سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

قۇربانلىقتىن بولغان مەقسەت نېمە؟ ئۇ ۋاجىپمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

قۇربانلىق: قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان چارۋىلاردۇر.

ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن يولغا قۇيولغان ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىدىندۇر.

قۇرئاندىكى دەلىلى:

1-      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ تەرجىمىسى: رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. [سۈرە كەۋسەر: 2-ئايەت].

2-      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّ صَلاَتِى وَنُسُكِى وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِى للَّهِ رَبِّ الْعَـلَمِينَ * لاَ شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَاْ أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت-ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردەگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇر ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن. [سۈرە ئەنئام 162-163-ئايەتلەر]. 

3-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا لِّيَذْكُرُواْ اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِّن بَهِيمَةِ الاَنْعَـامِ فَإِلَـهُكُمْ إِلَـهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُواْ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ تەرجىمىسى: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن. [سۈرە ھەج 34-ئايەت].

سۈننەتتىكى دەلىلى:

1- ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشى ئاق، باشقا يىرى قارا ئىككى قوچقارنى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلدى، ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىدى، تەكبىر ئېيتتى، پۇتىنى قوينىڭ يان تەرىپىگە قويدى دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5558-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 1966-ھەدىس].

2-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇربانلىق قىلىپ ئون يىل تۇردى. [ئەھمەد رىۋايىتى 4935- ھەدىس ۋە تىرمىزى رىۋايىتى1507-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "مىشكاتىل مەسابىھ"ناملىق ئەسەر 1475-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ باھا بەرگەن.

3-ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ئارىسىدا قۇربانلىق ئۇلاغلارنى تەقسىم قىلدى، ئۇقبەگە ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان بىر ئوغلاق چىققان ئىدى، ئۇقبە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان ئوغلاق قاپتۇ،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5547-ھەدىس].

4-بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان كىشى قۇربانلىقنى تولۇق ئادا قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولى بىلەن ئىش قىلغان بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5545-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلدى، ئۇنىڭ ساھابىلىرىمۇ قۇربانلىق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىقنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قۇربانلىقنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى، نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇنى نەقىل قىلدى.

ئۆلىمالار: قۇربانلىق تەكىتلەنگەن سۈننەتمۇ ياكى تاشلاشقا بولمايدىغان ۋاجىپمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ھەر خىل قاراشتا بولدى.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار قۇربانلىقنى تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ قارىدى. بۇ شاپىئىنىڭ مەزھىبى، مالىك ۋە ئەھمەدنىڭمۇ بۇ قاراشتا ئىكەنلىكى مەشھۇر.

باشقا ئۆلىمالار قۇربانلىقنى ۋاجىپ دەپ قارىدى، بۇ ئەبۇ ھەنىپىنىڭ مەزھىبى ۋە ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەت. ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ: "بۇ مالىكى مەزھىپىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرى ياكى مالىكى مەزھىبىنىڭ ئېنىق قارىشى" دېگەن. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "قۇربانلىق ۋە مال بوغۇزلاش ئەھكاملىرى" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى].

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: "قۇربانلىق: قىلىش قادىر بولغان كىشى ئۈچۈن تەكىتلەنگەن سۈننەت، كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى"2 –توم، 661-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى