پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

كىشىلەرنىڭ ساغلىق مەركىزىگە بېرىشى ئۈچۈن كىچىك بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشىنى مەسچىتتە ئېلان قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ يۇرتتا يوقالغان نەرسىلەرنى ئىزدەش، كىچىك بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش ۋە باشقا ئىشلارنى مەسچىتتە جۈمە كۈنى مۇنبەردە، باشقا ۋاقىتلاردا مىكرىپۇندا ئېلان قىلىدۇ، ئىمام جۈمە كۈنى ئىككىنچى خۇتبىنى باشلىغاندا كىشىلەرنى مەسچىتنى ئىسلاھ قىلىش ياكى ئىئانە توپلاش ساندۇقى ياكى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىئانە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىنى سوراش ياكى تونۇشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەسچىت دېگەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان، ھەقىقەتەن مەسچىت دېگەن ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەسچىتتە يوقالغان نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقالغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان دېسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 568-ھەدىس].

    بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى مەسچىتتە: قىزىل تۆگە كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: تۆگەڭنى تاپالمىغايسەن، ھەقىقەتەن مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى569-ھەدىس].

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مەسچىتلەرنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئۆيلەر دەپ ئاتىدى، بۇ ئۆيلەردە ئەتتىگەن-ئاخشامدا ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنىدۇ، تەسبىھ ئېيتىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن پاك تۇتۇش تەلەپ قېلىنىدۇ". ["ئەلئىستىزكار"2-توم 368-بەت].

بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 145198- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: كىشىلەرنى مەسچىتلەرگە ياردەم قىلىشقا، پىقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش ۋە ئەسلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭغا مەسچىتتە دەۋەت قىلسا، ئىمام خۇتبە، ۋەز-نەسىھەت ئارىسىدا كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە بولىدۇ، بۇمۇ كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ كىشىلەرنى سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. مۇنزىر ئىبنى جەرىر دادىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، تۇيۇقسىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كۆپچىلىكى ياكى ھەممىسى مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان يالاڭ ئاياق، يىرتىق تېرىلەرگە ئورانغان، قىلىچلىرىنى ئېسىۋالغان بىر جامائەت كەلدى، ئۇلارنىڭ كەمبەغەل-بىچارىلىكنى كۆرۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئۆيگە كىردى-چىقتى، بىلالنى ئەزان ئوقۇشقا بۇيرىدى، تەكبىر ئېيتتى ناماز ئوقۇدى، ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر جاندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار نىسا سۈرىسى 1-ئايەتنى ئوقۇدى، ھەشىر سۈرىسىدىن 18-ئايەتنى ئوقۇدى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىللا، تەڭگە، كىيىم-كېچەك، بۇغداي، ئارپا ۋە خورما قاتارلىق يىمەكلىكلىرىدىن سەدىقە قىلدى، ھەتتا يىرىم تال خورمىغىچە نەرسىلەرنى ئىلىپ كەلدى، ئەنسارىلاردىن بىرى ئاران كۆتۈرۈپ بىر قاپ خورما ئىلىپ كەلدى، ئاندىن كىشىلەر ئارقىمۇ-ئارقا سەدىقىلەرنى ئىلىپ كەلدى، ھەتتا يېمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەكلەردىن ئىككى دۆۋە بولغانلىقىنى كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايىنىڭ خۇرسەنلىكتىن نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنىمۇ كۆردۈم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: كىمكى ئىسلام دىنىدا بىر ياخشى ئىشنى يولغا قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئۇ ياخشىلىقنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئىسلام دىندا بىر يامان ئىشنى يولغا قويسا ئۇ كىشىگە ئۇ يامانلىق گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يامانلىقنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھى يۈكلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھى كېمەيتىلمەيدۇ.

    ئۈچىنچى: مەسچىتتە دەرس ئۈگىتىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ئىلمى سۆھبەت ئىلىپ بېرىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بولغان ئومۇمى ئىشلارنى گەرچە ئۇ ئشلار باشقا جايلاردا بولسىمۇ ئېلان قىلسا ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە توغرا بولىدۇ، كىچىك بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش، كېسەللىكتىن ساقلاش ئىشىمۇ مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ئومۇمى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، سالامەتلىكنى ئاسراش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسىدىدىندۇر، ئەگەر ئېلان قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلمىگەندە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

    مەسچىتتە شەخسى ئىشلارنى، دۇنيالىق سودا-سېتىق  ياكى يوقالغان نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلان قىلىش چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا 112044-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى