سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ قانداق پەزىلىتى بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     رامزاندا كېچىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن:

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا كېچە نامىزى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى لېكىن كەسكىن بۇيرىمايتتى، ۋە مۇنداق دەيتتى: رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرسا (ناماز ئوقۇسا) ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ ئىش شۇنداق ئىدى، (جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇماسلىق)، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ خىلاپەت دەۋرىدىمۇ ئىش شۇنداق بولدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ خىلاپىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىمۇ شۇنداق بولدى.

    ئەمىر ئىبنى مۆررە ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، قۇزائە قەبىلىسىدىن بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا خەۋەر بەرسىلە، مەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھى مەبۇد يوق، سىلە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسەم، بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، كېچىلىرى قىيامدا تۇرسام، زاكات بەرسەم ۋە شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسام قانداق بولىدۇ؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:مۇشۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى سەمىمى-راستچىللار ۋە شەھىدلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ، دېدى.

    قەدىر كېچىسى ۋە ئۇ كېچىنى بېكىتىش:

   2-رامزاننىڭ كېچىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قەدىر كېچىسىدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسى(بۇ كېچىگە مۇۋاپىق كەلسە)ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

   3-كۈچلۈك قاراشلاردا قەدىر كېچىسى بولسا رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىدۇر، نۇرغۇن ھەدىسلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ ھەدىسلەردىن: زىر ئىبنى ھۈبەش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئۇ كىشىگە: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىل بويى قىيامدا تۇرغان كىشى قەدىر كېچىسىنى تاپىدۇ دەيدۇ دېيىلگەندە، ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ كىشىلەرنى بىر كۈنگە تايىنىۋالمىسۇن دېگەننى مەقسەت قىلىپتۇ، بىر ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قەدىر كېچىسى رامزاندا بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇ كېچىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى قىيامداتۇرۇشقا(ناماز ئوقۇشقا)بۇيرىغان، ئۇ كېچە بولسا رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىدۇر، ئۇ كېچىنىڭ ئالامەتلىرىدىن، ئۇ كۈنى ئەتتىگەندە قۇياش ئاپپاق، نۇرسىز چىقىدۇ دەپ بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلغان.

    تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت شەكىلدە ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلىشى:

    كېچە نامىزى رامزاندا جامائەت بولۇپ ئوقۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، جامائەت شەكىلدە ئوقۇش يالغۇز ئوقۇغاندىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ نامازنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئوقۇغان ۋە بۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز رامزاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە روزا تۇتتۇق، رامزاندىن يەتتە كۈن قالغانغا قەدەر كېچىدە بىز بىلەن ناماز ئوقۇمىدى، رامزاندىن يەتتە كۈن قالغان كېچىسىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكۈچە بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، ئالتە كۈن قالغاندا چىقمىدى، بەش كۈن قالغان كېچىسىدە چىقىپ كېچىنىڭ يېرىمى ئۆتكىچە بىز بىلەن ناماز ئوقۇدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ كېچىدە بىزگە كۆپرەك ناماز ئوقۇپ بەرسىلە دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىر كىشى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ بىرگە قايتسا ئۇ كىشى ئۈچۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ دېدى، تۆتىنچى كېچىسى چىقمىدى، ئۈچىنچى كېچە قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنى، ئاياللىرىنى ۋە جامائەت توپلاپ بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، بىز سوھۇرلۇق ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىردۇرق، ئاندىن ئاينىڭ قالغان كېچىلىرىدە بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمىدى دېدى". بۇ ھەدىسنى ھەدىس ئالىملىرى كەلتۈرگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماسلىقىدىكى سەۋەپ:

5-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا ئوقۇيدىغان كېچىلىك نامىزىنىڭ ئۈممەتكە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ نامازنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئاينىڭ قالغان كېچىلىرىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇمىغان، بۇ توغرىدا بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان. شەرىئەت مۇكەممەل بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ ئەنسىرەش يوقالغان، ئۇ بولسىمۇ رامزاندا جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ئىدى، ئىلگىرىكى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى ھۆكۈم قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇ ھۆكۈمنى يولغا قويدى، بۇ ئەسەر بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا رىۋايەت قىلىنغان.

ئاياللار ئۈچۈن جامائەتنىڭ يولغا قويۇلىشى:

6-ئىلگىرى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلنغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ جامائەت نامىزىغا ھازىر بولىشى يولغا قويۇلغان، بەلكى ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئەرلەرنىڭ ئىمامىدىن باشقا ئايرىم بېكىتىپ بېرىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلغان ئەسەردە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ كىشىلەرنى جامائەت شەكىلدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا توپلىغاندا، ئەرلەرگە ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، ئاياللارغا بولسا سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ ھەسمەنى ئىمام قىلىپ بېكىتكەن. ئەرپەجە سەقەپى مۇنداق دەيدۇ: "ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامزاندا كىشىلەرنى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇپ، ئەرلەر ئۈچۈن بىر ئىمام ۋە ئاياللار ئۈچۈن بىر ئىمام قىلغان، مەن ئاياللارغا ئىمام بولغان ئىدىم".

    مېنىڭ قارىشىمدا، مەسچىت كەڭرى بولۇپ، بىر-بىرىگە تەشۋىش بولمايدىغان ئەھۋالدا شۇنداق قىلسا بولىدۇ.

تەراۋىھ نامىزىنىڭ (كېچىلىك نامازنىڭ)رەكەت سانى:

   7-تەراۋىھ نامىزى ئون بىر رەكەت بولۇپ، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلماسلىقنى تاللايمىز، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەنگە قەدەر ئون بىر رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمىغان. مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى نامىزى توغرىسىدا سورىسام، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: رامزاندا بولسۇن ياكى رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ گۈزەل شەكىلدە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتىدېدى. [بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان].

   8-ۋىتىر نامىزىنى ئەڭ ئاز بىر رەكەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن ۋە قىلغان.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردىن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قانچە رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى؟دەپ سورالغاندا، ئۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆت رەكەت ئوقۇسا ئۈچ رەكەت، ئالتە رەكەت ئوقۇسا ئۈچ رەكەت ۋە ئون رەكەت ئوقۇسا ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، يەتتە رەكەتتىن ئاز ۋە ئون ئۈچ رەكەتتىن زىيادە ۋىتىر ئوقۇمايتتى دېگەن.» [ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر ئوقۇشقا بۇيرىغان ئاغزاكى ھەدىسلىرىدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ۋىتىر ئوقۇش زۆرۈردۇر، خالىغان كىشى بەش رەكەت، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ۋە خالىغان كىشى بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن دېگەن.

    قىيامدا قانچىلىك مىقداردا قىرائەت قىلىش:

   9-كېچىلىك نامىزىدا رامزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوقۇيدىغان قىرائەتنى مۇنچىلىك زىيادە بولمىسۇن ياكى كەم بولمىسۇن دەپ بېكىتىپ بەرمىگەن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزىدىكى قىرائىتى ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقتا پەرقلىق بولاتتى، بەزى ۋاقىتتا بىر رەكەتتە مۇزەممىلنىڭ مىقدارىدا يىگىرمە ئەتراپىدا قىرائەت قىلاتتى، بەزى ۋاقىتتا ئەللىك ئايەت مىقدارىدا قىرائەت قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كېچىلىك نامازدا يۈز ئايەت قىرائەت قىلغان كىشى غاپىللارنىڭ قاتارىدىن يېزىلمايدۇ دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: كېچىلىك نامازدا ئىككى يۈز ئايەت قىرائەت قىلغان كىشى ئىخلاس بىلەن قىيامدا تۇرغانلارنىڭ قاتارىدىن يېزىلىدۇ، دېگەن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەللىك ھالىتىدىكى بىر كېچىدە يەتتە ئۇزۇن سۈرىنى ئوقۇغان، ئۇ سۈرىلەر: بەقەرە، ئالى ئىمران، نىسا، مائىدە، ئەنئام، ئەئراپ ۋە تەۋبىدىن ئىبارەت. (يەنى ئون پارە قۇرئان ئوقۇغان).

   ھۈزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان كېچىدىكى ۋەقەلىكتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر رەكەتكە بەقەرە ئاندىن نىسا ئاندىن ئالى ئىمراننى تەجۋىدلىك، ئالدىرىماي ئوقۇغان.

    سەھىھ ئىسناد بىلەن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رامزاندا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ئون بىر رەكەتتىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇغاندا، ئۇبەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى يۈز ئايەت مىقدارىدا قىرائەت قىلاتتى، كەينىدە تۇرغان جامائەتلەر قىيامدا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن ھاسىلىرىغا تايىنىۋالاتتى، ئۇلار تاڭ يورۇشتىن سەل بۇرۇن نامازدىن ياناتتى.

سەھىھ ئىسناد بىلەن ئىسپاتلانغان يەنە بىر ئەسەردە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامزاندا ئىمام بولىدىغان قارىلارنى چاقىرىپ، ئىتتىك ئوقۇيدىغانلارنى ئوتتۇز ئايەت، نورمال ئوقۇيدىغانلارنى يىگىرمە بەش ئايەت ۋە ئالدىرماي ئاستا ئوقۇيدىغانلارنى يىگىرمە ئايەتتىن قىرائەت قىلىشقا بۇيرىغان.

   شۇنىڭغا ئاساسەن، ئىنسان ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا ياكى ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان بولسا قىرائەتنى خالىغانچە ئۇزۇن قىلسا بولىدۇ، قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، لېكىن بەك چەكتىن ئاشۇرۇپ پۈتۈن كېچىنى قىيامدا ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ بەزى ۋاقىتتا شۇنداق قىلسا بولىدۇ، ئەڭ توغرا يول پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، ئەمما جامائەتكە ئىمام بولۇپ قالسا، جامائەتلەرگە مۇشەققەت بولمايدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتا نامازنى يەڭگىل ئوقۇسۇن، چۈنكى جامائەتنىڭ ئارىسىدا ياشانغانلار، كېچىكلەر، ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە ھاجەتمەنلەر بار، يالغۇز ئوقۇغاندا خالىغانچە ئۇزۇن ئوقۇسۇن

   كېچە نامىزىنىڭ ۋاقتى:

   10-كېچىلىك نامازنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن تاڭ يورۇغىچە يەنى بامداتنىڭ ۋاقتىغىچە بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇ ۋىتىر نامىزىدۇر، ۋىتىر نامىزىنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بامدات نامىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇڭلار.

    11-ئىمكانىيىتى بولغان كىشى ئۈچۈن ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان ياخشىدۇر، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن كىشى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋىتىر ئوقۇسۇن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرالايدىغان كىشى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر ئوقۇسۇن، چۈنكى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلغان ناماز شاھىت بولغۇچىدۇر ۋە ياخشىدۇر.

   12-ئەگەر كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە نامازنى جامائەت بىلەن كېچىنىڭ ئاخىرىدا يالغۇز ئوقۇيدىغان ئىش بولسا، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىگە كېچە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدىمۇ ساھابىلارنىڭ ئىشى شۇنداق بولغان،

ئابدۇرەھمان ئىبنى ئۇبەيدۇللا قارى مۇنداق دەيدۇ: رامزاننىڭ بىر كېچىسى مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىلەن بىرگە مەسچىتكە چىقساق، كىشىلەر بۆلەك-بۆلەك بولۇپ ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، بەزى كىشىلەر يالغۇز، بەزى كىشىلەر بىر قانچە كىشىگە ئىمام بولۇپ ئوقۇۋېتىپتۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاشۇ كىشىلەرنى بىر قارىنىڭ ئىماملىقىغا توپلاشنى ياخشى دەپ قارايمەن دېدى، ئاندىن شۇنداق قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى، ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا ئىمام قىلدى، يەنە بىر كېچىسى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقسام كىشىلەر بىر قارىغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋىتىپتىكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇ نېمە دېگەن ياخشى يېڭىلىق، ھازىر ناماز ئوقۇغانلاردىن ھازىر ئۇخلاپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇغانلار ياخشىدۇر دېدى.

   زەيد ئىبنى ۋەھەب مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رامزاندا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيتتى، كېچىدە نامازدىن قايتىپ كېتەتتى.

   13-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇشتىن چەكلىگەن، بۇنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاتماڭلار دېگەن ھەدىسى بولۇپ، ئۈچ رەكەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيدىغان كىشى ئۈچۈن بۇ ئوخشاشلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك يول بار:

   بىرى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ يەنە بىر رەكەت ئوقۇش بولۇپ، بۇ كۈچلۈك ۋە تاللانغان قاراش.

   يەنە بىرى: ئىككى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇتتا ئولتۇرماي، ئۈچ رەكەتنى بىر تەشەھھۈت ۋە بىر سالام بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر:

   14-سۈننەت بويىچە ئۈچ رەكەتلىك ۋىتىر نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە"سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا"نى، ئىككىنچى رەكەتتە "قۇل يائەييۇھەل كاپىرۇننى"، ئۈچىنچى رەكەتتە: قۇل ھۇ ۋاللاھۇ ئەھەد"نى ئوقۇش كېرەك، بەزى ۋاقىتتا ئۇ سۈرىلەرگە: قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس"سۈرىسىنى قېتىپ ئوقۇيدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ۋىتىر نامىزىنىڭ بىر رەكىتىدە نىسا سۈرىسىدىن يۈز ئايەت ئوقۇغان.

    قۇنۇت دۇئاسى:

   15-ۋىتىر نامىزىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇغا تەلىم بەرگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ، ئۇ دۇئا:"ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن، ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن، ساڭا شىرېك بولغۇچى يوقتۇر، سەن ئەزىز قىلغان خورلانمايدۇ، سەن خورلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۈغىسەن، سېنىڭ ئازابىڭدىن پەقەت سېنىڭ تەرىپىڭدىن باشقا تەرەپكە قۇتۇلۇش يوق" دېگەندىن ئىبارەت، بەزى ۋاقىتتا دۇئادىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللايدۇ، مەنىسى ساغلام، سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان دۇئالارنى قېتىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

   16-قۇنۇت دۇئاسىنى رۇكۇدىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ، رامزاننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش، ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپىرلارغا لەنەت ئېيتىشنى زىيادە قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدىكى ئىماملار شۇنداق قىلغان، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئۇبەيدۇللا قارىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسىنىڭ ئاخىرىدا: رامزاننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قارىلار كاپىرلارغا لەنەت قىلىپ دۇئا قىلاتتى، ئۇلار: ئى ئاللاھ! سېنىڭ يولۇڭنى توسقان، پەيغەمبىرىڭنى ئىنكار قىلغان، سېنىڭ ئازابىڭغا ئىشەنمىگەن كاپىلارغا لەنەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ پەيدا قىلغىن، دىللىرىغا قورقۇنچ تاشلىغىن، ئۇلارنى سېنىڭ دەرتلىك ئازابىڭغا دۇچار قىلغىن، ھەق پەرۋەردىگارىمىز دەيتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللايتتى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ، مۆمىنلەر ئۈچۈن كەچۈرۈم تەلەپ قىلاتتى. كاپىرلارغا لەنەت ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ، مۆمىن ئەر-ئاياللار ئۈچۈن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: "ئى ئاللاھ ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سېنىڭ ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى تىلەيمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، سېنىڭ ئازابىڭ ھەددىدىن ئاشقان كاپىرلارغا چۈشكۈچىدۇر"، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلاتتى.

    ۋېتىرنىڭ ئاخىرىدا قايسى دۇئانى ئوقۇيدۇ:

    17-سۈننەت بويىچە ۋېتىرنىڭ ئاخىرىدا سالامدىن ئىلگىرى ياكى سالامدىن كېيىن بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ: "ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭغا سېغىنىپ غەزىبىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭغا سېغىنىپ سېنىڭ ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ دوزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە ۋە سېنىڭ لايىقىڭدا سانا ئېيتىشتىن ئاجىزمەن".

   18-ۋىتىر نامىزىدىن سالام بەرگەن ۋاقىتتا: "سۇبھانە مەلىكۇل قۇددۇس دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم  ئاۋازىنى سۆزۇپ تەكرارلاپ، ئاخىرىدا ئۇنلۈك ئاۋازدا دەيدۇ.

    ۋېتىردىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش:

   19-ئەگەر خالىسا ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن بۇ سەپەر ئېغىر ۋە مۇشەققەتتۇر، سىلەر ۋىتىر ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن، ئويغۇنالىسا مەيلى بولمىسا ئۇنىڭغا شۇ ئىككى رەكەت كۇپايە قىلىدۇ.

   20-سۈننەت بويىچە ئىككى رەكەتتە: ئىزازۇلزىلەتۇل ئەردۇ بىلەن قۇل يائەييۇھەل كاپىرۇننى ئوقۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئەلبانىينىڭ"رامزاندا قىيامدا تۇرۇش" ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى