بىرىنچى يول: ھامىلدارلىقتىن چەكلەش ئۈچۈن تۆۋەن تەرەپكە ئىسپېرمانىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە توخۇمنىڭ چاڭلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى ئەتراپىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئۈزۈك تاقاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
"ھەييە ژۇرنىلى" دا مۇنداق يازىدۇ: بۇ ئۈزۈك خىزمەتنى باشلىسا ۋە توغرا شەكىلدە بېكىتىلسە، ھامىلدارلىقنى چەكلەشتە 99% پىرسەنت ئۈنۈملۈك بولىدىكەن، ھامىلدارلىقتىن چەكلەش ئۈزۈكىنى تاقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىزمىتى قاندىكى تەبىئىي بىرۇگىستىرۇن ھورمۇنىنىڭ ئورنىغا قويۇلغان بىرۇگىستۇگىن ھورمۇنىنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ ئايلىق تۇخۇمدان ئىشلەپ چىقىرىشنى ئازلىتىدۇ، خۇددى ئىسپېرمانىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە توخۇمنىڭ چاڭلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى ئەتراپىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرغانغا ئوخشاشتۇر.
ئىككىنچى يول: بۇ ھورمۇننىڭ خىزمىتى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇملارنى كۈچەيتەلمەيدىغان قىلىدۇ". بۇ ۋاستىنى ئىشلىتىشنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەكىس تەسىرى بار: ئايلىق ئادەت تۇراقلىق بولماسلىق، بەزى ئاياللار دۇچ كېلىدىغان ئۇزۇن مۇددەت قان تېمىپ تۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى قاتارلىقلار.
مەلۇم ۋاقىت ھامىلدارلىقنى توختىتىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئايال، ئۆزىنىڭ ئومۇمى ساغلاملىقى تەرەپتىن ئەھۋالىنى بىلەلەيدىغان تەجرىبىلىك، بىلىملىك ئايال دوختۇرغا مەسلىھەت سېلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈزۈكنىڭ سەلبىي تەسىرىگە قاراش كېرەك: ئەگەر ئۇنىڭدىن كېلىپ چېقىدىغان سەلبىي تەسىردىن ئىجابىي تەسىرى كۆپ بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ. .
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.