روزىدار ھالەتتە ۋە نامازدا تۇرغاندا بۇخۇر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 337521

روزىدار ھالەتتە بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشمۇ چەكلىنىدۇ، مۇبادا نامازدا تۇرۇپ قەستەن بۇخۇر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈمۈرسە بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

روزىدارنىڭ بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشى چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراشلا ئەمەس بەلكى بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ۋەزنى بولىدۇ، بۇنى سۈمۈرگەندە، گالدىن ئۆتۈپ كەتسە، روزا بۇزۇلىدۇ.  مۇبادا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار دائىم مەسچىتلەرگە بۇخۇر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى قويىدۇ، چاچىدۇ، مەسچىتتىكىلەر بۇنىڭ پۇراقلىرىنى پۇرايدۇ، بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

روزىدار ھالەتتە بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشنىڭ ھۆكمى.

روزىدارنىڭ بۇخۇر ۋە ئەتىر قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشى چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراشلا ئەمەس بەلكى بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ۋەزنى بولىدۇ، بۇنى سۈمۈرگەندە، گالدىن ئۆتۈپ كەتسە، روزا بۇزۇلىدۇ.

"ھاشىيەتىل دۇسۇقى" 1-توم 525 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تۈتۈنلىرى ياكى قازاننىڭ بۇسلىرى كانايدىن ئۆتۈپ كەتسە، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

مۇبادا بۇخۇر قاتارلىق نەرسىلەر سۈمۈرۈش بىلەن كانايغا كەلسە، گالدىن ئۆتۈپ كەتمىسە، بۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلسۇن ياكى ياكى باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى سۈمۈرسۈن، بۇنى قەستەن قىلغۇچىغىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ بۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن:  "رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئود، كولىنىيا ۋە بۇخۇر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ:  شۇنداق، ئۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرا بولىدۇ، بۇ، بۇخۇرنى سۈمۈرمەسلىك شەرتى بىلەن بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن".  [شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى 15 -توم 267 -بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  روزىدارنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدە خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ:  "بۇنداق نەرسىلەرنى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئىشلەتسە ۋە سۈمۇرسە بولىدۇ لېكىن بۇخۇرنى سۈمۈرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازانغا بېرىپ قالىدۇ، ئۇ تۈتۈندىن ئىبارەتتۇر دەپ جاۋاپ بەرگەن." [رامىزان پەتىۋالىرى 499 -بەت].

ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى پۇرىشى توغرا بولامدۇ؟.

مۇبادا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار دائىم مەسچىتلەرگە بۇخۇر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى قويىدۇ، چاچىدۇ، مەسچىتتىكىلەر بۇنىڭ پۇراقلىرىنى پۇرايدۇ، بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.

"كەشاپۇل قىنا"  2 -توم 372 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پەيشەنبە كۈنلۈكتە مەسچىتلەرنى سۈپۈرۈش، تازىلاش، خۇشبۇي قىلىش ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭدەك، جۈمە كۈنى ۋە ھېيت كۈنلەردىمۇ شۇنداق قىلىش ياخشى بولىدۇ".  بۇ يەردە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئۇ ھالەتتە بۇخۇردىن ئىس چىقىرىپ ئۇنى سۈمۈرۈشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، بىز بۇ مەسىلىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلغان كىشى ھەققىدە توختالمايمىز، گەرچە بۇنداق ئىش ھاسىل بولغان بولسىمۇ مەيلى.

ئالىملار:  ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىغا ئىس چېقىۋاتقان بۇخۇر ياكى بۇخۇر قويۇلغان چوغنى قويۇش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇنىڭ زېيىنى يوق، بۇ  مەكروھ بولىدىغان ئوتقا يۈزلىنىپ ئىبادەت قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ قارىغان.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىغا، ئىسرىقدانغا بۇخۇر قويۇپ ئىس چىقىرىشنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ:  "بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇ، بەزى پىقھى ئالىملىرى بايان قىلغاندەك، مەكروھ بولىدىغان ئوتقا يۈزلىنىپ ئىبادەت قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئوتقا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشنى مەكروھ دېگەنلەر، بۇ، ئوتقا چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلىدىغان ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىبادىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، مەجۇسىيلار ئوتقا بۇ شەكىلدە چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلمايدۇ، بۇنىڭغا كۆرە، بۇخۇر قويىدىغان ئىسرىقداننى ياكى توكقا چاتىدىغان ئىسرىقداننى ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسا، بولۇپمۇ ئىمامنىڭ ئالدىغا قويماستىن ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن." [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 12 -توم 409 -بەت].

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىغا ئىچىدە چوغ بولغان ئىسرىقداننى قويۇپ قويسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇنىڭدىكى مەكرۇھلۇق دېگەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ياكى سەپنىڭ ئالدىغا لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتنى قويۇپ قويۇشتۇر، چۈنكى مەجۇسىيلار ئوتقا چوقۇنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتقا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە ئوخشاپ قالغانلىق ئۈچۈن بولىدۇ، بۇ چەكلىمىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىسرىقداندا چوغ بولىدۇ، بۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت دەپ ئاتالمايدۇ، بۇ مەجۇسىلارنىڭ ئىبادىتىگىمۇ ئوخشىمايدۇ.

بۇنىڭدا مەسچىتنى خۇشبۇي قىلىشتىن ئىبارەت پايدا بار، بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشبۇي نەرسە ئەكەلدۈرۈپ، مەسچىتكە سۈرتكەن، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىمۇ مەسچىتلىرىگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتەتتى." [شەيخ ئىبنى جىبرىين تور بېتى]

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 66079-289121- 37706 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدىن پايدىلانسۇن.

مەرجەلەر

نامازنى بىكار-باتىل قىلىدىغان ئامىللار

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android