جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان كىشىگە قانداق ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ؟

سۇئال

روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان كىشىگە قانداق ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياخشى ھاياتلىق ئاتا قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە چوقۇم سۆيۈنگۈدەك مۇكاپات بېرىمىز. [سۈرە نەھل 97-ئايەت].

    شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ [بۇخارى رىۋايىتى 7280-ھەدىس].

   بۇ بارلىق تائەت-ئىبادەت ئۈچۈن ئومۇم بولغان ئەجىر-ساۋاپتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا بەزى تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئايرىم ئەجىر-ساۋاپ بېرىش، ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىش، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش ياكى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاش قاتارلىق پەزىلەتلەرنى خاسلاشتۇردى.

    ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئايرىم ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىلنى بىلمەيمىز، ھېيت نامىزى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە باشقا ئومۇمى دەلىللەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

    روزا ھېيت نامىزىغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپمۇ ئۇتۇق قازىنىش بىلەن بىشارەت بېرىلگەن ئومۇمى دەلىلنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: گۇناھتىن پاك بولغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئوقۇغان ئادەم ھەقىقەتەن مەقسەتكە يەتتى. [سۈرە ئەئلا 14-15-ئايەتلەر].

    شەيخ ئابدۇراھمان سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھتىن پاك بولغان كىشى مەقسەتكە يەتتى» دېگەن سۆز: ئۆزىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن، شېرىكتىن، زۇلۇمدىن ۋە ناچار ئەخلاقتىن پاك تۇتقان كىشى ئۇتۇق قازاندى ۋە مەقسىتىگە يەتتى دېمەكتۇر.

    ئايەتتىكى ئۆزىنى پاك تۇتقان دېگەن سۆزدىن پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلغان كىشى مەقسەت قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئوقۇغان دېگەندىن سۆزدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان دېگەن مەنا ئىپادىلىنىدۇ، گەرچە ھېيت نامىزى ناماز دېگەن سۆزنىڭ ئىچىدە ياكى نامازنىڭ بەزى تۈرلىرىدە بولسىمۇ بۇنىڭدىن پەقەت ناماز دېگەن بىرلا مەنا ئىپادىلەنمەيدۇ. ["تەپسىر سەئدىي" ناملىق ئەسەر 921 -بەت].

    قۇربان ھېيت نامىزى بولسا زۇل ھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بۇ ئون كۈن ئەڭ پەزىلەتلىك كۈندۈر، بەلكى بۇ ئون كۈن يىللاردىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك كۈنلىرىدۇر.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : مۇشۇ ئون كۈندە قېلىنغان ئەمەللەردىنمۇ پەزىلەتلىك ئەمەل بولمايدۇ؟ دېگەن ئېدى، ساھابىلار: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل لېكىن بىر كىشى ئاللاھ يولىدا ئۆزىنىڭ قېنى ۋە مېلى بىلەن جىھادقا چېقىپ شەھىد بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ پەزىلىتى يۇقىرى بولىدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى969-ھەدىس].

    ئابدۇللاھ ئىبنى قۇرت رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ كۈن قۇربان ھېيت كۈنى ئۇنىڭدىن قالسا تەشرىق كۈنلىرىدۇر. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1765-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 6-توم 14-بەتتە كەلتۈرگەن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى