پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

لەۋھۇل مەھپۇز يارىتىلغان مەخلۇقمۇ؟، قۇرئان كەرىم لەۋھۇل مەھپۇزغا نازىل بولغانمۇ؟، ئاللاھ تائالانىڭ نۇرى قىيامەت كۈنىدە زېمىنغا چۈشەمدۇ؟

سۇئال

   لەۋھۇل مەھپۇز يارىتىلغان مەخلۇقمۇ؟، ئەگەر ئۇنداق بولسا، قۇرئان كەرىم يارىتىلغان مەخلۇق بولمىغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىم ئۇنىڭدا قانداق تېپىلىدۇ؟، بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: قاراڭغۇنى يورۇتقان يۈزۈڭنىڭ نۇرى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىمەن، بۇنىڭدىن: بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز ئاللاھنىڭ نۇرى دېگەنلىك ئىپادىلىنەمدۇ؟، بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئاللاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارغا چۈشتى دېگەنلىك ئىپادىلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: لەۋھۇل مەھپۇزمۇ باشقا يارىتىلغۇچى مەخلۇقلارغا ئوخشاش يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئەرش، كۇرسى، لەۋھۇل مەھپۇز قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر. بۇ ھېچقانداق شەك-شۈبھە بولمىغان ۋە ئەسلىدە ھېچ ئىختىلاپ بولمىغان ئوچۇق ئىشتۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا نەرسىلەر ئىلگىرى بولغان بولسۇن ياكى كېيىن يارىتىلغان بولسۇن، بۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان مەخلۇقدۇر، لەۋھۇل مەھپۇز، قەلەم، ئەرىش، ئاسمانلاردىكى ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەممە نەرسە، زېمىندىكى ۋە زېمىننىڭ ئاستىدىكى ھەممە نەرسە، مۇشۇ كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدۇر.

    قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان لەۋھۇل مەھپۇزغا يېزىلىشىدا ھېچ شۈبھە يوق، چۈنكى بىزمۇ ھەممىمىز قۇرئان ئايەتلىرىنى يارىتىلغان -پەيدا قىلىنغان قەغەز ۋە سەھىپىلەرگە يازىمىز.

    بىز سۆزلەيمىز، سۆزىمىزنى قەغەزلەرگە پۇتىمىز، بىزدە بولغان سۆزلەش دېگەن سۈپەت قەغەزگە چۈشمەيدۇ بەلكى ئۇ سۈپەت بىز بىلەن بىرگە تۈرىدۇ.

    ئىككىنچى: نۇر دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان:  وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ  تەرجىمىسى: مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە - ئەمەللەر ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. [سۈرە زۇمەر 69-ئايەت].

   يۇقىرىدىكى بۇ ئىش قىيامەت كۈنىدە بولىدۇ.

    ئەمما بىز دۇنيادا كۆرىۋاتقان نۇر بولسا، ئۇ يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئۇ قۇياش نۇرى، ئاي نۇرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىنى زېمىنغا چۈشتى دېيىلمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى  ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرغۇچىدۇر، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىلىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، يارىتىش، خالاش ۋە سۆزلەش قاتارلىق سۈپەتلىرىگە ئوخشاش ئۆزىدە بىرگە تۇرىدىغان سۈپىتىدۇر.

     بىز دۇنيادا قۇياش ۋە ئاي بىزدىن بەك يىراقتا بولسىمۇ ئۇنىڭ نۇرىدىن يورۇقلۇق ئالىمىز، ھېچ بىر كىشى: قۇياش ياكى ئاينى بىزنىڭ ئارىمىزغا چۈشتى ياكى قۇياش ياكى ئاينىڭ سۈپىتى بىزنىڭ ئارىمىزغا چۈشتى دېمەيدۇ، چۈنكى سۈپەت دېگەن سۈپەتلەنگۈچى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، لېكىن بۇ يەردە سۈپەتنىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان نەرسىلەر بولىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئەننۇنىيە" ناملىق ئەسىرىنىڭ 212-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نۇر دېگەن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ۋە سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھنىڭ ھىجابى نۇر بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ نۇردىن بولغان ھىجابىنى ئېچىۋەتسە، ئۇنىڭ شولىسىدىن پۈتۈن كائىناتلار كۆيۈپ كېتىدۇ، قىيامەت كۈنىدە كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئاللاھنىڭ نۇرى زېمىننى يورىتىدۇ".

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانى نۇر دەپ ئاتاش توغرىسىدا دەلىل كەلگەن، يەنە ئاللاھ تائالاغا قېتىلغان نۇر بار، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ ھىجابى نۇردۇر، بۇ تۆت تۈرلۈك نۇردۇر.

    بىرىنچىسى مۇتلەق ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا توغرا يولغا باشلىغۇچى نۇردۇر.

    ئىككىنچىسى: ئاللاھ تائالاغا قېتىلىدىغان نۇر بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالاغا: ھاياتلىق، ئاڭلاش، كۆرۈش، ئىززەت، قۇدرەت ۋە ئىلىم قاتارلىقلارنىڭ قېتىلغىنىغا ئوخشاشدۇر.

    بۇ نۇر بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ يۈزىگە ۋە بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ زاتىغا قېتىلىنىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئاسمان-زېمىنغا قېتىش بولۇپ، بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:  اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ  تەرجىمىسى: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. [سۈرە نۇر 35-ئايەت].

    تۆتىنچىسى: ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك: ئاللاھنىڭ ھىجابى نۇردۇر. بۇ نۇر ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلىدۇ، تۆت تۈرنىڭ بىرىدە كېلىدۇ". ["مۇختەسەر ساۋائىق"423-بەت].

     بىر كىشى، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا؟ شەيخ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئايەتنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا نۇرلاندۇرغۇچى بولۇپ، ئاسمانلار، زېمىنلەر ۋە قىيامەت كۈنىدىكى نۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نۇرىدۇر.

     نۇر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى يارىتىلغۇچى نۇر، ئۇ مەخلۇق بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە، جەننەتتە تېپىلىدىغان، ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزنىڭ نۇرلىرى، توكنىڭ، ئوتنىڭ، نۇرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر.

    ئىككىنچى نۇر بولسا، يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولماستىن بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىدە ماختالغۇچى، مەدھىيلەنگۈچى ۋە ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ يۈزىنىڭ نۇرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنىڭ نۇرى بۇنىڭ ھەر ئىككىسى  يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولماستىن بەلكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان سۈپەتتۇر.

ئاللاھ تائالا سۈپەتلەنگەن بۇ كاتتا نۇر يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولماستىن، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىشى، كۆرۈشى، قولى، پۇتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كاتتا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش بىر سۈپەتتۇر.

   مانا بۇ ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن ھەقىقەتتۇر". پەتىۋالار مەجمۇئەسى 6-توم 54-بەت.

   ئەمما: قاراڭغۇنى يورۇتقان يۈزۈڭنىڭ نۇرى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىمەن دېگەن ھەدىس، ئاجىز-زەئىپ ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭ زەئىپلىك سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ:"زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 6-توم 486-بەتكە قارالسۇن. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى