رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتىگە رامزاننىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال 312009

كىمكى رامىزاندا بىر نەرسە يېيىش ياكى ئىستىمنا قىلىش(قولى بىلەن ئىسپېرما چىقىرىش) بىلەن ئۈزۈرسىز بىر كۈنلۈك روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا، «رامىزاندا ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسكە كۆرە رامزاننىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن مەھرۇم قالامدۇ؟، ياكى ھەدىسنىڭ مەنىسى: رامىزاندا تولۇق روزا تۇتسا بۇ ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ؟ دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ رامىزاندا ئۈزۈرسىز بىر كۈن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى بۇ ئەجىر-ساۋاپلاردىن مەھرۇم قالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندا ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 38 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى759 -ھەدىس].

رامزاننىڭ روزىسى رامزاننىڭ ھەممە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ، رامزاننىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۈزۈرسىز تولۇق روزا تۇتمىغان كىشىگە رامىزاندا روزا تۇتتى دېگەن سۆز ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۇ كىشى ھەقىقەتەن رامزاننىڭ بەزى كۈنلىرى روزا تۇتتى ياكى رامىزاندا بىر قانچە كۈندىن باشقا كۈنلەردە روزا تۇتتى دېيىش ئۇيغۇن كېلىدۇ.

كىرمانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىستىكى «رامىزاندا روزا تۇتسا» دېگەن سۆزگە كۆرە، رامىزاندا ئازراق ھەتتا بىر كۈن بولسىمۇ روزا تۇتسا، ھەدىستىكى«رامىزاندا روزا تۇتسا» دېگەن سۆزنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ دېسە، بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋاپ: رامىزاندا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتمىسا، بۇنىڭغا ئۆرپ-ئادەتتىمۇ رامىزاندا روزا تۇتتى دېيىلمەيدۇ، ھەدىسنىڭ كۆرىنىشىمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

كېسەللىك دېگەندەك، ئۈزۈرلەر بىلەن روزا تۇتالمىغان بولسا، ئەگەر ساق بولغان، ئۈزۈر بولمىغان بولسا روزا تۇتاتتىم دېگەن مەقسەت بولسا، بۇ كىشى ھەدىستىكى«رامىزاندا روزا تۇتتى»دېگەن سۆزنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟دېسە، بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋاپ: بۇنداق ئۈزۈرلۈك كىشىمۇ ھەدىستىكى«رامىزاندا روزا تۇتتى»دېگەن سۆزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، چۈنكى كېسەل كىشى ئۈزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىگە ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ، بارلىق مەزھەپ ئىماملىرىمۇ بۇ سۆزنى دېگەن". [كەۋاكىبۇل دۇرارى 1-توم 159-بەت].

شەيخ مەھمۇد خەتتاب ئەسسۈبكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىستىكى «رامىزاندا روزا تۇتسا» دېگەن سۆز، رامزاننىڭ ھەممە كۈنلىرى روزا تۇتسا دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ئەمما، رامزاننىڭ بەزى كۈنلىرى ئۈزۈرسىز روزا تۇتمىغان بولسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئەگەر ئۈزۈر بىلەن روزا تۇتمىغان بولسا، كېيىن روزىسىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلغان ياكى يېمەك بېرىش ئارقىلىق كاپارەت ئۆتىگەن بولسا، خۇددى ئۈزۈر بىلەن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشكەندەك، ئۇ كىشىمۇ رامىزاندا تولۇق روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. [ئەل مەنھەل ئەزبىل مەۋرۇد شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 7 -توم 308 -بەت].

ئىككىنچى:  مۇشۇنداق كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ياخشىلىقتىن بولغان بۇ كاتتا ئەجىرنى يوقىتىپ قويغان بولسا، دەرھال يەنە بىر ياخشىلىق تەرەپكە ئالدىرىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى سەمىمىي تەۋبە قىلىشتۇر.

رامىزاندا روزىدىن باشقىمۇ گۇناھ-خاتالىققا كاپارەت بولىدىغان باشقا خىسلەتلەرمۇ بار، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:  رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرۇش، بەلكىم بۇ ئارقىلىق قەدىر كېچىسىگە ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن، بۇ كېچىدە قىيامدا تۇرۇشمۇ رامىزان روزىسىغا ئوخشاش گۇناھ-خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 35 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 760 -ھەدىس].

رامىزاندىكى مۇھىم بولغان ياخشىلىق يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن 25 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

سىزگە:  ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىينىڭ "گۇناھ-خاتالىققا كاپارەت بولىدىغان خىسلەتلەر" ناملىق كىتابىنى ۋە شەمسىدىن شىربىينىينىڭ" گۇناھ-مەسىيەتكە كاپارەت بولىدىغان خىسلەتلەر" ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

روزىنىڭ پەرھىز ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android