جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر شەيئىي بولسا، ئۇ چوقۇم يارىتىلغان بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ جۈپتى بولىدۇ دېگەن سۆزى توغرىسىدا

292268

تارقاتقان ۋاقىت : 22-11-2019

كۆرگۈچىلەر : 2130

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ "ھەممە نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق دېگەن سۆزىنىڭ دەلىلى بىلەن ئاللاھ بىر شەيئىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىشىنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق مەۋجۇت بولغان نەرسىلەر "نەرسە" دېيىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقى مەۋجۇت بولغان زات بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇتلەق"نەرسە"دەپ خەۋەر بېرىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً قُلِ اللَّهُ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟ ئېيتقىنكى، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). [سۈرە ئەنئام 19-ئايەت].

   "شەيئى"(نەرسە) دېگەن ئىلگىرىكى ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان نەرسىگە، مەۋجۇدلىقى زۆرۈر بولغان ۋە مەۋجۇتلۇقى مۇمكىن بولغان ھەممە نەرسىگە مۇتلەق ئىشلىتىلىنىدۇ.

    زىھنىدە مەۋجۇدلۇقىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن ئەخلاق-ئادەتلەرمۇ "ئەشيا"(نەرسىلەر)دېيىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يوق تېپىلمايدىغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىدە نەرسە دېيىلىدۇ.

     ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابى 9-توم 124-بەتتە: "(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟ ئېيتقىنكى، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر) دېگەن باپتا، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى نەرسە دەپ ئاتىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئاننى نەرسە دەپ ئاتىدى، قۇرئان بولسا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتتۇر، قەسەس سۈرىسىدە: ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسە ھالاك بولغۇچىدۇر دېدى".

شەيخ ئابدۇللاھ غۇنەيمان مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىگە نەرسە دېگەن سۆز مۇتلەق ئىشلىتىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن نەرسە دېگەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن ۋە سۈپەتلىرىدىن نەرسە دەپ خەۋەر بەردى، چۈنكى مەۋجۇد بولغان ھەممە نەرسىنى نەرسە دېيىش توغرا بولىدۇ". ["سەھىھ بۇخارىنىڭ تەۋھىد كىتابىنىڭ شەرھىسى" 1-توم 343-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن نەرسە دېگەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن خەۋەر بەردى، خەۋەرنىڭ بابى ئىسىم-سۈپەتنىڭ بابىدىن كەڭرىدۇر، "نەرسە، مەۋجۇد قەدىم، ئەزەلى" دېيىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ئەمەس.

    ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى: ئەركەك-چىشى، ئىسسىق-سوغۇق، كېچە-كۈندۈز، ئاسمان-زېمىن دېگەندەك جۈپ ياراتتى دېمەكتۇر.

    ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق" دېگەن بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئەركەك-چىشى، قۇرۇقلۇق-دېڭىز، كېچە-كۈندۈز، تاتلىق-ئاچچىق، نۇر-زۇلمەت قاتارلىق نەرسىلەرنى سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن جۇپ-جۈپتىن ياراتتى، بىلىڭلاركى جۇپ-جۇپ نەرسىلەرنى ياراتقۇچى بىردۇر". ["زادىل مەسىر"4-توم 172-بەت].

    يارىتىلغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالا نەرسىلەرنى بىر-بىرىنىڭ قارشىسىدا جۇپ-جۈپتىن قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر:  وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَى  تەرجىمىسى: ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى. [سۈرە نەجمى 45-ئايەت].

   يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَى  تەرجىمىسى: ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى. [سۈرە قىيامە 39-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  قُلْنَا احْمِلْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ  تەرجىمىسى: كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، دېدۇق. [سۈرە ھۇد 40-ئايەت]. 

    ئاللاھ تالانىڭ ئۆزىدىن نەرسە دەپ خەۋەر بېرىشىنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟. ئۇ دىنسىز: ئەگەر ئاللاھ نەرسە بولىدىكەن، ئۇنىڭ جۈپتى بولىدۇ دەيدۇ، بۇ گۇمراھ، جاھىلغا دېيىلىدۇكى: ئاللاھ تائالا يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ جۇپ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئەگەر سېنىڭ ئەقلىڭ بولسا ئەقلىڭگە: ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتتە خەۋەر بەرگەندەك ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتقان بولسا، ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا يەنە ئىككى ياراتقۇچىنى ياراتتىمۇ؟ دېگەن چۈشەنچە كەلدىمۇ؟. سېنىڭ ئەقلىڭ ۋە چۈشەنچىڭ مۇشۇنداقمۇ؟!.

    ھەقىقەتەن ئايەت، قىسقىچە روشەنلەشتۈرۈپ: ئاللاھنىڭ قۇدىرتىدىن، كائىناتتىكى ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلىشىدىن، قۇدىرتىنىڭ كۆرۈنىشىدىن، كاتتىلىقىدىن ۋە يەككە-يىگانىلىقىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى بىر جۈپتىن ياراتقانلىقىدىن سۆزلەيدۇ.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتتۇق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بارلىق يارىتىلغۇچى مەلۇماتلارنى جۈپ ياراتتۇق، ئاسمان-زېمىن، كېچە-كۈندۈز، قۇياش-ئاي، قۇرۇقلۇق-دېڭىز، يورۇقلۇق-قاراڭغۇلۇق، ئىمان-كۇپۇر، ئۆلۈم-ھاياتلىق، بەختسىز-بەختلىك، جەننەت-دوزاخ ھەتتا ئىنسان ۋە جانلارنى ئەركەك-چىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ شۇنداق ياراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن يەنى ياراتقۇچىنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق يالغۇز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن دېمەكتۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"7-توم 424-بەت].

    ياراتقۇچى پەقەت بىر بولىدۇ، ياراتقۇچىنىڭ ئىككى بولىشى كائىناتنىڭ ھازىرقىدەك تېنىچ نىزاملىق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى ئىككى ياراتقۇچىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى مەغلۇپ قىلىپ يالغۇز پەرۋەردىگار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَهٍ إِذًا لَذَهَبَ كُلُّ إِلَهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ  تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلامدۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بازىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. [سۈرە مۇئمىنۇن 91-ئايەت].

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىلاھلارنىڭ بىر قانچە بولىشىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتا، ھەر بىر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر بىلەن يەككە بولىدۇ، مەۋجۇداتلار ئارىسىدا تەرتىپ-ئىنتىزام بولمايدۇ، ھازىر شۇنى كورىمىزكى، مەۋجۇداتلار ئىنتىزاملىق، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئالەم بىلەن تۆۋەن ئالەمنىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بىر-بىرىگە باغلانغاندۇر: مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقسانىنى كۆرمەيسەن. ئەگەر ئىلاھلار بىرقانچە بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىسى بازىسىدىن ئۈستۈن بولىدۇ".

   يەنە بىر جاھىل مۇنداق دېيىشى مۇمكىن: ئەگەر ئاللاھ نەرسە بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). [سۈرە زۇمەر 62-ئايەت].

    بىز دەيمىزكى: ئاللاھ ياراتقان ھەممە نەرسە مەخلۇقاتتۇر، ئەمما ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ياراتقۇچى خالىقتۇر، ياراتقۇچى خالىق ھەرگىزمۇ يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ يارىتىلغان، قىلىنغان، تەرلەنگەن بولىدىكەن، چوقۇم ئۇنى ياراتقان، پەيدا قىلغان ئۆزىدىن باشقا بىر ياراتقۇچى بولىدۇ، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھدۇر!!.

    ئەگەر ئىككىنچى ئىلاھنىڭ يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكى ياراتقۇچى بولمىغانلىقى پەرىز ئېتىلسە، ئىش ئەقىلنىڭ باشلىنىشىدا، پىكىرنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مەۋجۇدلىقى زۆرۈر بولغان، زاتى بىلەن مەۋجۇد بولغان، ئىلگىرىدىن بار بولغان، ئەبەدىي يوقالمايدىغان بىر ياراتقۇچىغا قاراش بىلەن تۈگەيدۇ، ئۇ يەككە-يىگانە ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئۈچۈن تەربىلەنگۈچىدۇر، ئاشۇ يالغۇز ياراتقۇچى بولسا ئىمان ۋە دىن ئەھلى بىلىدىغان، يەككە-يىگانە بولغان، ھەممە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان بىر ئاللاھتۇر!!.

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئەگەر: ئاللاھ ھەقىقەتەن مەۋجۇدتۇر، بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر دېسە، ئۇنىڭغا: بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلغۇچىدۇر، ئۇنى ئاللاھ ياراتتى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ياراتقۇچىنىڭ يارىتىلغۇچى بولىشى مۇمكىن ئەمەس دېيىلىدۇ.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: "شەيئى" نەرسە ۋە مەۋجۇد دېگەن قەدىمقى، ھازىرقى، ياراتقۇچى ۋە يارىتىلغۇچىغا مۇتلەق ئىشلىتىلىنىدىغان ئورتاق ئىسىمدۇر.

    بۇنداق مۇتلەق ئىشلىتىشتىن، ئەقىللىق ئادەم ياراتقۇچى ئۆزىنى ياراتتى، بۇنى ئۇنىڭ نەرسە ۋە مەۋجۇد بولغانلىقى ئىسپاتلايدۇ دەپ چۈشەنمەيدۇ، ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىنى يارىتىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇنىڭدا ئىككى زىت نەرسىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش بولىدۇ يەنى ئەزەلدىن بار بولغان ياراتقۇچى بىلەن ئىلگىرى بولمىغان، كېيىن يارىتىلغان يارىتىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش كېلىپ چىقىدۇ.

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 87677- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى