سەيشەنبە 25 رەجەب 1442 - 9 مارت 2021
Uygur

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا قىيىن ئىش ئاسان بولىدۇ دېگەن سۆزگە ئىزاھات

336536

تارقاتقان ۋاقىت : 16-01-2021

كۆرگۈچىلەر : 155

سۇئال

   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا قىيىن ئىش ئاسان بولىدۇ دېگەن بۇ سۆز توغرىمۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتىنى بىلىمەن. ھەدىستە: «كۆپ دۇرۇت-سالام يوللاش سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشنىڭ ئىشلارنىڭ ئاسان بولىشى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟، ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى ئاللاھ تائالا ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشىغان چۈشۈنۈكسىز سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى تەۋھىدنى ھىمايە قىلىش ۋاجىپتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشۈنۈكسىز بولمىغان ئوچۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا غەم-قايغۇلارنى ئىچىۋېتىدۇ، قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلىدۇ دېگەندەك ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولغا قويغان شەرىئىتى ھەر يەردە ئاسان ۋە كەڭىردۇر دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىشلارنىڭ ئاسان ياكى قىيىن بولىشى يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

شەكسىزكى، ئىشلارنىڭ ئاسان ياكى قىيىن بولىشى ھېچ شېرىكى بولمىغان يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىدە ھېچ كىشى بۇنىڭغا ئىگە بولالمايدۇ. بۇ مەنانى بېكىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن.

   ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چېقىشىنى ۋە  قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشنى ئاسان قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُتِلَ الْإِنْسَانُ مَا أَكْفَرَهُ ، مِنْ أَيِّ شَيْءٍ خَلَقَهُ ، مِنْ نُطْفَةٍ خَلَقَهُ فَقَدَّرَهُ ، ثُمَّ السَّبِيلَ يَسَّرَهُ  تەرجىمىسى: «ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!، ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟، ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.» [سۈرە ئەبەسە 17- 20-ئايەتكىچە].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِر  تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق،ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟.» [سۈرە قەمەر 17-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋىننىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرىغاندا، مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اذْهَبْ إِلَى فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَى ، قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي ، وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي﴾ تەرجىمىسى: «پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى» مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن. مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن.» [سۈرە تاھا 24-26-ئايەتكىچە].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ھىدايەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ مەنپەئەتىمگە ياردەم بەرگىن، زېيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلغىن، دۈشمەنلەرنى مەندىن غالىپ قىلمىغىن، ماڭا پايدىلىق تەدبىر ئاتا قىلغىن، زېيىنىمغا تەدبىر قىلمىغىن، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، ماڭا ھىدايەتنى ئاسان قىلىپ بەرگىن». [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى 3551-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ "ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3088-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

   بىر كۈنى ساھابىلاردىن بىرى سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خوشلاشقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھغا دۇئا قىلىپ قەيەردە بولسا ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سەپەرگە چىقماقچى ئىدىم، ماڭا ئوزۇق-تۈلۈك بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ساڭا تەقۋادارلىق ئوزۇقى ئاتا قىلسۇن» دېدى، ئۇ كىشى: تېخىمۇ كۆپراق دۇئا قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «گۇناھىڭنى كەچۈرۈم قىلسۇن» دېدى، ئۇ كىشى: ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! تېخىمۇ ئارتۇقراق دۇئا قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھ ساڭا ياخشىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن» دېدى. [ئىمام تىرمىزى"سۈنەن"دە 3444-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا2739-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ھەممە ئىشتا ئىستىخارە قىلىشنى تەلىم بېرەتتى. ئىستىخارە قىلغاندا، بەندە پەرۋەردىگارىدىن قىلماقچى بولغان ئىش ياخشى بولسا، ئۇنى ئۆزىگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايدۇ.

    جابىر ئىبنى ئابدۇللار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىستىخارە قىلىشنى تەلىم بېرەتتى، ئۇلارغا قۇرئان ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىشقا قارار بېرىشتە ئىككىلىنىپ قالسا، پەرز ئەمەس بەلكى ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن بۇ ئىستىخار دۇئاسىنى ئوقۇسۇن. ئەي ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭغا سېغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدىرتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن، سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن پۈتۈن غەيىبلەرنى بىلگۈچىسەن، ئەي ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم(ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ئۇنى ماڭا ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىشىم مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نەسىپ قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن.» [بۇخارى رىۋايىتى 7390-ھەدىس].

    ئىش پەقەت يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاسان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان بەزى دۇئاسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئەي ئاللاھ! سەن ئاسان قىلغاندىن باشقا ئاسانلىق يوق، سەن خالىساڭ غەم-قايغۇنىمۇ ئاسان قىلىسەن.» [ئىبنى ھىببان سەھىھ كىتابىدا 2427-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 2886-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھدىن ھەممە نەرسىنى سوراڭلار، ھەتتا ئاياغنىڭ بۇغۇچىغا ئوخشاش نەرسە بولسىمۇ، ھەقىقەتەن ئىشلارنى ئاللاھ تائالا ئاسان قىلىپ بەرمىسە ئاسان بولمايدۇ». [ئەبۇ يەئلا "مۇسنەد"تە 4560-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"3-توم540-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا قىيىن ئىش ئاسان بولىدۇ دېگەن سۆز ھەقكىمۇ ۋە باتىلغىمۇ ئېھتىماللىقى بولغان تۇتۇق سۆزدۇر.

    سوئال سورىغۇچى كەلتۈرگەن: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا قىيىن ئىش ئاسان بولىدۇ دېگەن سۆز ھەقكىمۇ ۋە باتىلغىمۇ ئېھتىماللىقى بولغان تۇتۇق سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەكىلدە ئوتتۇرغا قويۇش توغرا بولمايدۇ:

    بىرىنچى: ئەگەر ئۇ كىشى مۇتلەق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن قىيىن ئىشلار ئاسان بولىدۇ دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ھەقىقەتتە خاتا ئېتىقاد ھېسابلىنىدۇ، بۇ خۇددى ئازغۇن سوپىلارنىڭ دەلىلسىز ئېيتقان سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر بۇ سۆزنى قىلغۇچى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ، غەم-قايغۇلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ھەدىس بايان قىلىنغان، ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇت سالام يوللايمەن، دۇرۇت-سالاملىرىمدىن قانچىلىكنى سىلىگە قىلسام بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانچىلىك خالىساڭ» دېدى، ئۇ كىشى: تۆتتىن بىرىنى؟ دېگەنتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانچىلىك خالىساڭ، ئەگەر كۆپ بولسا ياخشى» دېدى، ئۇ كىشى: يېرىمىنى؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قانچىلىك خالىساڭ، ئەگەر كۆپ بولسا ياخشى» دېدى، ئۇ كىشى: ئۈچتىن ئىككىسىنى؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قانچىلىك خالىساڭ، ئەگەر كۆپ بولسا ياخشى» دېدى، ئۇ كىشى: ھەممىسىنى يوللايمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ ۋاقىتتا بۇ سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، خاتالىقلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». [ئابىد ئىبنى ھۈمەيد"مۇسنەدتە" 170-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، "تەرغىيب ۋە تەرھىيب نىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" توپلىمىدا 1670-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

  خۇلاسە: بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشىغان چۈشۈنۈكسىز سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى تەۋھىدنى ھىمايە قىلىش ۋاجىپتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشۈنۈكسىز بولمىغان ئوچۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، مەسىلەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا غەم-قايغۇلارنى ئىچىۋېتىدۇ، قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلىدۇ دېگەندەك ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولغا قويغان شەرىئىتى ھەر يەردە ئاسان ۋە كەڭرىدۇر دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى