جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسىھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال

   مەسىھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ سۆزنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى قانداق؟ بۇ سۆزنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مەسىھ دېگەن سۆز؛ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىمى بولۇپ، ئالىملارنىڭ بايان قىلىشچە ئىسا ئەلەيھىسسالام  تۆۋەندىكى بىر قانچە قاراشلارغا كۆرە بۇ لەقەم بىلەن ئاتالغان:

    1-ئاللاھ تائالا ئۇنى گۇناھتىن پاك قىلغان.

    2- ئۇ بەرىكەتلىك قىلىنغان.

     3-ئىسا ئەلەيھىسسالام مېيىپ-كېسەللەرنى سىلاپ قويسا ساقىيىپ كېتەتتى دېيىلگەن. ["تەپسىر تەبەرى"5-توم 409-بەت. مەككىينىڭ" ئەل ھىدايە" 3-توم 1013-بەتكە قارالسۇن]. 

   "ئىبنى ئەتىيە" 1-توم 436-بەتتە مۇنداق دېگەن: "كىشىلەر مەسىھ دېگەن سۆزنىڭ تۈرلىنىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى: بەزى كىشىلەر بۇ ئىنسان بىر يەرلەرگە بارسا ۋە ئەتراپنى كەزسە، زېمىندا ساياھەت قىلدى ۋە قىلىدۇ دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن .

   كۆپچىلىك كىشىلەر بولسا: پەئىيل ئۆلچىمىدىكى مەسىھ دېگەن سۆزدىن دېگەن. مەسەھە دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىش شەكلىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى: بىر قىسىم ئالىملار: يەر كۆلىمى-بوشلۇق- دېگەن مەنىدە مۇشۇنداق ئاتالغان، چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالام خۇددى زېمىننى ئۆلچىگەندەك ماڭاتتى.

    يەنە بىر قىسىم ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: مەسىھ دەپ ئاتىلىشى: ئىسا ئەلەيھىسسالام ساقايمىغان مېيىپ-كېسەللەرنى- قولى بىلەن سىلاپ قويسا دەرھال ساقىيىپ كېتەتتى. بۇ قاراشتا: پەئىيل دېگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن قىلغۇچى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

    ئىبنى جۇنەير: ئىسا ئەلەيھىسسالام بەرىكەت بىلەن سىلانغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان دەيدۇ.

    يەنە بىر قىسىم ئالىملار: ئىسا ئەلەيھىسسالام مۇقەددەس-پاك-ماي بىلەن سۈرتۈلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان دەيدۇ، بۇ قاراشتا: پەئىيل دېگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن قىلىنغۇچى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

    يەنە بەزى ئالىملارنىڭ: ئاللاھ ئۇنى سىلاپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇناھتىن پاك بولغان دېگەن قارىشى بويىچىمۇ قىلىنغۇچى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

    ئىبراھىم نەخەئى: مەسىھ دېگەن راستچىل-سەمىمى دېگەن بولىدۇ دەيدۇ. ئىبنى جۈبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ئەسەردە: سىلاش ئىگىسى دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈش ۋە باشقا مۆجىزىلەرگىمۇ ئىگە بولغان دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاجىز-ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان قاراش، ئىبنى ئابباس دېدى دېگەن سۆز توغرا ئەمەس".

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى