جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئېھرام كېيىمىنى قانداق كېيىش توغرىسىدا

سۇئال

ھەجدە كېيىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاياغنىڭ تۈرلىرىگە ئالاقىدار سوئاللار: ھەنەپىي مەزھەب ئۆلىمالىرى بولۇپمۇ ئۇلاردىن ئىمام مۇھەممەد ۋە ھەسەن شەيبانى: ھوشۇق دېگەن پۇتىنىڭ دۈمبىسىدىكى تومۇردىن ئىبارەت دەپ پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە ئىشارەت قىلىپ بۇ ئىككىسى ئوخشاش دېگەن، بۇنىڭدىن بۇ مەسىلىدىكى پۇتىنىڭ دۈمبىسى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بەك ئېھتيات بىلەن چۈشىنىشكە تېگىشلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئېھرام كىيگەندە ئىككى پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى ئېچىش شەرتى بىلەن ھەر قانداق ئاياغنى كىيسە توغرا بولامدۇ؟. مالىكىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ئىھرام كىيگەندە، پۇتىنىڭ قايسى تەرىپىنى ئوچۇق قويۇش توغرا بولىدۇ؟ جاۋابنى مەنبەلىرى بىلەن بىرگە يوللىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئېھراملىقنىڭ رەڭگى ئاق بولۇش توغرىسىدا دەلىل بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئېھرام كىيگەندە قانداق كىيىملەرنى كىيىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئېھرام كىيىدىغان كىشى: كۆينەك، سەللە، ئىشتان، باش كىيىمى ۋە ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئاياغلارنى كىيمەيدۇ، كەش تاپالمىغان كىشى ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئاياغنى ھوشۇقىنىڭ ئاستىدىن كېسىۋېتىپ كىيىدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1543-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1177-ھەدىس].

   ھەنەپىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: پۇتىنىڭ ئۈستى تەرىپى دېگەن سۆزنى: پۇتىنىڭ دۈمبىسى، ئوتتۇرسى ۋە ئاياغنى چىگىدىغان جاي دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ئەمما مالىكىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالار پۇتىنىڭ ئۈستى تەرىپى دېگەن سۆزنى پاچاق بىلەن پۇتنىڭ ئايرىلىشتىكى ئۆسۈپ چىققان سۆڭەك دەپ چۈشەندۈرگەن.

    "كۇۋەيت پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" 2-توم 153-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، كەش تاپالمىغان كىشى ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئاياغنى ھوشۇقىنىڭ ئاستىدىن كېسىۋېتىپ كېيىدۇ". بۇ ھەنەپىي، مالىكى ۋە شاپىئى قاتارلىق ئۈچ مەزھەب ئۆلىمالرىنڭ قارىشىدۇر، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت بار.

   كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ئاياغ ئاستى تەرىپىدىن كېسىلىدىغان پاچاق بىلەن پۇتنىڭ ئايرىلمىسىدىكى ئۆسۈپ چىققان سۆڭەك دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ھەنەپى مەزھەب ئۆلىمالىرى بولسا بۇنى: پۇتىنىڭ دۈمبىسىدىكى، ئاياغنى چىگىدىغان جايدىكى سۆڭەك دەپ چۈشەندۈرگەن، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۆسۈپ چىققان سۆڭەك دېگەن پۇتىنىڭ دۈمبىسى ۋە ئىككى ھوشۇققىمۇ مۇتلەق ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ئېھتىياتەن پۇتىنىڭ دۈمبىسىدىكى سۆڭەك دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ھاپىز ئبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى: ئۈستۈن سۆڭەكنىڭ ئاستىدىن كېسىشى كېرەك دېگەن سۆزنى، ئىلىم كىتابىنىڭ ئاخىرىدا ئىبنى ئەبى زىئبتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكى: ھوشۇقنىڭ ئاستىدا بولۇش كېرەك دېگەن سۆز ئوچۇقلاشتۇرغان.

   ئېھرامدا ئۈستۈن سۆڭەكنى ئېچىشتىن بولغان مەقسەت: پاچاق بىلەن پۇتنىڭ ئايرىلمىسىدىكى ئۆسۈپ چىققان ئىككى سۆڭەك مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ قاراشنى ئىبنى ئەبى شەيبە جەرىردىن، ئۇ ھىشام ئىبنى ئۇرۋىدىن، ئۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان: "ئېھرام كىيگۈچى كەش تاپالمىسا، پۇتىنىڭ دۈمبىسى ۋە ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئاياغنىڭ ئۈستىنى يېرتىپ ئىككى پۇتىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ھالەتتە قىلسۇن" دېگەن ئەسەر كۇچلاندۇرىدۇ.

   مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە ھەنەپى مەزھىپىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر: پۇتىدىن ئۆسۈپ چىققان ئۈستۈن سۆڭەكنى: ئاياغنى چىگىدىغان جايدىكى پۇتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سۆڭەك دەپ چۈشەندۈرگەن.

    بەزىلەر: لۇغەت تەتقىقاتچىلىرى بۇنداق چۈشەندۈرمەيدۇ، مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىنىڭمۇ بۇنداق دېگەنلىكى ئېنىق ئەمەس دەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنى نەقىل قىلغان ھىشام ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رازى مۇھەممەدنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: "ئېھرام كىيگەن كىشى كەش تاپالمىسا، پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى ياپىدىغان ئاياغنى ھوشۇقىنىڭ ئاستىدىن كېسىۋېتىدۇ دەپ قولى بىلەن كېسىدىغان ئورۇنغا ئىشارەت قىلغان. بۇنى ھىشام تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇيىدىغان ئورۇن دەپ نەقىل قىلغان.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى باتتالغا ئوخشاش ئەبۇ ھەنىپىدىن نەقىل قىلغان كىشىلەرنى تەكشۈرگۈچىلەر: ئۈستۈن سۆڭەك دېگەن پۇتىنىڭ دۈمبىسىدىكى سۆڭەك دېگەن سۆز توغرا بولسا، بۇ ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيباني دېگەن دەپ نەقىل قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ["پەتھۇل بارى" 3-توم 402-بەت].

   توغرا سۆز كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ھوشۇقى دېگەن سۆزى بولۇپ، كۆپچىلىك لۇغەت تەتقىقاتچى ئۆلىمالىرىمۇ بۇ سۆزنى كۇچلاندۇرغان.

   ۋاھىدي مۇنداق دەيدۇ: "پۇتىدىن ئۆسۈپ چىققان سۆڭەك دېگەن لۇغەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە كۆپچىلىك ئۆلمالار ئېتىراپ قىلمايدىغان سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارالمايدۇ". ["ئەلبەسىيت"7-توم 285-بەت].

    ئىككىنچى: ھەج-ئۆمرىگە ئېھرام كىيىشتە ئاستىغا بىر ۋە ئۈستىگە بىر ئېھراملىق كىيىش سۈننەت بولىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئېھرام كىيگەندە قانداق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېھرام كىيىدىغان كىشى: كۆينەك، سەللە، ئىشتان، باش كىيىمى، گۈل سۈيىدە ۋە سېرىق رەڭدە بويالغان كىيىملەرنى كىيمەيدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۈستىگە بىر پارچە ۋە ئاستىغا بىر پارچە كىيىم بىلەن ئېھرام كىيىسۇن دېدى. [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 8-توم 500-بەتتە رىۋايەت قىلغان. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ"ئىرۋائۇل غەلىيل"4-توم 293-بەتتە كەلتۈرگەن].

    "رىدا" دېگەن ئۈستى تەرەپكە كىيىدىغان ئېھرام بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دولىسىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئككى ئۇچى بىلەن مەيدىسىنى ئورايدۇ.

   "ئىزار" دېگەن بەدىنىنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئورايدىغان ئېھرام كىيىمىدۇر.

زۇبەيدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىزار" دېگەن بەدەننىڭ ئاستى تەرىپىنى ئورايدىغان نەرسىدۇر. رىدا دېگەن: بەدەننىڭ ئۈستۈن تەرىپىنى ئورايدىغان نەرسىدۇر. بۇنىڭ ھەر ئىككى پارچىسى يىڭنىدە تىكىلمىگەن بولىدۇ. ["تاج ئەلئەرۇس" 10-توم 43-بەت].

   ئېھرام كىيىمىنىڭ ئاق رەختتىن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، لېكىن ئاق رەختتىن بولسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار بۇرۇندىن ئېھراملىقنى ئاق رەختتىن قىلىپ ئادەتلەنگەن.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: "پاكىز ئىككى پارچە كىيىم بىلەن ئېھرام كىيىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئاق رەختتىن بولسا ياخشى، ئەمما ئاق رەڭدىن باشقا رەڭلەردىكى رەختلەر بىلەن ئېھرام كىيسىمۇ توغرا بولىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"26-توم 109-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىيىم يېڭى بولسۇن ياكى تازىلانغان بولسۇن پاكىزە بولىشى كېرەك، بىز ئۇ كىشىنىڭ خۇددى جۈمە نامىزىغا كەلگەندەك بەدىنى ۋە كىيىمىنىڭ پاكىزە بولىشىنى ياخشى كۆرىمىز.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: ئەڭ ياخشى كىيىمىڭلار ئاق كىيىمدۇر، ھايات ياشىغانلارغا ئاق كىيىم كەيدۈرۈڭلار، ۋاپات بولغانلارنىمۇ ئاق رەخت بىلەن كىپەنلەڭلار دەپ بايان قىلغاندەك، ئېھرام كىيىمىمۇ ئاق بولسا ياخشى بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى"5-توم 77-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى