شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

334744

تارقاتقان ۋاقىت : 26-07-2022

كۆرگۈچىلەر : 877

سۇئال

   مېنىڭ سوئالىمنىڭ تېمىسى: ئىلىكتۇرۇنلۇق تىجارەت ياكى توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشنى ھارام دېگەن پەتىۋالىرىڭلارنى تاپتىم، يەنە بىر توربەتتە مالىكى مەزھەبى قارىشىغا مۇۋاپىق يېمەكلىك بولسا ھارام بولىدۇ، باشقا نەرسىدە توغرا بولىدۇ دېگەن مەزمۇندا پەتىۋا تاپتىم، سىلەرنىڭ يەنە بىر پەتىۋادا توغرا بولىدۇ دەپ كەلگەن بولسىمۇ سورالغان سوئالنىڭ يۆلىنىشى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: مەن توردا سودا قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە: مەن سىزنىڭ ماللىرىڭىزنى سېتىپ بىرەي، ئالىدىغان پايدىنىڭ ئورنىغا مالنىڭ ئەسلى باھاسىنى ئازراق ئۆستۈرۈپ ساتىمەن ياكى مالنى يۆتكەش ئۈچۈن مالنىڭ ئەسلى باھاسىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك پايدا بېكىتىمەن دېسەم بۇ ھارام بولامدۇ؟، بۇ مۇئامىلىنىڭ يەنە بىر شەكلى بار بولۇپ سىلەر ئۇنى ھارام دېگەن، ئۇ بولسىمۇ، تور سۇپىسىدا مال سېتىش بولۇپ بۇمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان. ئۆزى بىر مال ساتقۇچى يەنە بىر مال ساتقۇچى بىلەن ئۇنىڭ مېلىنى سېتىپ بېرىش بەدىلىگە ئىش ھەققى ئىلىشقا ئىتتىپاق كېلىدۇ ياكى ئىتتىپاق كەلمەيدۇ.

    يەنە بىر سوئال: سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ توغرىدا مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىسىلەر، بۇنى چەكلەش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئاجىز-زەئىپ ياكى مەرپۇ تۇرسا؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر ساتىدىغان تاۋار دۇرۇس بولسا بۇ توغرىدىكى چەكلىمە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە ئاساسەن بولىدۇ:

    1-ئىنسان ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى سېتىش، لېكىن ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى سېتىش ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسىدا، ئۇنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ.

    2-سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىش.

    3-ئالتۇن ياكى كۈمۈش ياكى نەخپۇللارنىڭ سودىسىنى قىلغان ئورۇندا نەخ تاپشۇرۇپ ئالماسلىق.

      بىرىنچى تۈرنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىر ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مەندە يوق بولغان نەرسىنى  تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سېتىپ ئاندىن بازاردىن سېتىپ ئىلىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «يېنىڭدا يوق نەرسىنى ساتمىغىن»دېگەن. [نەسائىي رىۋايىتى 4613-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3503-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1232-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

     ئەمىر ئىبنى شۈئەيب ئاتىسىدىن ئۇ كىشى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن يەنە بىر سودىنى بىرگە قىلىش، بىر سودىدا ئىككى تۈرلۈك شەرت قىلىش، ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىدىن پايدا ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ يېنىدا يوق نەرسىنى سېتىش قاتارلىق ئىشلار توغرا بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 1234-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3504-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى4611-ھەدىس. تىرمىزى ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

    ئىبنى قۇدامە "ئەلمۇغنى" 4-توم 155-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان مۇئەييەن نەرسىنى سېتىش، سودا پۈتكەندىن كېيىن باشقىلاردىن سېتىۋېلىپ مۇشتەرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇ رىۋايەت ئىمام شاپىئىنىڭ قارىشىدۇر. بۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلغۇچىنى بىلمەيمىز، چۈنكى ھەكىم ئىبنى ھىزام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مېنىڭ يېنىمغا بىر كىشى كېلىدۇ، مەندە يوق بولغان بىر نەرسىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن بازارغا بېرىپ ئۇ نەرسىنى سېتىۋالىمەن ئاندىن ئۇ نەرسىنى ئۇ كىشىگە سېتىپ بېرىمەن دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «يېنىڭدا يوق نەرسىنى ساتمىغىن»دېگەن.

     ئىككىنچى تۈرنىڭ دەلىلى: يۇقىرىدا ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «مالنى سېتىۋالساڭ، ئۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ساتمىغىن» دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15316-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 4613-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 342-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەدىس يىمەكلىك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، سېتىۋالغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن سېتىش توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى بولۇپ، ئالىملاردىن بۇ يېمەكلىككە خاس دېگەن قاراشنىڭ ئەكسىچەدۇر.

    ئەمما ئۈچىنچى تۈرنىڭ دەلىلى: ئالتۇن، كۈمۈش ۋە نەخ پۇللاردىن قايسى بېرىنى نەخ تاپشۇرۇپ ئالماستىن سېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 182364- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بىز 289386- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش سودىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن، بۇ مۇئامىلىلەرنى توغرىلاش ئۈچۈن شەرئى دەلىللەرنى بايان قىلدۇق، بۇ، پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش يولى بىلەن ياكى ھەق ئىلىپ ۋەكىل بولۇش يولى بىلەن بولىدۇ.

    بىز ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسىدا بايان قىلغاندەك، ئۇنىڭدا پۇلنى توختام قىلغاندا تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك بولىدۇ، مالنىڭ تور ۋاستىچىسىنىڭ يېنىدا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، يۇقىرىدىكى جاۋاپقا مۇراجىئەت قىلىسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ، بۇ يەردە تەكرار سۆزلەش كېرەك بولمايدۇ.

    بىزگە ئىلگىرى كەلگەن سودا شەكىللىرىدە: بىر كىشى مالنى ئۆزى سېتىپ بولۇپ ئاندىن تور بازىرىدىن سېتىۋېلىپ مۇشتەرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشتۇر.

     سىزنىڭ سوئالدا بايان قىلغان: مەن توردا سودا قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە: مەن سىزنىڭ ماللىرىڭىزنى سېتىپ بىرەي، ئالىدىغان پايدىنىڭ ئورنىغا مالنىڭ ئەسلى باھاسىنى ئازراق ئۆستۈرۈپ ساتىمەن ياكى مالنى يۆتكەش ئۈچۈن مالنىڭ ئەسلى باھاسىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك پايدا بېكىتىمەن دېسەم بۇ ھارام بولامدۇ؟ دېگەن بۇ شەكىل ۋاكالەتنىڭ شەكلى، ۋەكىلنىڭ مالغا ئىگە بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ۋەكىل قىلغۇچى ئۇنى ئىگە قىلغان نەرسىنى ساتىدۇ.

    بۇ مال ساتقۇچىنىڭ ۋەكىلى، ئۇ كىشىنىڭ مېلىنى بازارغا سالىدۇ، ساتىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە مەلۇم مىقداردا ھەق ئالىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ سىزگە: بۇ مالنى يۈز لىراغا ساتىمەن، بۇنىڭدىن ئارتۇق ساتسىڭىز ئارتۇقى سىزنىڭ دېسە بۇ توغرا بولىدۇ. بۇنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ  توغرا بولۇپ، بۇ مۇزارىبىگە ئوخشاش دېگەن،  (پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش سودىسى) . ئەمما كۆپچىلىك ئۆلىمالار ۋەكىلگە بېرىدىغان ھەق ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ سودىنى توغرا ئەمەس دېگەن.

    ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا "ۋاستىچىنىڭ ھەققىنى بېرىش توغىرسىدا" دېگەن باپتا: ئىبنى سىيرىن، ئەتا ئىبنى رەباھ، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ھەسەن بەسەرىي قاتارلىق ئالىملار ۋاستىچىنىڭ ئەجىرىنى بەرسە بولىدۇ" دېگەن.

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇ كىيىمنى مۇنچە پۇلغا ساتقىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساتساڭ ئارتۇقى سېنىڭ دېسە دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن.

    ئىبنى سىيرىن: "بىر كىشىگە ما نەرسىنى مۇنچە پۇلغا ساتقىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساتساڭ پايدىسى سېنىڭ بولسۇن دېسە ياكى پايدىسىنى ئىككىمىز تەڭ بۆلۈشىمىز دېسە توغرا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن، دېدى".

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى! بۇ ھەقىقەتەن ئەسلى سودا ۋەكىلى، بىز بۇنى 289386- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق، مانا بۇ خېرىدار تەرىپىدىن ئۇلارغا مال سېتىۋېلىشقا ۋەكىل بولۇشتۇر.

    بۇنىڭ ئومۇمى خۇلاسىسى: توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش سودىسى تۆۋەندىكى تۆت شەكىلدە توغرا بولىدۇ:

1-شەرتلىرى تولۇق بولغان ئالدىدىن پۇل تۆلەش سودىسى.

2-مۇرابەھە-پايدىنى تەڭ ئېلىش سودىسى.

3-خىرىداردىن ۋەكىل بولۇش، بۇنىڭ شەرتى پۇلنى خىرىداردىن ئىلىپ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مال سېتىپ ئىلىش بولۇپ، مالنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىپ ئاندىن خېرىدار بىلەن ھېسابلىشىش توغرا بولمايدۇ.

4- ئەسلى سودىدا ۋەكىل بولۇش.

   ئاخىرىدا، سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بىزنىڭ مەقسىدىمىز كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلىش ئەمەس، بۇنداق قىلىش بىزنىڭ يولىمىز ئەمەس، بىز مەسىلىلەرنى ئايەت-ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىشكە تىرىشىمىز، مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ يولىدىن چىقمايمىز، كىشىلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلىكنى ۋە مۇئامىلىلىرىنى تەتقىق قىلىمىز، توغرا يول بىلەن ئالىملارنىڭ سۆزىدىن يول تېپىشقا تىرىشىمىز، زۆرۈر بولغاندا، ئالىملارنىڭ سۆزىدىن يول تاپىمىز.

     توغرا بولغان ۋە توغرا بولمىغان نەرسىگە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى سېتىش مەسىلىسىنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن 67745 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار