سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرگۈچىدە يۈز بىرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

ئايروپىلان بىلەن جىددىگە كىلىپ، جىددىدىن ھەجگە ئېھرام كىيسە بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەزى ھاجىلار ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا مەلۇم خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.

بىرىنچى ئىش: مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كېتىش. بەزى ھاجىلار بولۇپمۇ ئايروپىلاندا كېلىدىغان ھاجىلار مىيقاتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان تۇرۇقلۇق مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ھەتتا جىددىغا يىتىپ كېلىپ ئېھرام كىيىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر تەرەپتىن كېلىدىغان ھاجىلار ئۈچۈن ئۇلارغا ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنلارنى بېكىتىپ بەرگەن: «ئۇ جايلار سىرتتىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئېھرام كىيىدىغان ئورنى،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1524-ھەدىس.مۇسلىم رىۋايىتى1181-ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «ئىراقلىقلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدى ئەھلى ئۈچۈن قەرنى مەنازىلنى ئېھرام كىيىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن، ئۇ تەرەپنىڭ يولى بىزگە يىراق، بىز ئۇ يەرگە بېرىپ ئېھرام كىيىپ ماڭىمىز دېسەك بەك جاپا بولىدۇ دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا: سىلەر قەرنى مەنازىلنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىدىغان يولغا قاراڭلار دەپ، ئۇلارغا زاتە ئىرق دېگەن جاينى ئېھرام كىيىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى1531-ھەدىس].

يۇقىرىقى ئەسەردىن مېيقاتنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتكەن كىشىمۇ مېيقاتتىن ئۆتكەن كىشىگە ئوخشاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مىيقاتنىڭ ئۈستىدىن ئايروپىلاندا ئۈچۈپ ئۆتكەن ئادەم مىيقاتتىن ئۆتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلار مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېھرام كىيىدۇ، جىددىگە كېلىپ ئېھرام كىيىش ئۈچۈن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىش توغرا بولمايدۇ.

بۇ خاتالىقلارنى توغرىلاشنىڭ يولى، ئىنسان ئۆز ئۆيىدە ياكى ئايدۇرۇمدا يۇيۇنۇپ ئايرۇپىلانغا چىققاندا، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كىيىملىرىنى سېلىپ، ئېھرام كىيىمىنى كېيىپ تەييار بولۇپ تۇرۇش كېرەك. ئايروپىلان مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېھرامنى نىيەت قىلىپ ئۆزى قىلماقچى بولغان ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ تەلبىيە ئېيتىدۇ. ئېھرام كىيىشنى جىددىگە كەلگۈچە كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلسا خاتا قىلغان بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئۇ كىشىگە پىديە(جازا) كېلىدۇ، مەككىدە قويدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ شۇ يەردە كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مىيقاتتىن ئېھرام كىيىشتىن ئىبارەت بولغان ۋاجىپ ئەمەلدىن بىرنى تەرك قىلدى.

ئىككىنچى ئىش: بەزى كىشىلەر ئۆز قارىشى بويىچە، ئېھرام كىيگەندە چوقۇم ئاياغ كىيىمى بولۇش كېرەك، ئەگەر ئېھرام كىيگەندە ئاياغ كىيىمى بولسا كېيىن كىيىش توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا بولمىغان قاراشتۇر. ئاياغ كېيىپ ئېھرامغا كىيىش ۋاجىپمۇ ئەمەس ۋە شەرتمۇ ئەمەس، ئاياغ كېيىم بولمىسىمۇ ئېھرام كىيسە بولاۋىرىدۇ. ئېھرام كىيگەندە ئاياغ كىيىم بولمىسا ئاياغ كىيىمنى ئېھرامغا كېرىپ بولغاندىن كېيىن كىيسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ ئىش بولمايدۇ.

ئۈچۈنچى ئىش: بەزى ئىنسانلار ئۆز قارىشى بويىچە ئېھرام كىيىمى بىلەن ئېھرامغا كىرگەن كىشى ئېھرامدىن چېقىپ بولغىچە شۇ ھالىتىدە قالىدۇ، ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا بولمىغان قاراشتۇر. ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ياكى سەۋەبسىز ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشى توغرا بولىدۇ.

بۇنىڭدا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، ئېھرام كېيىملىرىنى كېيىپ ئېھرامغا كىرگەن كىشىلەر ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئېھرام كىيىمىگە يۇغىلى بولمايدىغان پاسكىنا نەرسىلەر يۇقۇپ قالسا بۇنداق ھالەتتە ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر بەك كىرلىشىپ قالسا ئورنىغا پاكىزە ئېھرام كىيىمى كىيىش كېرەك.بەزى ۋاقىتتا ئىنسان كەڭرىچىلىكتە بولىدۇ، خالىسا ئالماشتۇرىدۇ، خالىمىسا ئالماشتۇرمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىم بولغان ئىش، ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيگەن كىشى پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغىچە ئېھرامنى سېلىۋەتسە توغرا بولمايدۇ.

تۆتىنچى ئىش: بەزى ھاجىلار ئېھرامنى كىيگەندىن باشلاپ ئېھرامنىڭ بىر تەرىپىنى سول دولىسىغا ئوراپ ئوڭ دولىسىنى ئىچىۋالىدۇ. بىز بىر قىسىم ھاجىلارنىڭ ئېھرام كىيگەندىن باشلاپ شۇنداق قىلىۋالغانلىقى كۆزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئوڭ دولىسىنى ئېچىۋېلىش پەقەت دەسلەپتە "كېلىش تاۋىپى" نى قىلغاندا بولىدۇ. تاۋاپتىن ئىلگىرى ۋە ساپا-مەرۋە قىلغاندا ئوڭ دولىسىنى ئوچۇق قويۇش توغرا بولمايدۇ.

بەشىنچى ئىش: بەزى ھاجىلار ئۆزىنىڭ قارىشىدا، ئېھرام كىيگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش زۆرۈر دەپ قارايدۇ، بۇمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئىنسان ئېھرام كىيگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش زۆرۈر ئەمەس. ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ شۇ قاراشقا بارغان. ئېھرام كىيگەندە ئايرىم ناماز ئوقۇش يولغا قويۇلمىغان. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

ئىنسان يۇيۇنۇپ ئېھراملىقنى كېيىپ ناماز ئوقۇماي ئېھرامنى نىيەت قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ناماز ۋاقتى بولغان بولسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقان بولسا، ئۇ كىشى ناماز ئوقۇپ بولغىچە مىيقاتتا تۇرىدىغان بولسا بۇنداق ھالەتتە نامازدىن كېيىن ئېھرام كىيىش ياخشى ئەمما ئېھرام كىيگەندە ئوقۇيدىغان خاس ناماز بار دەپ ئېتىقاد قىلىش توغرا ئەمەس. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئېھرام كىيگەندە ئوقۇيدىغان خاس ناماز يولغا قويۇلمىغان.

مەنبە: ["ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]