قىز تەرەپنىڭ ۋەلىسى ھازىر بولسا ۋە گۇۋاھچىلار بولسا ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىپ توي قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سوئال 348783

مەن ئىنتېرنېتتە ئۆزىنى ئەھلى سۈننەت دەپ قارىدىغان بىر كىشىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇۋاتاتتىم، كېيىن بۇ شۈبھىنىڭ ئەسلىدە شىئەلەردىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇتئە نىكاھىنى، ئەگەر ئادىل گۇۋاھچىلار بولسا قوبۇل قىلاتتى"، دېدى.  بۇنىڭغا ئۇ مۇنداق بىر رىۋايەتنى دەلىل قىلدى:

"نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر مۇتئە قىلىدۇ، ئەمما ئادىل گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرمەيدۇ؟ ئەگەر بۇنى ئېنىق بايان قىلمىسا، مەن ئۇنى جازالايمەن".  ئەلۋەتتە، بۇ رىۋايەت زەئىپ بولۇپ، ئىچىدە نامەلۇم راۋى بار.

ئۇ يەنە مۇسەننىپ ئابدۇرەززاقتىن بايان قىلىنغان بىر رىۋايەتنىمۇ دەلىل قىلدى، پەقەت بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا ئېلىپ:

"ئىبنى جۈرەيجتىن ۋە ئەتادىن بايان قىلىنىدۇكى، مەن مۇتئەنى ئەڭ بۇرۇن سەپۋان ئىبنى يەئلادىن ئاڭلىدىم، ئۇ ماڭا يەئلادىن خەۋەر قىلدىكى: ئەمىر ئىبنى ھۇرەيس بىر ئايال بىلەن) ۋاقىتلىق نىكاھ( مۇتئە قىلدى، جابر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى ئاتىغان ئېدى، ئەمما مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم. كېيىن ئۇ ئايال ھامىلدار بولدى.  بۇ ئىش ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يەتتى، ئۆمەر ئۇ ئايالنى چاقىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى سورىدى.  ئايال: "ھەئە، شۇنداق بولغان دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، ئۆمەر: «كىم گۇۋاھ بولدى؟» دەپ سورىدى. ئەتا مەن بىلمەيمەن دېدى، ئۇ ئايال:  "ئانام ياكى ئانامنىڭ ۋەلىسى بولۇشى مۇمكىن" دېدى.  ئۆمەر:  «نېمە ئۈچۈن باشقىلار گۇۋاھ بولمىدى؟» دېدى.  ( يەنە بىر رىۋايەتتە)  "ئۇ باشقىلاردىن بۇزۇقچىلىق بولۇشىدىن قورققان" دېيىلدى. " بۇ ئىسناد سەھىھ، چۈنكى ئىبنى جۈرەيج ئەتادىن تەدلىس  قىلىپ بايان قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ يەردە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ :  "كىم گۇۋاھ بولدى؟" دەپ سورىغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇنىڭغا كۆرە، ئۇ بۇ ئىشنى ئىنكار قىلمىغان.

شۇڭا سوئال تۇغۇلدى:  بۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ گۇۋاھچىلار بولسا مۇتئە نىكاھنى جايىز دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟

لېكىن بۇ قاراشقا قارشى بىر نەچچە دەلىل بار:

بىرىنچىسى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇتئەنى ئۈچ قېتىم رۇخسەت قىلدى، كېيىن ئۇنى ھارام قىلدى. ئاللاھقا قەسەم، مەن بىلىدىغان ھەرقانداق كىشى، نىكاھلىق ھالىتىدە مۇتئە قىلسا، مەن ئۇنى تاش بىلەن رەجم قىلىمەن، پەقەت ئۇ ماڭا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ھارام قىلغاندىن كېيىن يەنە ھالال قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ".

بۇنىڭغا ساھابىلاردىن سەبرە ئىبنى مەبەدنىڭ قىلغان ئىشى قارشى كېلىدۇ، ئۇ ساھابى ئۆمەرنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئېدى، ئۇ كىشى مەككە پەتھى بولغاندا نىكاھى مۇتئە قىلىپ ئۇنىڭغا ھېچ بىر گۇۋاھچى ياكى ۋەلى كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلمىغان.

سوئالىم: ئۇنداقتا، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ گۇۋاھچى بولسا مۇتئە نىكاھىنى جايىز دەپ قارىغانمۇ؟ چۈنكى ئۇ مۇسەننىپ ئابدۇرەززاقتا بايان قىلىنغان ئەسەردە: بۇنى ئىنكار قىلمىدى، پەقەت گۇۋاھچىلارنى سورىدى؟. يەنە: باشقىلاردىن بۇزۇقچىلىق بولۇشىدىن قورققان دېگەن.

قىسقىچە جاۋاپ

مۇتئە نىكاسى دېگەن: ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، بۇنداق قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە چەكلەنگەن ھارام، باتىل نىكاھتۇر، بۇ ۋەلى ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن بولسۇن ياكى ۋەلىيسىز، گۇۋاھچىسىز بولسۇن ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

- مۇتئە نىكاسى- ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ھۆكمى.

مۇتئە نىكاسى دېگەن: ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، بۇنداق قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە چەكلەنگەن ھارام، باتىل نىكاھتۇر، بۇ ۋەلى ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن بولسۇن ياكى ۋەلىيسىز، گۇۋاھچىسىز بولسۇن ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 7-توم 178-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇتئە-ۋاقىتلىق نىكاھ توغرا بولمايدۇ". ۋاقىتلىق نىكاھ دېگەن: ئايال بىلەن مەلۇم مۇددەت بىرگە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن بىر ئادەم: مەن قىزىمنى ياكى ھەمشىرەمنى سىزگە بىر ئايا ياكى بىر يىل ياكى مەۋسۇم ئاخىرلاشقىچە ياكى ھاجىلار قايتىپ كەلگۈچە نىكاھلاپ قويىمەن دېسە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلسا، مۇددەتنى ئېنىق بىكىتسۇن ياكى ئېنىق بىكىتمىسۇن، بۇ شەكلىدە قىلىنغان نىكاھ باتىلدۇر، ئىمام ئەھمەدمۇ بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلىپ: "مۇتئە-ۋاقىتلىق نىكاھ ھارامدۇر' دېگەن. مانا بۇ، ئومۇمى ساھابىلار ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

ساھابىلاردىن: ئۆمەر، ئەلىي، ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى زۇبەير قاتارلىقلاردىن: مۇتئە-ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر بايان قىلىنغان.

ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىك، مەدىنە ئەھلى، ئىراق ئەھلىدىن ئەبۇ ھەنىپە، شام ئەھلىدىن ئەۋزائىي، مىسىر ئەھلىدىن لەيسى، شاپىئى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرىدىن مۇتئە-ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر بايان قىلىنغان.

  -سوئالدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن دەپ  بايان قىلىنغان ئەسەرنىڭ مەنىسىنى توغرىلاش.

ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەرگە كەلسەك، بۇنى ئابدۇرەززاق "ئەل مۇسەننىپ" 14021- تە، يەئلادىن بايان قىلىنىدۇكى، مۇئاۋىيە تائىپتا بىر ئايال بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھ قىلدى، ئايال مۇئاۋىيەنىڭ بۇ ئىشنى رەت قىلغان، بىز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېرىپ ئارىمىزدىن بىرى بۇ ئىشنى بايان قىلغان ئېدى، ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا: شۇنداق، بۇنىڭغا مېنىڭ كۆڭلۈممۇ قانائەت قىلمايدۇ دېدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قايتىپ كەلگەندە، بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كېرىپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىشلارنى سورىدۇق، ئاندىن ۋاقىتلىق نىكاھ توغرىسىدا سۆز بولغان ئېدى، جابىر: شۇنداق، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەبۇ بەكىرنىڭ، ئۆمەرنىڭ دەۋرىدىمۇ ۋاقىتلىق نىكاھ قىلاتتۇق، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئەمىر ئىبنى ھۈرەيس بىر ئايال بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھ قىلدى، (جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى ئاتىغان ئېدى لېكىن مەن ئۇنتۇپ قالدىم). كېيىن ئۇ ئايال ھامىلدار بولدى. بۇ ئىش ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يەتتى، ئۆمەر ئۇ ئايالنى چاقىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى سورىدى. ئايال: "ھەئە، شۇنداق بولغان دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، ئۆمەر: «كىم گۇۋاھ بولدى؟» دەپ سورىدى. ئەتا مەن بىلمەيمەن دېدى، ئۇ ئايال: "ئانام ياكى ئانامنىڭ ۋەلىسى بولۇشى مۇمكىن" دېدى. ئۆمەر: «نېمە ئۈچۈن باشقىلار گۇۋاھ بولمىدى؟» دېدى. ( يەنە بىر رىۋايەتتە) "ئۇ باشقىسىدىن خىيانەت بولۇشىدىن قورققان" دېيىلدى.

ئىبنى ئابدۇل بەر "ئەتتەمھىيد" 10-توم 114-بەتتە : " ئۇ ئايال: "ئانام ۋە ئانامنىڭ ئوغلى ياكى ئانامنىڭ قېرىندىشى ۋە ئوغلى بولۇشى مۇمكىن" دېدى. ئۆمەر: «نېمە ئۈچۈن باشقىلار گۇۋاھ بولمىدى؟» دېدى ۋە بۇنداق قىلىشتىن چەكلىدى دېگەن مۇنۇ لەۋزى بىلەن ئابدۇرەززاققا نىسبەت بەردى.

ئىمام مۇسلىمدا بايان قىلىنغان 1405- ھەدىستە: ئەبۇ زۇبەير مۇنداق دەيدۇ، مەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە خورما ۋە ئۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىش بەدىلىگە بىر قانچە كۈنلۈك نىكاھ قىلىپ توي قىلاتتۇق، ھەتتا ئەمىر ئىبنى ھۈرەيسنىڭ ئىشى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشتىن چەكلىدى». كۆرۈنۈشتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئىشنىڭ ھارام زىنا ياكى ۋاقىتلىق نىكاھ ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن گۇۋاھچىلار ۋە ۋەلى بارمۇ دەپ سورىغان، بۇنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: "باشقىلاردىنمۇ بۇزۇقچىلىق بولۇشىدىن قورققان دېگەن سۆزى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نىكاھ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندا، ئۇنىڭدىن چەكلىگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: "ئۇلاردىن باشقا گۇۋاھچى تىپىلمىدىمۇ؟ دېگەن سۆزى، ئايالنىڭ نىكاھتا گۇۋاھچى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئەسەردە ھەرگىزمۇ ئىككى ئەر كىشى ياكى باشقا گۇۋاھچىلار بولسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاقىتلىق نىكاھنى دۇرۇس دېگەنلىكى ئىپادىلەنمەيدۇ، لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى سوراش ئارقىلىق زىنادىن ۋاقىتلىق نىكاھنى ئايرىش ۋە ئۇلارغا نىكاھنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ گۇۋاھچى بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە توغرا شەكىلدىكى نىكاھقا باشلاپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 20738 - 226919 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

توغرا بولمىغان نىكاھلار

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android