پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىيىم دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە: ئەۋرەتنى يېپىش ۋە زىننەتلىنىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

   قۇرئان كەرىمنىڭ ئەئراپ سۈرىسىدە بايان قىلىنغان كىيىم دېگەن سۆز پەقەت ئەۋرەتنى يېپىشنى بىلدۈرەمدۇ ياكى زىننەت ۋە گۈزەللىك دېگەن مەنالارنى بىلدۈرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  يَابَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ * يَابَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ   تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق.» [سۈرە ئەئراپ 26-27-ئايەت].

   يۇقىرىدىكى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان كىيىم ئەۋرەتنى ياپىدىغان ۋە زىننەت ۋە گۈزەللىك ئۈچۈن كىيىدىغان ئېسىل كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن پەزلى- مەرھەمەت قىلىپ يۇقىرىدىن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان، ئۆز-ئارا زىننەتلىنىدىغان ئېسىل كىيىملەرنى چۈشۈردۇق، ئاللاھدىن قورقۇشقا ياردەم بېرىدىغان كىيىم ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق كىيىملەردىن ياخشىدۇر، چۈنكى تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىدىغان كىيىم سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ.

    بىز ئادەم بالىلىرىغا بەرگەن لىباسنىڭ قايسى تۈرلىرى بولسۇن ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدىرتى، پەزلى-رەھمىتىنىڭ شاھىتى-ئىسپاتىدۇر، ئۇلار چوقۇم بۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئىلىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىدۇ.

    ئى ئادەم بالىلىرى! دېگەن چاقىرىقنىڭ تەكرارلىنىشى بولسا، ئۇلارغا قىلىنغان تەۋسىيەنىڭ ۋە تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

    بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنى ۋەسۋەسە قىلىپ ناچار ئىشلارنى پەردازلاپ چىرايلىق قىلىپ، گۈزەل ئىشلارنى بوياپ سەت كۆرسىتىش ئارقىلىق  پىتنە-پاسات، بەختسىزلىككە دۇچار قىلمىسۇن، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىپ، دوزاخقا مەھكۇم قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسى ئارقىلىق پىتنىگە چۈشۈپ ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭلار.

شەيتان بەدبەخ سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار بولغان ئادەم بىلەن ھەۋانى ۋەسۋەسە قىلىپ پىتنىگە تاشلاپ ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئەۋرىتىنىڭ ئېچىلىپ قىلىشى ئۈچۈن كىيىمىنىڭ سالدۇرىۋېتىلىشىگە سەۋەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئۇ ئىككىيلەننىڭ جەننەتتىن چىقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولدى.

ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىشى ئادەمىيلىكنى يوق قىلىدۇ، ئىنسانلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلاردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرى سىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.

     بۇ ئىبارە شەيتاننىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قىلىشتىن چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشنى تەكىتلەشنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەقىقەتەن دۈشمەن سىز كۆرەلمەيدىغان جايدىن سىزگە يېتىشكە قادىر بولالايدىكەن، ئۇنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن بەك ھەزەر قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ھەقىقەتەن شەيتان ئادەم بالىلىرىنىڭ قان تومۇرىدا ئاقىدۇ، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بەك ھەزەر قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق: يەنى بىز شەيتانلارنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەمغەمبىرىگە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ يېتەكچىسى قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان توغرا پىترەتنى بۇزغانلىقى، ئەقلىنى يوق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن شەيتانلارنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا ئىگە قىلدۇق. ["تەپسىر ۋەسىيت" 3-توم 1402-بەت].

     شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە (285-بەتتە) مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئادەم، ئايالى ھەۋا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى زېمىنغا چۈشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ زېمىندا تۇرىدىغان ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارغا زېمىندا ھاياتلىقنى قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئاخىرىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكى، ئۇلارغا جاپا-مۇشەققەت، بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دائىم شۇ زېمىندا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقى، كىتابلارنى نازىل قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلارنى يەنە شۇ زېمىنغا دەپنە قىلىدىغانلىقى ئاندىن قىيامەت بولغاندا ئاللاھ ئۇلارنى قەبىردىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى تۇرىدىغان جايى بولغان دائىملىق جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.

   ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا زۆرۈر بولغان ئاددى كىيىملەر ۋە گۈزەللىك مەقسەت قىلىنىدىغان لىباسلارنى ئاتا قىلدى. يېمەك-ئىچمەك، ئۇلاغ ۋە نىكاھ قاتارلىق باشقا ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى مۇكەممەل ۋە ئاسان قىلىپ بەردى، ئۇلارغا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەقسەت ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا ئۇ نەرسىلەرنى بەندىلەرنىڭ ئۆزىگە تائەت-ئىبادەت قىلىشىغا ياردىمى بولىشى ئۈچۈن نازىل قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «تەقۋادارلىق لىباسى (يەنى كىيىمى) ئىنسان ئۇچىسىغا كىيىدىغان كىيىمىدىن ياخشىدۇر، ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق كىيىمى بەندە بىلەن بىرگە داۋاملىشىدۇ، ئۇ چىرىمايدۇ، كونىراپ قالمايدۇ، ئۇ دىلنىڭ ۋە روھنىڭ گۈزەللىكىدۇر.

    سىرتقى كىيىملەر بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا تاشقى ئەۋرىتىنى ياپىدۇ ياكى ئۇ ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك ۋە زىننەت بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا مەنپەئەت بولمايدۇ.

    شۇنىڭدەك، ئەگەر بۇ سىرتقى كىيىملەر بولمىسا ئىنساننىڭ زۆرۈرەت سەۋەبىدىن ئېچىلىپ قالسا دۇرۇس بولىدىغان تاشقى ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، ئەمما تەقۋادارلىق كىيىمى بولمىغان ئەھۋالدا، ئىنساننىڭ ئىچكى-يوشۇرۇن ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خار ۋە رەسۋا بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەنە شۇلار يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر» يەنى: يۇقىرىدا سىلەرگە بايان قىلىنغان كىيىم ئۇ سىلەرگە پايدىلىق ۋە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ، بۇ سىرتقى تەرەپتىن ئىچكى تەرەپنى ئوراپ تۇرغان كىيىمگە ئوخشايدۇ.

    ئاللاھ تائالا يەنە ئادەم بالىلىرىنى شەيتاننىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلغان پىتنىلەرنى تەكرار قىلىپ ئازدۇرۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنى ئازدۇرمىسۇن، سىلەرگە گۇناھ-مەسىيەتنى پەردازلاپ، ئۇنىڭغا چاقىرىدۇ، ئاتا ـ ئاناڭلارنى ئازدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىپ يۇقىرى ئالەمدىن تۆۋەنگە چۈشۈرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ، شەيتان سىلەرنى شۇنداق قىلىشنى خالايدۇ، سىلەرنى ئازدۇرۇشتا ھەرگىز بوشاشماي، كۈچى يەتسە ئاخىرى سىلەرنى پىتنىگە تاشلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بەك ھەزەر قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىڭلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شەيتانلارنڭ سىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن كىرىدىغان يوچۇقلىرىدىن غاپىل بولماڭلار.

    شەيتان سىلەرنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ جىنلاردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرى سىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىز شەيتانلارنى ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىگىلىرى قىلدىم، ئىماننىڭ بولماسلىقى، ئىنسان بىلەن شەيتاننىڭ ئارىسىدىكى ئىگىدارچىلىق كېلىشىمنى بېكىتىدۇ.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ، إِنَّمَا سُلْطَانُهُ عَلَى الَّذِينَ يَتَوَلَّوْنَهُ وَالَّذِينَ هُم بِهِ مُشْرِكُونَ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ)، شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» [سۈرە نەھل 99-100-ئايەتلەر].

كىيىمگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئالاقىدارلىق مۇھىم تەتقىقات ئۈچۈن 309147- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى