سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار توغرسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەزى ھاجىلاردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇنداق خاتالىقلار سادىر بولىدۇ:

بىرىنچى: بەزى ھاجىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنى ھەجگە ئالاقىدار دەپ قاراپ، ئەگەر ھەج قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلمىسا ھەج ئادا تاپمايدۇ ياكى ھەج مۇكەممەل بولمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ تۈپتىن خاتا ئېتىقادتۇر، ھەج پائالىيىتىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، مەدىنىگە كەلمىسىمۇ ھەج ئادا تاپىدۇ، ھەجگە كەلمىسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىنسانلار قەدىمقى زامانلاردىن باشلاپ ھەج سەپىرى مۇشەققەتلىك-قېيىن سەپەر بولغانلىقى ئۈچۈن تەكرار سەپەر قىلماستىن بەلكى ھەج قىلىش جەريانىدا ياكى ھەجدىن كېيىن مەدىنىگە كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ ئادەتلەنگەن، بۇ ھەرگىزمۇ ھەجنى تەكىتلىگەنلىكتىن ئەمەس، ھەج دېگەن ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش بولسا ئۇنداق ئەمەس، ھېچ بىر ئالىمنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى ۋاجىپ ياكى سۈننەت دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن".

   ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىدىن: ھەج قىلىپ مېنى زىيارەت قىلمىغان كىشى ماڭا جاپا قىلغان بولدى دېگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن توقۇلغان يالغان ھەدىس بولۇپ، دىندا تونۇلغان قائىدىلەرگە زىت كېلىدۇ، ئەگەر بۇ ھەدىس يالغان بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسنى زىيارەت قىلىش ئالاھىدە زۆرۈر بولغان ۋاجىپ ئەمەللەردىن بىرى بولىدۇ.

     ئىككىنچى: بەزى كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىرسىنى ئايلىنىپ چۆگىلەيدۇ، ئۆيىنىڭ تاملىرى ۋە پەنجىرلىرىنى سىلايدۇ، بەزىلىرى مەڭزىلىرىنى يېقىپ سۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ چەكلىنىدىغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، كەبىدىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلىش بولسا چەكلەنگەن بىدئەت ئىشتۇر، شۇنىڭدەك سىلاش، سۆيۈش ۋە مەڭزىنى يېقىش دېگەن كەبىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا يولغا قويۇلغان، ھوجىرنىڭ پەنجىرلىرى ۋە تاملىرىنى سىلاپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش دېگەن ئىنساننى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرماستىن بەلكى تېخىمۇ ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

    ئۈچىنچى: بەزى زىيارەتچىلەر مەسچىتنىڭ مۇنبەر، مېھراب ۋە تاملىرىنى سىلاپ تەۋەررۈك قىلىدۇ، بۇمۇ بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    تۆتىنچى: ئەڭ كاتتا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرى: بەزى زىيارەتچىلەر قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە ئېستىكىگە يېتىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولمايدىغان، ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىك ئەمەللەردىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وأن المساجد لله فلا تدعوا مع الله أحدا  تەرجىمىسى: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار [سۈرە جىن 18-ئايەت.

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ:ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن(تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)،شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ. [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ  تەرجىمىسى: ئەگەر كاپىربولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. [سۈرە زۇمەر 7-ئايەت].

      پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ يېنىدا: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېگەن كىشىنىڭ بۇ سۆزىنى چەكلەپ ئۇنىڭغا: مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلامسەن؟يالغۇز بىر ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ دېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2118-ھەدىس].

      قېيىنچىلىقىنى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تېۋىنىپ دۇئا قىلغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار؟. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا:  قُل لَّا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّـهُ  تەرجىمىسى: ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. [سۈرە ئەئراپ 188-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ). [سۈرە جىن 21-ئايەت].

   مۇئمىن كىشى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، رىغبىتى ۋە ئۈمىتلىرىنى ھەممىسىنى ياراتقۇچى، پەيدا قىلغۇچى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋە قورقۇنچىسىنى يوق قىلىدىغان ئاللاھغا باغلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش قاتارلىق ھەقلىرىنى بىلىشى كېرەك، ئاللاھ تائالادىن بۇنىڭدا مۇستەھكەم قىلىشنى سوراش كېرەك، ئاللاھ تائالاغا پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان شەكىلدە ئىبادەت قىلىش لازىم .

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ:" ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ بەزىسىدىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار"ناملىق رىسالىسىدىن ئېلىندى]