سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پوركىستا تىجارەت قىلىدىغان شىركەتكە مەبلەغ سېلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ئۇنىڭدىن زاكات قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

360987

تارقاتقان ۋاقىت : 28-03-2022

كۆرگۈچىلەر : 1034

سۇئال

مەن ئۈچ يىلدىن بىرى پوركىس شېركەتلىرىدىن بولغان ئىشەنچلىك  بىر شىركەتكە شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىسلامى پرىنسىپ بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز دېگەن سۆزىگە ئاساسەن  تىجارەت ئۈچۈن تۆت مىڭ(4000$) دوللار مەبلەغ سالدىم، شىركەت بۇ مەبلەغنى بىر قانچە پاي چېكىگە قاتتى، ھەر بىر پاي چېكىنىڭ قىممىتى مىڭ دوللار، ھەر تۆت ئايدا شىركەت پايدىنى تەقسىم قىلىدۇ، شىركەت پايدىدىن 20% ئالىدۇ، قالغانلىرىنى مەبلەغ سالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىچە قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر باشقىچە قاراش بولۇپ قالسا، شىركەتتىن تاپشۇرۇپ ئالغان پايدىنى قانداق قىلىمەن؟ ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمەن؟ زاكاتتا ئومۇمى مالغا يىل توشۇش كېرەك بولغاندەك، ئالغان پايدىغىمۇ يىل توشۇشى كېرەكمۇ؟.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  

پۇل سودىسىغا شەرت بىلەن مەبلەغ سىلىش توغرا بولىدۇ.

شىركەت  پۇل سودىسىدا شەرئى پرىنسىپقا مۇۋاپىق تىجارەت قىلسا، بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالسا بولىدۇ.

   پۇل سودىسىدا مۇنداق شەرتلەر شەرت قىلىنىدۇ:

1 -شىركەت مالىيەنى كۆتۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشى ۋە پەقەت ئىگە بولغان مېلى بىلەن تىجارەت قىلىشى كېرەك.

2 - پۇل تىجارىتىدە تاپشۇرۇپ ئىلىش ئەمەلىيلىشىشى كېرەك، سودا قىلغان ئورۇندا ساتقۇچىنىڭ ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ ھېسابىغا پۇل كىرىشى كېرەك.

3 -تىجارەتتە چەكلەنگەن سودىلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

دېگەن 269079 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: شىركەت 20% پايدىنى ئالىدىغان، قالغان پايدىنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئالىدىغان نىسبەت بىلەن پۇل سودىسى قىلىش ئۈچۈن شىركەتكە مەبلەغ سالسا بولىدۇ.

   ئۈچىنچى:  

مالنىڭ زاكىتىنى قانداق ھېسابلاش.

    زاكات مالدا ۋە ئالغان پايدىغا يىلدا بىر قېتىم پەرىز بولىدۇ، ئەمما مال دېگەن شىركەت ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىدىغان پۇل بولۇپ، پۇلدىن پۇلغا ئالمىشىپ تۇرىدۇ، پايدا بولسا ئەسلى سەرمايىگە ئەگىشىدۇ.

   بىر كىشى دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "مېنىڭ ئون بەش مىڭ رىيال(15000) پۇلۇم بار ئىدى، ئۇنى بىر كىشىگە پايدىنى تەڭ ئېلىش شەرتى بىلەن تىجارەتكە بەردىم، مۇشۇ مالغا زاكات كېلەمدۇ؟ ئەسلى سەرمايىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىزمۇ ياكى پايدىنىڭمۇ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىزمۇ؟ ئەگەر ئەسلى سەرمايىگە زاكات كىلىدىغان بولسا، بىز ئۇنىڭغا جايناماز، گىلەم قاتارلىق ماللارنى سېتىۋالغان، بۇ ھالەتتە بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان تىجارەتكە تەييارلىغان مالدا  ھەر يىلدا بىر قېتىم زاكات پەرىز بولىدۇ، يىل توشقاندا ئەسلى سەرمايە بىلەن ئالغان پايدىنى قېتىپ زاكات بېرىلىدۇ، ئەگەر پۇلغا تىجارەت ماللىرى سېتىۋېلىنغان بولسا، يىل توشقاندا سېتىۋېلىنغان ماللارنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى باھاسىنى ھېسابلاپ پايدا ۋە ئومۇمى سەرمايىنى قېتىپ يۈزدە ئىككى يىرىم پىرسەنتتىن زاكات ئايرىلىدۇ." ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"9 -توم 356-بەت].

    پەتىۋا بەرگۈچىلەر: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز. شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىيپى. شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان.

    تۆتىنچى:

مالىيەنى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى.

    شىركەت مالىيەنى كۆتۈرمەكچى بولسا ياكى ھارام پۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇنداق شىركەتكە كىرىش توغرا بولمايدۇ، مەبلەغنى دەرھال قايتۇرۇپ ئېلىش بىلەن بىرگە تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا زاكات ئەسلى سەرمايىگە بولىدۇ، ئۇنىڭغا قېتىلغان ھارام پايدىغا كەلمەيدۇ، ھارام پايدىدىن تىزدىن قۇتۇلۇپ كېتىش كېرەك، ئەمما ئىنسان بۇنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەي ئىشلەتكەن بولسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى