جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇلۇللاھنى ۋەسىلە قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ باتىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن: ئادەم ئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغان ۋاختىدا، ئى پەرۋەردىگارىم! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن مېنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى سورايمەن دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ئى ئادەم! مەن مۇھەممەدنى ياراتمىغان تۇرسام، سەن ئۇنى قانداق بىلىسەن؟ دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! سىلە مېنى ئۆز قوللىرى بىلەن يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ روھلىرىدىن ماڭا پۈدىگەن ۋاختىدا، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەرىشنىڭ تۇتقۇچىغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم، شۇنىڭدىن بىلدىمكى، سىلە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىغا سىلە ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كىشىنىڭلا ئىسمىنى قوشىلا دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئى ئادەم! راست ئېيتتىڭ، مۇھەممەد ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن ماڭا دۇئا قىلساڭ، مەن سېنىڭ خاتالىقىڭنى ئەپۇ قىلىمەن، مۇھەممەد بولمىغان بولسا سېنى ياراتمايتتىم دەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ توقۇلما ھەدىس، بۇ ھەدىسنى ھاكىم ئابدۇللاھ ئىبنى مۇسلىم پىھرىدىن كەلگەن ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بىزگە ئىسمائىل ئىبنى مەسلەمە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ئۆزىنىڭ دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن، چوڭ دادىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن خەۋەر بەردى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغان ۋاختىدا...ھەدىسنى سوئالدا بايان قىلىنغان بويىچە زىكىر قىلدى، ھاكىم بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېدى.

ھاكىم شۇنداق دېگەن، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھاكىمنىڭ بۇ سۆزىنى تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ مۇشۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەدىسنى باتىل، توقۇلما دەپ ھۆكۈم قىلغان، ھاكىمنىڭ ئۆزىدىمۇ مۇشۇ ھەدىس توغرىسىدا زىتلىق بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆلىمالارنىڭ ئاشۇ ھەدىس توغرىسىدىكى بەزى پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىمىز:

ئىمام زەھەبى ھاكىمنىڭ يۇقىرىدا دېگەن سۆزىگە ئۇلاشتۇرۇپ: بۇ ھەدىس توقۇلما، راۋىلاردىن ئابدۇراھمان ئاجىز-زەئىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇسلىم پىھرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن دەيدۇ.

ئىمام زەھەبى يەنە "مىزانىل ئىئتىدال"دا بۇ خەۋەر باتىل دەيدۇ. بۇ قاراشنى ھاپىز ئىبنى ھەجەر"لىسانۇل مىيزاندا"تەستىقلىغان.

بەيھەقى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم مۇشۇ ئىسنادتىن يالغۇز رىۋايەت قىلغان، ئۇ زەئىپ-ئاجىز راۋى. بۇ قاراشنى ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بىدايە ۋەننىھايە 2-توم 323-بەتتە تەستىقلىغان.

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئاجىز ھەدىسلەر توپلىمى25-تومدا توقۇلما دېگەن. ھاكىمنىڭ ئۆزىمۇ-ئاللاھ ئۇ كىشى ئەپۇ قىلسۇن-ئابدۇراھمان ئىبنى زەيدنى ھەدىس توقۇيدۇ دەپ ئەيىپلىگەن تۇرۇغلۇق، ئۇنىڭ ھەدىسى قانداقمۇ سەھىھ بولىدۇ؟.

ئىسلام پىشېۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ" قائىدەتۇل جەلىيلە پىتتەۋەسسۇل ۋەل ۋەسىلە"ناملىق ئەسەرنىڭ 69-بىتىدە مۇنداق دېگەن: ھاكىمنىڭ بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلىقى ئىنكار قىلىنىدۇ، چۈنكى ھاكىمنىڭ ئۆزىمۇ: "زەئىپ ھەدىستىن سەھىھ ھەدىسنى ئايرىشقا كېرىش" ناملىق ئەسىرىدە، ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ئۆزىنىڭ دادىسىدىن توقۇلما ھەدىسلەرنى بايان قىلىدۇ دېگەن. ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملىرىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئويلانغا كىشىگە ئۇنىڭ سۈپىتى مەخپى قالمايدۇ، مەن: ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن زەئىپ، خاتالىقى كۆپ راۋى دەيمەن.

شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ئاجىز ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 38-47-بەتلىرىگە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى