پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىشىلەرنىڭ "ئەي نۇرلارنىڭ نۇرى" دەپ دۇئا قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

309633

تارقاتقان ۋاقىت : 09-11-2020

كۆرگۈچىلەر : 1720

سۇئال

بىز دۇئالىرىمىزدا "ئەي ئاللاھ! ئەي نۇرلارنىڭ نۇرى" دەپ ئېلتىجا قىلساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بىزگە قۇرئان كەرىمدە يول كۆرسەتكەن دۇئادۇر.

    ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىكىر ۋە دۇئالار ئەڭ ياخشى ئىبادەت ئىكەنلىكىدە ھېچشەك يوقتۇر. ئىبادەت دېگەن قۇرئان-ھەدىس ھۆكمى بىلەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىللەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشى ۋە يېڭىدىن پەيدا قىلىش بىلەن بولمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر قالدۇرۇلغان دۇئا ۋە زىكىرلەر باشقا دۇئا-زىكىرلەر ئارىسىدىن تاللاشقا ئەڭ لايىق بولغان ئۈلگىلىك دۇئا-زىكىرلەردۇر. بۇ يولنى تۇتقانلار خاتىرجەم ۋە سالامەت بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەت ۋە نەتىجىلەرنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئىنسان ئۇنى ھېسابلاب بولالمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر قالدۇرۇلغاندىن باشقا دۇئا-زىكەرنىڭ ھارام-چەكلەنگەنلىرى، مەكرۇھ-ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىرى ۋە ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەستىن ئىزىپ كىتىپ شېرىككە بېرىپ قالىدىغانلىرى بار، بۇنى تەپسىلى بايان قىلىمىز دېسەك سۆز ئۇزۇراپ كېتىدۇ.

    ھېچ قانداق بىر شەخسنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان بىر تۈرلۈك دۇئا-زىكىرلەرنى يولغا قويۇشى ۋە بۇنى خۇددى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كىشىلەرنى دائىم ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلغانلىق بولىدۇ.

     ئەمما ئىنسان بەزى ۋاقىتتا دۇئا قىلىش جەريانىدا باشقىلارغا ئېلان قىلماستىن ئۆزى ئوقۇپ قويىدىغان بەزى دۇئالار بولۇپ، ئۇ كىشى بۇ دۇئانىڭ چەكلەنگەن مەنىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ كەسكىن چەكلەنگەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ دۇئا كەسكىن چەكلەنگەن بولسىمۇ ئۇ كىشى بۇنى تۇيمايدۇ.

    بۇنداق بولىشى ئىنسان بەزى دۇئا قىلىش زۆۈر بولغان ۋاقىتلاردا تىلىغا كەلگەن دۇئالارنى قىلىدۇ، ئادەتتىمۇ بۇنداق بولىشى بەزى دۇئالارنىڭ تىلغان يېقىن بولغانلىقىدىندۇر.

     ئەمما شەرىئەتتە بايان قىلىنمىغان دۇئالار ۋە زىكىرلەرنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى قىلىۋېلىش قەتئى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئالى مەقسەت، يۈكسەك غايىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى ئېنىق-روشەن بولغان دۇئا-زىكىرلەر يېتەرلىكتۇر، ئەمما بۇنداق ساغلام دۇئا-زىكىرلەرنى قويۇپ كىشىلەر تارقاتقان بىدئەت دۇئا-زىكىرلەرنى ئادەت قىلۋالغۇچىلار بولسا ئىنتايىن جاھىل-نادان، ساپاسىز ياكى ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 510-بەت].

    تور بىتىمىزدە زىكىر-دۇئالارنىڭ جۇغلانمىسى بار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن 77208-82463- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    ئىككىنچى: ئەمدى سوئالدىكى"ئەي نۇرلارنىڭ نۇرى" دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ ئەرەپ تىلىدىن بولمىغان سۆز بولۇپ، بۇنىڭدا گۈزەل بولغان ئەرەب تىلىنىڭ جىلۋىلىرى نامايەندە بولمىغان، ھەممىگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا نۇردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر.» [سۈرە نۇر 35-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى بۇ ئايەتتىكى ئاللاھنى سۈپەتلەشتىكى چەكسىز سۈپەت نۇر بولغاندىكىن ئاللاھ تائالانى "نۇرلارنىڭ نۇرى" دەپ سۈپەتلەشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق.

     بۇنداق دەپ سۈپەتلەش بىر قىسىم بىدئەتچىلەر، ئۆزلىرىنى ھەممىگە ئىلاج قىلغۇچى، روھلارنى داۋالىغۇچى دەپ ئاتىۋالغان جامائەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە بىلەن مەلۇم ۋاقىتتا ئادا قىلىدىغان ۋەزىپە قىلىۋالغان دۇئالىرىدا بىلىنىدۇ. بەزىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دەلىل بىلەن بايان قىلىنمىغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن ھۆججەت بولمىغان مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆزىگە خاس بولغان ۋەزىپە ۋە مەخپى سىر قىلىۋالىدۇ. "نۇرلارنىڭ نۇرى" دەپ نىدا قىلىنغان بۇ دۇئا راپىزىلار ۋە بەزى سوپىلارنىڭ"بۈيۈك جۇشىن دۇئاسى" دەپ ئاتىلىدىغان دۇئالىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

    "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"1-توم 286-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "رۇقىيە-شىپالىق دۇئاسى، قۇرئان بىلەن ۋە مەنىلىرىدە شېرىك بولمىغان ۋە شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن بارلىق زىكىرلەر بىلەن توغرا بولىدۇ. ئەمما (قورغانلارنىڭ قورغىنى)، (ھەرەز جۇشىن) ۋە (يەتتە ئۇقۇد) قاتارلىق كىتاپچىلارنى ساقلاش توغرا بولمايدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايەتەل كۈرسى، ئىخلاس ۋە مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىسىنى ئوقۇش مەنپەئەتلىكتۇر".

    بۇ دۇئالار توغرىسىدا ئىلگىرى 120050-105378- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى جاۋاپ بەردۇق.

    سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا قىلىدىغان تەۋسىيمىز: ئەسەردە بايان قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇشقا تېرىشچانلىق قىلىڭ، كىشىلەر توقۇپ چىققان دۇئا ۋە بىدئەت بولغان ۋەزىپىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى