىڭ مەنىسى.

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملار ھەقىقى تەۋبىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى:

ئۆمەر، ئۇبەي ۋە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى تەۋبە دېگەن: خۇددى سىغىپ ئالغان سۇتنى قايتىدىن يىلىنغا قايتۇرمىغاندەك، تەۋبە قىلىپ ئاندىن ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا قايتماسلىقتىن ئىبارەتتۇر".

ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى تەۋبە دېگەن: بەندى ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرىغا پۇشايمان قىلىش، ئۇ خاتالىقنى قايتىدىن سادىر قىلماسلىق ئىرادىسىگە كىلىشتىن ئىبارەتتۇر".

كەلبىي مۇنداق دەيدۇ: "تىلى بىلەن ئىستىغپار ئېيتىپ، دىلى بىلەن پۇشايمان قىلىپ، بەدىنىنى گۇناھدىن تۇتۇپ تۇرۇشتۇر".

سەئىيد ئىبنى مۇسەييىب مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى تەۋبە دېگەن: تەۋبە قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىنى پاكلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر".

قۇرەزىي مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى تەۋبە دېگەن تۆت ئىشنى جۇغلايدۇ:" تىلى بىلەن ئىستىغپار ئېيتىپ، بەدىنى بىلەن گۇناھتىن قول ئۈزۈپ. ئىلگىرىكى گۇناھلىرىغا قايتىدىن قايتماسلىقىنى دىلىغا پۈكۈپ. ناچار دوستلارنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["تەپسىر بەغەۋىي" 8-توم 168-بەت].

تەۋبىنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 13990- ۋە 182767- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى:

قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ كاتتا ئاساسىدۇر.

پۇشايمان قىلىش بولسا، تەۋبىنىڭ يادرۇسى ۋە كاتتا ئاساسىدۇرپۇشايمان قىلىش بولسا، تەۋبىنىڭ يادرۇسى ۋە كاتتا ئاساسىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەقىل ئىبنى مۇقەررىن مۇنداق دەيدۇ: ئاتام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇ كىشىنىڭ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «پۇشايمان قىلىش تەۋبىدۇر» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دېگەنلىكى ئاڭلىغان. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 4912-ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: "تەۋبىدە پۇشايماننىڭ ئەمەلىيلىشىشى كۇپايە قىلىدۇ، پۇشايمان قىلىش دېگەن: گۇناھدىن قول ئۈزۈشنى ۋە ئۇ گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشنى لازىم تۇتىدۇ. بۇ ئىككى ئىش پۇشايماندىن پەيدا بولىدۇ، پۇشايمان بولمايدىكەن بۇ ئىككى ئىشمۇ بولمايدۇ". ["پەتھۇل بارى" 13-توم 471-بەتكە قارالسۇن].

موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پۇشايمان تەۋبىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا گۇناھدىن قول ئۈزۈش، گۇناھغا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش، مۇمكىن بولغانچە ھەق-ھوقۇقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش قاتارلىق تەۋبىنىڭ باشقا شەرتلىرى تەرتىپلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: قىلغان قىلمىشىنىڭ مەسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىشتۇر. ["مىرقاتۇل مەپاتىھ" 4-توم 1637-بەت].

بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى247976- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

ئەگەر ھەقىقى پۇشايمان قىلغان بولسا، بۇ ئادەم بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى تەرك قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئىشلارنى تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىلغان تەۋبىسى مۇكەممەل بولىدۇ، تەۋبىنىڭ ھەممە شەرتلىرى ئەمەلىيلىشىدۇ.

-ئىنساننىڭ دىلىدا پۇشايماننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئىشلار.

ئىنساننىڭ دىلىدا پۇشايماننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: بىرىنچى: ئىلگىرىكى جاھىللىقى ۋە نادانلىقىدىن كېيىن ئاللاھنى تونۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا * وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّى إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر، ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق» [سۈرە نىسا 17-18-ئايەتلەر].

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدىكى: «يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ» دېگەنلىك، ھەر قانداق بىر ئادەم رەببىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ ئاسىيلىقتىن قول ئۈزمىگىچە ئۇ نادان، جاھىلدۇر". ["سەھىھىل مەسبۇر پى تەپسىر بىلمەسۇر" 2-توم 19-بەت].

ئىككىنچىسى: غاپىللىقتىن كېيىن ئاللاھنى زىكىر قىلىش:

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ *  الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ * وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ * أُولَئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِين تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار،تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار،(يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى» [سۈرە ئال ئىمران 133-136-ئايەتلەر].

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەبۇ بەكرى راست سۆزلىگۈچىدۇر، ئۇ زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن: «ئىنسان بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دەپ ئاندىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1521-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى406-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1395-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 5738- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئۈچىنچى: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (ئازاب نازىل قىلىشىدىن) خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ئەنسىرەش كېرەك: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ايَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ * نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ بَلْ لَا يَشْعُرُونَ * إِنَّ الَّذِينَ هُمْ مِنْ خَشْيَةِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ * وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ * وَالَّذِينَ هُمْ بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ،  وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا آتَوْا وَقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَى رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ * أُولَئِكَ يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَهُمْ لَهَا سَابِقُونَ‏ تەرجىمىسى: «(ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر، پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر، سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر» [سۈرە مۆمىنۇن سۈرىسى 55-61-ئايەتكىچە].

تۆتىنچى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَاعِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ ، وَأَنِيبُوا إِلَى رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ ، وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُون تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» [سۈرە زۇمەر 53-55-ئايەتلەر].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: جاھىلىيەت دەۋرىدە كۆپ قان تۆكۈپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن، زىنا-پاھىشەنى كۆپ قىلغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سېنىڭ دېگىنىڭ ۋە دەۋەت قىلغىنىڭ بەك گۈزەل ئىش ئېكەن، بىزگە بىزنىڭ كاپىر ۋاقتىمىزدا قىلغان قىلمىشلىرىمىز توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولساڭ؟ دېگەندە، بۇ ئايەت نازىل بولغان: ‎وَالَّذِينَ لاَ يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ، وَلاَ يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالحَقِّ، وَلاَ يَزْنُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ» [سۈرە پۇرقان 68-ئايەت.

يەنە بۇ ئايەت نازىل بولغان: ‎قُلْ يَاعِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ‎ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

بۇخارى رىۋايىتى 4810-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 122-ھەدىس].

تۆتىنچى:

پۇشايماننىڭ مېۋىسى. ئەمما پۇشايماننىڭ مېۋىسى تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن دىلىدا دائىم دەرتلىنىپ، ھەسرەتلىنىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۆمىن ئۆزىنىڭ گۇناھىنى گوياكى ئۇ تاغنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغاندەك، تاغنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەندەك كۆرىدۇ، پاجىر-پاسىق بولسا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى بۇرنىنىڭ ئۈچىدا ئۈچۈپ يۈرگەن چېۋىندەك كۆرىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 6308-ھەدىس].

بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىمكانىيەت بولسا، پۇرسەت تاپسا گۇناھ قىلىش بىلەن خۇرسەن بولۇش. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ قىلغان گۇناھىڭ بىلەن ئۇتۇق قازىنىپ خۇرسەن بولىشىڭنىڭ جىنايىتى گۇناھنى قىلغاندىنمۇ كاتتا بولىدۇ، گۇناھنى قىلالمىغىنىڭغا قايغۇرۇشۇڭنىڭ جىنايىتى گۇناھنى قىلغاندىنمۇ كاتتا بولىدۇ» [ئەبۇ نەئىيم"ھىليەتىل ئەنبىيا"1-توم 324-بەت].

ئىككىنچى: گۇناھغا ھەرگىز قايتماسلىقنى ئارزۇ قىلىش بەلكى ئاللاھ تائالا گۇناھنى ساقلىغاندىن كېيىن ئۇ گۇناھقا تەكرار قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى ئۆچ كۆرگەندەك ئۆچ كۆرۈش.

بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر كىشىدە ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولىدىكەن، ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ: كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق نەرسىلەردىن بەك ياخشى كۆرسە، بىر ئىنساننى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرسە، ئاللاھ تائالا كۇپىردىن-چوڭ گۇناھلاردىن قۇتقۇزۇپ قويسا يەنە شۇنىڭغا قايتىشنى خۇددى ئوتقا تاشلىنىشنى ئۆچ كۆرگەندەك ئۆچ كۆرسە». [بۇخارى رىۋايىتى6941-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 43-ھەدىس].

بۇنىڭ ئەكسى: بارلىق ئىمكانىيتى، ۋاقتىنى چېقىرىپ گۇناھ-مەسىيەتنى، ئۇنىڭ ساھىپلىرىنى ۋە سەۋەپلىرىنى ئىزدەشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا * إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا  تەرجىمىسى: «ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ » [سۈرە مەريەم 59-60-ئايەتلەر].

ئۈچىنچىسى: گۇناھدىن قول ئۈزۈش. ئۇنداق بولىشى گۇناھنى داۋام قىلىش بولسا تەۋبىنى ئۈزىۋېتىدۇ، بۇ قەلبىدە ھەقىقى تەۋبە قىلىش يولىنىڭ ھاسىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە مېنىڭ قارىشىمچە گۇناھنىڭ يەنە بىر تۈرىنى  داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۇ گۇناھقا تەۋبە قىلسا تەۋبە توغرا بولمايدۇ، ئەمما بىر گۇناھنىڭ ئۆزىدىن تەۋبە قىلىپ ئۇنىڭغا ئالاقىسى بولمىغان ۋە ئۇنىڭ تۈرىدىن بولمىغان يەنە بىر گۇناھنى قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك، جازانەخورلۇقتىن تەۋبە قىلىپ، ھارام يەپ- ئېچىشتىن تەۋبە قىلمىغان بولسا جازانەخۇرلۇقتىن قىلغان تەۋبىسى توغرا بولىدۇ.  ئەمما ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەرنى بىر-بىرىندىن ئارتۇق سېتىشتىن تەۋبە قىلىپ، نېسى شەكىلدىكى جازانىدىن تەۋبە قىلماي، ئۇنى داۋاملاشتۇرسا ياكى ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلسا، زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلىشتىن تەۋبە قىلىپ ھاراق ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ياكى بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدىكەن، بۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى توغرا بولمايدۇ.

بۇ خۇددى مەلۇم بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن تەۋبە قىلىپ يەنە بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر. تئۇزۇمدىن سېقىلغان مەست قىلغۇچى ئېچىملىك ئېچىشتىن تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭ غەيرىدىكى مەست قىلغۇچى ئېچىملىكلەرنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرغانغا ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقىقەتتە گۇناھتىن تەۋبە قىلغانلىق بولمايدۇ، بۇ قەپەت گۇناھنىڭ بىر تۈرىدىن چەتنەپ يەنە بىر تۈرىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ بىر تۈردىكى گۇناھتىن تەۋبە قىلىپ، بۇ تۈردىكى گۇناھتىن بولمىغان باشقا بىر تۈردىكى گۇناھقا يۆتكەلگەنلىككە ئوخشىمايدۇ". ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 285-بەت].

تۆتىنچىسى: گۇناھقا ھەرگىز قايتماسلىق ئىرادىسىگە كىلىش:

ئەگەر يەنە گۇناھقا قايتسا، بۇ قىلغان تەۋبىسىنىڭ مۇكەممەل بولىشى ۋە مەنپەئەتلىك بولىشىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، تەۋبىنىڭ ئەسلى ۋە سەھىھلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

"كۇۋەيت پىقھى مەجمۇئەسى" 14-توم 123-بەتتە مۇنداق كەلگەن: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، تەۋبىدە ئىلگىرى تەۋبە قىلغان گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش شەرت قىلىنمايدۇ.

ھەقىقەتەن تەۋبە گۇناھتىن قول ئۈزۈشكە، ئىلگىرىكى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشقا، كۆنگەن گۇناھنى تەرك قىلىش ئۈچۈن كەسكىن ئىرادىگە كېلىشكە ئوخشايدۇ.

تەۋبە قىلغان ھالىتىدە گۇناھقا قايتمايمەن دەپ كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ، ئۇ گۇناھقا يەنە قايتسا، ئۇ كىشى گۇناھنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى قىلغان تەۋبىسى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. يەنى تەۋبە قىلىش بىلەن كۆتۈرلۈپ كەتكەن گۇناھى قايتىپ كەلمەيدۇ، ئۇ ئىلگىرى گۇناھ قىلمىغاندەك بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىس ئىسپاتلايدۇ: «گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى دېگەن گۇناھى يوق كىشىگە ئوخشاشتۇر».

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: ئىلگىرى تەۋبە قىلغان گۇناھىغا قايتسا، ئىلگىرىكى گۇناھىمۇ قايتىدۇ، چۈنكى گۇناھتىن تەۋبە قىلىش دېگەن، كۇپىردىن ئىسلامنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ئىسلام ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كاپىرلىق ۋە ئۇنىڭغا قېتىلغان باشقا گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ، ئىسلامدىن يېنىۋالسا، يېنىۋېلىش بىلەن بىرگە ئىلگىرى قىلغان قىلمىشىنىڭ گۇناھلىرىمۇ بىرگە قايتىدۇ.

توغرىسى: ئادەتلەنگەن گۇناھقا قايتماسلىق ۋە تەۋبىنى داۋاملاشتۇرۇش بولسا تەۋبىنىڭ مۇكەممەل بولىشى، تولۇق مەنپەئەتلىك بولىشى ئۈچۈن شەرت بولسىمۇ، ئىلگىرى قىلغان تەۋبىسىنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن شەرت ئەمەس".

بەشىنچى:

گۇناھنى يەنە تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشنىڭ مېۋىسى.

گۇناھنى يەنە تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشنىڭ مېۋىسى تۆت قىسىم بولىدۇ:

بىرىنچى: گۇناھنىڭ ئېشىكىنى ئېتىش. بۇ ناچار ھەمراھلارنىڭ ھەممىسىدىن يىراق تۇرۇش، ياكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇشقا ئىلىپ بارىدىغان ھەرقانداق ۋاستىلاردىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «پەقەت مۆمىنگە ھەمراھ بولغىن، سېنىڭ تامىقىڭنى پەقەت تەقۋادار كىشى يېسۇن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4832-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2395-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].

ئىككىنچى: گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يوللارنى ئېتىش، بۇ شەكلىك ئىشلاردىن ۋە ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدىغان ھالەتكە ئىلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن يىراق بولۇش.

نۇمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: ئىككى بارمىقى بىلەن قۇلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا شەكلىك يەنى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ ئېنىق بولمىغان ئىشلار بولۇپ، بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، شەكلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئابرۇيىنى پاكلايدۇ يەنى ساقلايدۇ، شەكلىك ئىشقا چۈشۈپ قالغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ چېگرا ئەتراپىدا قوي بېقىۋاتقان پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قويلىرى چەكلەنگەن جايغا كېرىپ قالىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چىگراسى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چىگراسى بولسا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ ساغلام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئۇ قەلىپتىن ئىبارەتتۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 52-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1599-ھەدىس].

ئۈچىنچى: گۇناھنى بۇزىدىغان نەرسىنى ئېلىپ كېلىش، گۇناھى يوشۇرۇن بولغان كىشىنىڭ تەۋبىسى ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى بايان قىلىش بىلەن، مۇناپىقنىڭ تەۋبىسى پەقەت دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش بىلەن بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھدىن تەۋبە قىلىش دېگەن ئۇ گۇناھنىڭ زىتىنى قىلىشتۇر".

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا گۇناھى يوشۇرۇن بولغان كىشىنىڭ تەۋبىسىدە ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى بايان قىلىشنى شەرت قىلدى. يەنى ھىدايەت ۋە بايان. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھى يوشۇرۇن بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇ گۇناھدىن بولغان تەۋبىسى بايان قىلىش بولدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَىٰ مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ ‎،‏ إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَٰئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)، لەنەت قىلغۇچىلار (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ، پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن» [سۈرە بەقەرە 159-160-ئايەت].

مۇناپىقنىڭ تەۋبىسى پەقەت دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھى رىياخۇرلۇق بولغان، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن» [سۈرە نىسا 145-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا تەرجىمىسى:  تەرجىمىسى: «پەقەت مۇناپىقلىقتىن  تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ» [سۈرە نىسا 145-ئايەت].

"مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 379-بەت.

تۆتىنچىسى: ياخشى ئەمەللەرگە يەتكۈزىدىغان ۋاستىلارنى ئېچىش، رەببىنىڭ تائەت-ئىبادىتىدە راۋرۇس تۇرۇش: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَى   تەرجىمىسى: «تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن » [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

ئىبنى ئاشۇر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا يولدا ماڭغان دېگەننىڭ مەنىسى: توغرا يولنى داۋاملاشتۇرغان، توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغان دېمەكتۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە ئوخشاش: إِنَّ الَّذِينَ قالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقامُوا فَلا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْ يَحْزَنُونَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر» [سۈرە ئەھقاپ 13-ئايەت].

"ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋېر" 16-توم 276-بەت.

بۇنىڭ بىلەن بەندىنىڭ تەۋبىدىن بولغان پۇشايماننىڭ ئورنى ئېنىق بولىدۇ، پۇشايمان دېگەن ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش، شەيتاننىڭ ئىغۋالىرىنى تەرك قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالادىن بىزگە سەمىمى، ھەقىقى تەۋبىنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى، بىزگە تەۋبىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى