پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئادىللىق ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتىمۇ ياكى پىئلىي سۈپىتىمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

   ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىق دېگەن سۈپىتى  زاتىدىكى سۈپەتمۇ ياكى پىئلىدىكى سۈپەتمۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالاغا ئادىللىق دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاش. 

   بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئادىللىق دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغان كىشى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئادىللىق قىلمىسا، كىم ئادىللىق قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3150-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1062-ھەدىس].

   ئاللاھنىڭ سۆزىمۇ ئادىللىق دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر.» [سۈرە ئەنئام 115-ئايەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئادىللىق ئاللاھ تائالانىڭ پىئلىدكى، سۆزىدىكى ۋە مىزاندىكى سۈپىتىدۇر".

    بۇ مەنادا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئۇ كىشى ھەر قاچان ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان زىكىر-ئىلىم سورۇنىدا ئولتۇرسا "ئاللاھ تائالا ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، بۇنىڭدا شەك قىلغۇچىلار ھالاك بولدى" دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4611-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

   ئاللاھ تائالانىڭ ئادالات دېگەن سۈپىتى بولسا زاتى سۈپەتتۇر.

  ئادالەت دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتى بولۇپ، زاتى سۈپەتنى بېكىتىش مۇنداق بولىدۇ: ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن، ھەر ۋاقىت ۋە دائىم ئادىللىق بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، ئادالەت ۋە ئادىللىق بولسا سۈپەت ساھىبىدا ئەزەلدىن مەڭگۈ بولىدىغان سۈپەتتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاتى سۈپەت دېگەن: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئەزەلدىن، مەڭگۈ ئىسپاتلانغان مەنىۋىي سۈپەتتۇر، بۇ ھايات، ئىلىم، قۇدرەت، ئاڭلاش، كۆرۈش، ئىززەت، ھېكمەت ۋە بۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەرگە ئوخشاشتۇر. زاتى سۈپەتلەر كۆپتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى زاتى سۈپەت دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن ئەبەدى بۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر. بۇ سۈپەتلەر ئاللاھنىڭ زاتىدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ". ["شەرھى ئىسپىرانىيە" 155-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى