جىددىدە تۇرۇشلۇق كىشى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ جىددىگە قايتىپ چېقىشى تەمەتتۇ ھەج قىلىشنى ئۈزۈپ قويامدۇ؟

سوئال 315620

مەن جىددىدە تۇرىمەن ۋە شۇ يەردە ئىشلەيمەن.  شەۋۋال ئېيىدا ئايالىم بىلەن ئۆمرە قىلىپ، ھەج تەمتتۇ قىلىش نىيىتىدە بولدۇق.  شۇندىن كېيىن ھەجگە قەدەر مەككىدە قالدۇق.  ئەمما مېنىڭ خىزمىتىم جىددىدە بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت سەۋەبىدىن ھەر كۈنى جىددىگە بېرىپ-كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم،  قۇربان ھېيت دەم ئېلىشى باشلانغۇچە ئىش مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ.  بەزىدە ئەتىگەندە جىددىگە بېرىپ خىزمەتنى تۈگىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ بەزى ئېھتىياجلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرۇپ قىلىپ، ئىككىنچى كۈنى قايتىشىمغا توغرا كېلىدۇ.  مەن تەمەتتۇ ھەج قىلىشنى خالايمەن، بۇ ئەھۋال ھەج تەمەتتۇ قىلىشىمغا تەسىر قىلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كىمكى شەۋۋال، زۇلقەدە ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى توققۇز كۈنىدە ئۆمرى قىلىپ، شۇ يىلى ھەج قىلسا، بۇ كىشى ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ھەج قىلغۇچى بولغان ئارىلىقتا ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى تەمەتتۇ ھەج بولىدۇ، ئەمما ئۆمرى قىلىپ بولۇپ ھەجگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلسا، بۇنىڭ بىلەن تەمەتتۇ بۇزۇلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يالغۇز ھەجنىلا مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كېرىدۇ.

ئەگەر تەمەتتۇ ھەج قىلماقچى بولسا، ھەجدىن ئىلگىرى ئۆمرە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئېھرامغا كىرىشى كېرەك.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەمەتتۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىپ مەككىگە يېتىپ كەلگەن كىشىگە، كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، ئۇ كىشى بۇنىڭدىن كېيىن جىددە، تائىپ، مەدىنە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەرگە بارسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەمەتتۇ ھەج بۇزۇلمايدۇ، ھەتتا شۇ جايلاردىن مىناغا چىقىدىغان (تەرۋىيە) كۈنى ئېھراملىق ھالەتتە كەلسىمۇ بولىدۇ.

ئەمما ئۇ كىشى ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلىپ، ئاندىن ھەجگە ئېھرام كىيگەن ھالەتتە كەلسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ تەمەتتۇ ھەججى بۇزۇلىدۇ.

ئەگەر يۇرتىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆمرىگە ئېھرام كىيىپ كەلسە، ئۇ كىشى بىرىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىككىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىسى بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۆمرىسى ئۆز يۇرتىغا قايتقانلىقى ئۈچۈن ھەجدىن ئۈزۈلدى.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  تەمەتتۇ ھەج قىلغان كىشى ئۆمرە بىلەن ھەج ئارىسىدا ئۆز يۇرتىغا ياكى باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىدۇ.

ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلىپ ئاندىن ئۇ يەردىن ھەجگە ئېھرام كىيىپ كەلسە، ئۇ كىشىنىڭ تەمەتتۇ ھەججى بۇزۇلىدۇ، يالغۇز ھەج بولىدۇ.

ئەگەر ئۆز يۇرتىنىڭ غەيرىگە سەپەر قىلىپ ئاندىن ئۇ يەردىن ھەجگە ئېھرام كىيىپ كەلسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تەمەتتۇ ھەج قىلىدىغان ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇ كىشىگە تەمەتتۇ ھەج ئۈچۈن بىر قوي ھەدىيە كېتىدۇ.  [ئايلىق ئۈچرىشىش (4/16)].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  بىر كىشى شەۋۋال ئېيىدا ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ، ئاندىن يەنە مەككىگە يالغۇز ھەجنى نىيەت قىلىپ كەلگەن بولسا، بۇ كىشى ئىلگىرى قىلغان ئۆمرىسى بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولۇپ، ھەدىيە بوغۇزلاش ۋاجىپ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئىنسان شەۋۋال ئېيىدا ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ، ئاندىن يەنە مەككىگە يالغۇز ھەجنى نىيەت قىلىپ كەلگەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، بۇ كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى بولمايدۇ، بۇ كىشىگە ھەدىيە بوغۇزلاشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېيىن يالغۇز ھەجنى نىيەت قىلىپ كەلدى.  بۇ ئۆمەر ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: يۇقىرىدىكى ھالەتتىكى كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ھەدىيە بوغۇزلاش ۋاجىب بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىر يىلنىڭ ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىللە قىلغان بولىدۇ دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: " ئۆز يۇرتىغا ياكى ئەھلى قايتسا، يەنە بەزىلىرى:  نامازنى قەسىر ئوقۇغۇدەك مۇساپىدە سەپەر قىلسا، ئاندىن يالغۇز ھەج بىلەن كەلسە، ئۇ كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولمايدۇ.  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر،.

ئېنىق بولغىنى:  بۇ قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان قاراشتۇر، ئۇ كىشى ئۆز يۇرتى ياكى ئەھلىگە قايتىپ يەنە ئايرىم ھەجنى مەقسەت قىلىپ كەلسە، ئۇ كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولمايدۇ، ئۇ كىشىگە ھەدىيە بوغۇزلاشمۇ كېرەك بولمايدۇ.  ئەمما ھەج ئۈچۈن كېلىپ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، جىددە ياكى تائىپتا تۇرغان بولسا ۋە ئۆزى بۇ يەرنىڭ ئەھلى بولمىسا، ئاندىن ئېھرام كىيسە بۇ ھەج تەمەتتۇ ھەججى بولىدۇ.  ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىپ بولۇپ، تائىپقا ياكى جىددىگە ياكى مەدىنىگە چىقىپ كىرگەنلىكى ئۇ كىشىنى تەمەتتۇ ھەج قىلىشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىللە ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلدى.  جىددە ۋە تائىپ قاتارلىق جايلارغا ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەر قىلدى. شۇنىڭدەك زىيارەت ئۈچۈن مەدىنىگە چىقىپ كىرسىمۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنى تەمەتتۇ ھەج قىلىشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ. ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولغان قاراشتا، ئۇ كىشىگە تەمەتتۇنىڭ ھەدىيەسىنى بوغۇزلاش كېرەك بولىدۇ. ھەج ئۈچۈنمۇ ئۆمرىگە سەئيى قىلغاندەك سەئيى قىلىدۇ" .  [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 17 -توم 96 -بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ يەنە بىر پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: "ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن كىشى بىرىنچى قېتىملىق ئۆمرىدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۆمرىگە ئېھرام كىيىپ كېلىپ، ئۆمرە پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىپ ھەجگىچە تۇرۇپ ھەج قىلغان بولسا، بۇ تەمەتتۇ ھەج بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۇ كىشىنىڭ بىرىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىسى ئۇ كىشىنى تەمەتتۇ ھەج قىلىدىغان قىلمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئىككىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىسىنى ئادا قىلىپ بولۇپ ھەجگىچە مەككىدە تۇرۇپ ھەج قىلغانلىقى ئۈچۈن تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولىدۇ" .  [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 17 -توم 98 -بەت].

جىددە سىزنىڭ تۇرىدىغان ئورنىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنىڭ جىددىغا قىلغان سەپىرىڭىز سىزنىڭ قىلماقچى بولغان تەمەتتۇ ھەججىڭىزنى تەسىرگە ئۈچرىتىدۇ.

سىز تەمەتتۇ ھەج قىلماقچى بولسىڭىز، ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىڭ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەجنى قىلىپ بولغانغا قەدەر جىددىگە قايتماڭ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ھەجگە توغىرسىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android