شەنبە 8 سەپەر 1442 - 26 سىنتەبىر 2020
Uygur

رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىنساننىڭ ئۆزىگە رۇقىيە ئوقۇشنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟، بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟، ئۆزىگە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇغاندا نېمە دەپ ئوقۇيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   1-مۇسۇلمان كىشى ئۆزىگە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بەلكى سۈننەت بولغان ياخشى ئىشلاردىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بەزى ساھابىلەرمۇ ئۆزىگە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:  ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۆزىگە ئىككى پاناھلىق تىلەش دۇئاسىنى ئوقۇپ سۈپلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، مەن ئوقۇپ بۇنىڭ بەرىكىتىنى ئۈمىد قىلىپ، قولۇم بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى سىلايتتىم. [بۇخارى رىۋايىتى 4728-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2192-ھەدىس].

    مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 220-ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەتكە ھېسابسىز ۋە ئازابسىز كېرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇلار رۇقىيە ئوقۇمايدۇ، رۇقىيە ئوقۇشنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلاردۇر.

    ھەدىستىكى"ئۇلار رۇقىيە ئوقۇمايدۇ"دېگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن سۆزى بولماستىن بەلكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى راۋىيلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ 5420-نومۇرلۇق ھەدىستە، بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندا "ئۇلار رۇقىيە ئوقۇمايدۇ" دېگەن سۆزنى زىكىر قىلمىغان،

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن يەنى باشقىلاردىن دۇئا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ماختالدى، يەنە بىر رىۋايەتتە "رۇقىيە ئوقۇمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان بۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ۋە ئۆزلىرىگە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇشى ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قوياتتى، ئەمما باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلمايتتى، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويۇش بۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشتۇر، ھەقىقەتەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ مەقسەتلىرىنى سورايتتى، دۇئا قىلاتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلدى". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 1-توم 182-بەت].

    رۇقىيە ئوقۇش مۆمىن-مۇسۇلمان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك بولغان كاتتا دۇئالارنىڭ بىرىدۇر.

   2- مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا رۇقىيە ئوقۇپ قويۇشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان دۇئالار كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ كاتتىسى"پاتىھە سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىسىدىن ئىبارەتتۇر.

    ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر سەپەر جەريانىدا ئەرەبلەرنىڭ مەھەللىسىدىن بىر مەھەللىگە چۈشتى، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلار مېھمان قىلىشقا ئۇنىمىدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ مەھەللىنىڭ باشلىقىنى يىلان چېقىۋالدى، كۆپ ئاماللارنى قىلسىمۇ ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىدى، بەزىلەر: مەھەللىگە يېقىن جايغا چۈشكەن مېھمانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ باقايلى، بەلكىم ئۇلارنىڭ يېنىدا مەنپەئەتلىك نەرسە تېپىلىپ قالار دېيىشىپ، بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى جامائەت! بىزنىڭ خوجايىنىمىزنى يىلان چېقىۋالدى، بارلىق ئامال چارىلەرنى قىلىپ باقتۇق پايدىسى بولمىدى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرەر كىشى بۇنىڭ ئامالىنى قىلالامدۇ؟دېدى، جامائەتتىن بىر كىشى: ھەئە، بۇنىڭ ئامالى بار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!مەن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويىمەن، لېكىن بىز سىلەردىن بىزنى مېھمان قىلىشنى تەلەپ قىلساق، سىلەر مېھمان قىلمىدىڭلار، مەن سىلەرنىڭ مەھەللە باشلىقىغا بىكارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويمايمەن، سىلەر بۇنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسە بېرىشىڭلار كېرەك دەپ ئاخىرى دۇئا ئوقۇپ بەرگەننىڭ بەدىلىگە بىر پادا قوي بېرىدىغانغا كېلىشتى، ئۇ كىشى بېرىپ يىلان چېقىۋالغان كىشىنى سۈپلەپ، ئۇنىڭغا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن يىلان چېقىۋالغان كىشى كېسەللىكتىن يېشىلىپ ساق ئادەمدەك مېڭىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ دېيىشكەن بىر پادا قوينى بەردى، ئۇ كىشى قوينى ھەيدەپ كەلگەندە، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى بۇنى ئارىمىزدا تەقسىم قىلايلى دېيىشتى، رۇقىيە ئوقۇغان كىشى: ياق ھازىر تەقسىم قىلمايمىز ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇنى سوراپ ئاندىن تەقسىم قىلىمىز دېدى، ئۇلار مەدىنىگە كەلگەندە بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: پاتىھە سۈرىسىنىڭ رۇقىيە دۇئاسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ دېدى، ئاندىن توغرا ئىش قىلىپسىلەر، ئۆز ئارا تەقسىم قىلىڭلار، ماڭىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بىر ئۆلۈش تەقسىم قىلىڭلار دەپ كۈلۈپ كەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2156-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2201-ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقسىز بولۇپ قالغاندا، ئۆزىگە پاناھلىق تىلەش سۈرىسىنى ئوقۇپ سۈپلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، مەن ئوقۇپ ئۇنىڭ بەرىكىتىنى ئۈمىد قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى سىلاپ قوياتتىم دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 4175-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2192-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە: يەڭگىل تۈكۈرگەندەك سۈپلەيتتى دېگەن". [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 2192-ھەدىس].

   ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالاردىن: ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپ ئۆزىدە بىر خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بەدىنىڭدىكى ئاغرىغان جايغا قولۇڭنى قويۇپ: ئۈچ قېتىم بىسمىللا، يەتتە قېتىم: ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە قۇدىرتى بىلەن مەن ئەنسىرىگەن ۋە بەدىنىمدە تاپقان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن دېگىن، دېدى. تىرمىزى بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ2080-ھەدىستە، ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن شۇنداق قىلدىم، ئاللاھ تائالا مەندە بولغان ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتتى، مەن دائىم ئائىلەمدىكىلەرنى ۋە باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىمەندەيدۇ. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1696-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەسەن بىلەن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پاناھلىق تەلەپ قىلىش دۇئاسى ئوقۇپ: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ چوڭ داداڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسھاق ئەلەيھىسسالامغا پاناھلىق تەلەپ قىلىش دۇئاسىنى ئوقۇپ: ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى يەنى قۇرئان كەرىم بىلەن كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، چەرەندە-پەرەندىلەرنىڭ زەھىرىدىن ۋە بارلىق قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 3191-ھەدىس

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى