سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەججى ئەكبەر كۈنى

سۇئال

ھەججى ئەكبەر كۈنى (چوڭ ھەج كۈنى) قانداق كۈن؟، ھەججى ئەكبەرنىڭ مەنىسى نېمە؟، ئىككىسى بىر مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ياكى ئايرىم مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ھەر ئىككى سۆز قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەججى ئەكبەر كۈنى دېگەن، قۇربان ھېيت كۈنىدۇر (يەنى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى). ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغان يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ھەجدە: بۇ قايسى كۈن؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلىرى: قۇربان ھېيت كۈنى دېۋىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ چوڭ ھەج كۈنى، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد1945-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 1700-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى: مىنادا قۇربانلىق قىلغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مېنى بۇ يىلدىن كېيىن مۇشرىكلار ھەج قىلمايدۇ، كەبىنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلمايدۇ، دېگەن بۇيرۇقنىجاكارلىغۈچىلار قاتارىدا مېنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدى، دەيدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 369-ھەدىس].

قۇربان ھېيت كۈنىنىڭ چۇڭ ھەج كۈنى دەپ ئاتىلىشى، بۇ كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىدە ۋە كېچىسىدە ئەرەپاتتا تۇرۇش، (مەشئەرىل ھەرەم) مۇزتەلىپىدە قونۇش، كۈندۈزىدە شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچنى ئالدۇرۇش، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىش، سەفا-مەرۋىدە مېڭىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ئەمەللەر ئادا قىلىنىدىغان كۈن بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر.

ھەج كۈنى دېگەن: ھەج پائالىيىتى ئادا قىلىنىدىغان مۇئەييەن ۋاقىت، چوڭ ھەج دېگەن: ئۇ كۈندە قىلىنىدىغان ئەمەللەرگە قارىتىلىدۇ.

ھەججى ئەكبەر كۈنى (يەنى چوڭ ھەج كۈنى) دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَذَانٌ مِّنَ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّـهَ بَرِيءٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ تەرجىمىسى: بۇ چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. [سۈرە تەۋبە 3-ئايەت].

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 11-توم 220-بەت