جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزان ئېيىنى ئىبادەتكە تاللاشتىكى ھېكمەت توغرىسىدا

سۇئال

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالاھىدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنى تاللىدى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. مۇئمىن كىشى ئاللاھ تائالا ھۆكۈم قىلغان ئىشتىكى ھېكمەتنى بەزى ۋاقىتتا بىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بىلمەيدۇ، خۇددى پەرىشتىلەر:  قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا ۖ إِنَّكَ أَنتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ  «پەرىشتىلەر: سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن دېدى». [سۈرە بەقەرە 32-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا بەزى ۋاقىتلارنى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك، ئۇلۇغ قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۇلۇغ-پەزىلەتلىك قىلىدۇ، كەرەملىك، ئۇلۇغ ئاللاھ بەزىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە خاس قىلىدۇ.

    بىز ئاللاھ تائالانىڭ زامانلاردىن رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە ئىبادەتكە تاللىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكمەتنى ھەقىقى شەكىلدە بىلمەيمىز.

    ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتنى، خالايىقلارنى ياراتقۇچىدۇر، پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئاللاھ زاماننى ياراتتى، بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۇلۇغ-شەرەپلىك قىلدى، ئورۇنلارنى ياراتتى، بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۇلۇغ-پەزىلەتلىك قىلدى، ئىنسانلارنى ياراتتى، بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۇلۇغ-پەزىلەتلىك قىلدى، بۇ ئاللاھ تائالا ھېچ كىشى تېگىگە يېتەلمەيدىغان ئۇلۇغلىقى ۋە ئىنسانلار بىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغان مۇكەممەل ئىگىدارچىلىقىنىڭ كامالىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ* اللَّهُ يَصْطَفِي مِنَ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ النَّاسِ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ * يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ﴾  تەرجىمىسى: «ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ  ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر، ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈش ئۈچۈن)،ئىنسانلاردىنمۇ (شەرىئەتنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ھازىرقى ئىشلىرىنى) ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى) بىلىدۇ، (بەندىلەرنىڭ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ(ئاللاھ ئۇلارغا يا مۇكاپات، يا جازا بېرىدۇ).» [سۈرە ھەج 74-76-ئايەتكىچە].

    بۇ ئاللاھنىڭ مۇكەممەل خالىشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى، پەرۋەردىگارلىقىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ  تەرجىمىسى: مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ. [سۈرە ھەج 13-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ مَا كَانَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ سُبْحَانَ اللَّهِ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ  تەرجىمىسى: ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى(پەيغەمبەرلىككە)تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر. [سۈرە قەسەس 68-ئايەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامىزان ئېيىنى ئىبادەتكە تاللاش ئۇلارنىڭ يەنى بەندىلەرنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش بولماستىن بەلكى ئۇ ھەممىنى ياراتقۇچى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر، ئاللاھ كائىناتنى يالغۇز ياراتقاندەك، خالىغاننى تاللاشتىمۇ يەككە-يېگانىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ يارىتىش ۋە تاللاش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا تاللايدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئورۇنلارنى بىلگۈچىدۇر، تاللاشقا يارىمايدىغان ئورۇنلار رازىلىققىمۇ يارىمايدۇ، بۇ ئىشتا باشقا ھېچ بىرى ئاللاھقا شېرىك بولالمايدۇ.

   ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: "خالايىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلانساڭ، رامىزان ئېيىنى ئىبادەتكە خاس قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقى، يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ھېكمىتى، ئىلمى ۋە قۇدىرتىنىڭ  مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھنىڭ يارىتىش، تاللاش ۋە تەدبىر قىلىشتا ھېچ شېرىكى يوقتۇر.

    مۇشۇنداق تاللاش، تەدبىر قىلىش ۋە خاسلاشتۇرۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئالەمدىكى پەرۋەردىگارلىق ئالامەتلىرىنىڭ كاتتىسى، بىرلىكىگە شاھىت بولغان بۈيۈك شاھىتى، مۇكەممەل سۈپەتلىرى ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشتىكى ئەسىرىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر.

ئاللاھ تائالا يەتتە قات ئاسماننى ياراتتى، ئەڭ ئۈستىدىكى ئاسماننى پەرىشتىلىرىدىن ئۆزىگە يېقىن بولغانلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن تاللىدى، ئۇنى ئۆزىنىڭ كۇرسىسى ۋە ئەرشىگە يېقىنلاش تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قېلىش بىلەن ئۇنىڭدا ئۆز خەلقىدىن خالىغان كىشىلەرنى تۇرغۇزدى، ئۇنى باشقا ئاسمانلاردىن پەرقلىق ئالاھىدە پەزىلەتكە ئىگە قىلدى، ئەگەر باشقا پەزىلەتلىرى بولمىسىمۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىگە يېقىن بولغانلىقى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئېدى.

    ئاسمانلارنىڭ ماددىسىنىڭ ئوخشاش بولماقلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق ئەڭ يۇقىرىدىكى ئاسماننى ئالاھىدە پەزىلەتلىك قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل قۇدىرتى، ئالاھىدە ھېكمىتىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن دەلىللەردىندۇر، ئاللاھ تائالا خالىغاننى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ.

     ئاللاھ تائالانىڭ پىردەۋس جەننەتنى باشقا جەننەتلەردىن ئالاھىدە قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ ئاسىتىغا ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بەزى ئەسەرلەردە: "ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پىردەۋس جەننەتنىڭ كۆچەتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن، ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ ياخشىلىرى ئۈچۈن تاللىغان" دېيىلگەن.

     ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەردىن جەبرائىل، مىيكائىل ۋە ئىسراپىل ئەلەيھىسسالاملارنى باشقا پەرىشتىلەردىن ئالاھىدە پەزىلەتلىك قىلىشىمۇ ئاشۇ تاللاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا: ئى جىبرائىلنىڭ، مىيكائىلنىڭ ۋە ئىسراپىلنىڭ پەرۋەردىگارى، ئاسمان، زېمىننى پەيدا قىلغۇچى، ھازىرنى ۋە غەيىبنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن!، سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىشىڭ بىلەن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا مېنى ھەقىقەتكە باشلىغىن، سەن بەندىلىرىڭدىن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايسەن دەيتتى.

   ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە يېقىن بولغان، ئالاھىدە خۇسۇسىيەت ۋە مۇكەممەل پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئۈچ پەرىشتىنى تاللىدى ۋە ئاسماندا ساناقسىز پەرىشتىلەر بولسىمۇ پەقەت ئاشۇ ئۈچ پەرىشتىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى، ئۇلاردىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام روھنى ۋە قەلبنى ياشنىتىدىغان ۋەھىينى ئىلىپ كەلگۈچى پەرىشتىدۇر. مىيكائىل ئەلەيھىسسالام بولسا زېمىنى، جانلىقلارنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ياشنىتىدىغان يامغۇرلارنىڭ چۈشۈشىگە مەسئۇل پەرىشتىدۇر. ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سۈرنى(كاناينى) بىر قېتىم چېلىش بىلەن بارلىق ئۆلۈكلەرنىڭ قايتىدىن تىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنى قەبرىسىدىن چىقىرىدىغان سۈر ساھىبىدۇر". ["زادىل مىئاد"1-توم42-بەتتىن ئېلىندى].

ئاندىن ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ سۆزلەردىن كېيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ تائالانىڭ بەزى كۈن ۋە ئاينى بەزى كۈنلەر ۋە ئايلاردىن پەزىلەتلىك قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، كۈنلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكراقى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ ھەج كۈنى بولغان قۇربان ھېيت كۈنىدۇر، رامىزان ئېيىنى باشقا ئايلاردىن ئارتۇق قىلىش، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ كېچىسىنى باشقا كېچىلەردىن پەزىلەتلىك قىلىش ۋە قەدىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن پەزىلەتلىك قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ زاماننىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك قىلىپ تاللىشىدىندۇر.

    بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەڭ پاك بولغان بىر تۈرىنى تاللىدى، ئۆزىگە خاس قىلدى ئۇنىڭدىن رازى بولدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكتۇر پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا ياخشى كۆرىدۇ. ئىش-ھەرىكەت، سۆزلەر ۋە خەيرى-ئىھساندىن پەقەت پاك بولغانلىرىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ پاك بولغانلىرىنى تاللىغۇچىدۇر". ["زادىل مىئاد"1-توم 57-54-64-بەت].

   ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت ۋە روزا ئۈچۈن رامىزان ئېيىنى تاللىشى بولسا، ئەگەر بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن خاس قىلغانلىقى مەقسەت قىلىنسا، بۇ تاللاش ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى بەندىلىرىگە تاللىشىدۇر، ئۇلارنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا، باشقا ئايلارغا كۆرە ئۆزىگە كۆپرەك ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشتۇر، بېرىنچى مەسىلىدە بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدۇق.

    ئەمما بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇنى پەيغەمبەرلىك بىلەن ھۆرمەتلىك قىلىپ ئۇنىڭغا ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇن ھىرا غارىدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلغانلىقىنى مەقسەت قىلىپ سورالغان سوئال بولسا: بىزدە بۇنىڭ تەپسىلاتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ غاردىكى ھالىتى توغرىسىدا بىر ئىلىم يوق، چۈنكى ئۇنى بىلىش ياكى بىلمەسلىككە دىندىن بىر ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، چۈنكى دىن دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئىلىپ كەلگەن بەندىلەرگە ئىلىپ كەلگەن ئومۇمى شەرىئەتتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلاردا بولسا، بىز ئۇ ئىشلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلمىغان.

    بەزى ئۆلىمالار: بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ شەرىئىتىنى ۋەھيى قىلىشتىن ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بويىچە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىۋاتقان توغرا يولدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە يىتىپ كەلگەندەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ قالغانلىرى بولىشى مۇمكىن دەيدۇ.

     ئەللامە تاھىر ئىبنى ئاشۇرا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايلارنىڭ ئارىسىدىن رامىزان ئېيىنىڭ تاللىنىشى بولسا، بۇ ئاينىڭ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش بىلەن شەرەپلىك بولغانلىقىدىندۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولىشى بولسا ئۈممەتنى پاكلاش، توغرا يولغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقتىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن دىللارنى پاكلاش ۋە قۇرئان نازىل بولغان ئايدا پەرىشتىلەردەك ئاللاھقا يېقىنلىشىش مۇناسىپ بولىدۇ.

    مېنىڭ كۈچلۈك قارىشىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كېلىشتىن بۇرۇن ھىرا غارىدا بولغان كۈنلىرىدە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان بىر ئىلھام بىلەن، توغرا دىننىڭ قالدۇقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، روزا تۇتۇپ ئىبادەت قىلاتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىينى رامىزان ئېيىدا نازىل قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى مۇشۇ مۇبارەك ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى". ["ئەتتەھرىر ۋە تەنۋېر"2-توم 173-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى