پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ بەد دۇئاسى بىلەن ئېزىپ كەتكەن كىشىنىڭ توغرا يول تېپىشى مۇمكىن بولامدۇ؟

سۇئال

    ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان بەد دۇئاسىنى قايتۇيۋېتەلەيمىزمۇ؟ بەش ۋاقىتنى نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىدىغان، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن دەپ بەد دۇئا قىلىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ياش نامازمۇ ئوقۇمايدىغان، ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىمۇ ياقتۇرمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، ئاتا-ئانىسى بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ، ئۇ بالىغا ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ھەتتا بەشىنچى قېتىممۇ بەد دۇئا قىلىپتۇ، دادىسى بەد دۇئا قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىكەن، لېكىن بەك ئاچچىغى كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بۇنداق دۇئا قىلىش ئۇ كىشىگە ئادەت بولۇپ قاپتۇ، قايسى تۈردىكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇئانى قايتۇرۇشقا قادىر بولالايمىز؟، بىلىشىمىزچە ئۇ بەك ياخشى بالا ئىدى، ئەپسۇس ھازىر ئۇنىڭدىن ھېچ پايدا يوق، ئۇنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، چۈنكى ئۇنىڭدا ھازىر ئىسلامدىن دەپ قارىلىدىغان ھېچ نەرسە قالمىدى؟. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن، قۇياش غەرىپتىن چىققۇنچە قەدەر تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر . ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇياش مەغرىبتىن چىقىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2703-ھەدىس].

     ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى ئۇ كىشى سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغان بولسىلا قوبۇل قىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 3537-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى"ھەسەن، غەرىب "دېگەن].

     ئاللاھ تائالا بارلىق خاتالىقلاردىن قىلىنغان تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ يَاعِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن)ئېيتقىنكى،«(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن(خالىغان ئادەمنىڭ)جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرى زۇمەر 53-ئايەت].

    ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قۇياش مەغرىبتىن چىققانغا قەدەر كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كېچىسى ۋە كېچىدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۈندۈزى قولىنى يايىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2759-ھەدىس].

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەۋبىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، نائۈمىد بولىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ  تەرجىمىسى: «ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» [سۈرە يۈسۈپ 87-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَالَ وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ  تەرجىمىسى:«ئىبراھىم: پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلار دىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟دېدى» [سۈرى ھىجىر 56-ئايەت].

     ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلىنىش چوڭ گۇناھتۇر. پۇزالەتە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ ئەھۋالىنى سورىما(ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بەك خەتەرلىك)،بىرى ئاللاھنىڭ كاتتىلىق ۋە ئىززەتتىن ئىبارەت ئىككى سۈپىتىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدا شەكلەندى، ئاخىرقى بىرى بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى39-توم 368-بەت، مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"2-توم 81-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش ۋە ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىدىن ئۈمىتسىزلىنىش". تەبرانى "ئەل مۆجەم كەبىر" 9-توم 79-بەتتە بايان قىلغان، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 5-توم 79-بەتتە كەلتۈرگەن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ ياشنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىشىڭلار، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن نەسىھەت قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىشىڭلار كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ:«ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» [سۈرە نىسا 32-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە قىلىنغان بەد دۇئا سەۋەبىدىن ئۇ كىشىنى بەخىتسىز دەپ پۈتىۋېتىدۇ، ۋە يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنغان دۇئانىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن بۇ بەختسىزلىكنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.

    پەرزەنتلىرىگە بەد دۇئا قىلىش ۋە بۇنىڭدىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا 90178  - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    مۇشۇ ياشنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مۇھىم بولىغىنى: بۇ بالىنىڭ ھىدايەت يولىغا قايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن دۇئا قىلىشى، ئۇنىڭغا ياخشى سۆز ۋە ۋەز-نەسىھەت سەۋەبلىرىنى قىلىشى، ئۇنىڭغا ياخشى ئىشتا ياردەم بېرىدىغان، ئەسلىتىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان ۋە تەۋبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئوقۇپ بېرىدىغان سالىھ كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىش كېرەك بولىدۇ.

     ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ نەسىھەت قىلىش، بەد دۇئا قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، شەرىئەتنىڭ مۇئمىنگە لەنەت ئېيتىپ دۇئا قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى، مۇئمىننىڭ باشقىلارغا لەنەت قىلىدىغان، تەنە قىلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى، لەنەت ئېيتىشنىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولىدىغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

     گەرچە مۇئمىن خاتالاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا لەنەت قىلىش چوڭ گۇناھتۇر، مۇئمىنلاردىن خاتالاشقان مۇئەييەن كىشىگە لەنەت قىلىش توغرا بولمايدىغان تۇرسا، ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە لەنەت ئېيتىش قانداقمۇ توغرا بولسۇن؟!!!.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى