جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قەدىر كېچىسى قاچان بولىدۇ ۋە قانداق ئۆتكۈزىمىز؟

سۇئال

قەدىر كېچىسىنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟ ناماز ئوقۇيمىزمۇ ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىمىزمۇ ياكى سىيرە-تارىخ ئاڭلىتىمىزمۇ ياكى تەبلىغ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايمىزمۇ ۋە ياكى مەسچىتتە پائالىيەت ئىلىپ بارىمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ناماز، قىرائەت ۋە دۇئادا باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى، ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇيغۇتاتتى ۋە بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى.

    ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق قىلاتتى.

    ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قەدىر كېچىسىدە قىيامدا تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بۇ ھەدىس قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئۈچىنچى: قەدىر كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تەلىم بەرگەن دۇئادۇر. ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا تەلىم بەرسىلە، مەن قەدىر كېچىسىنى تاپسام قايسى دۇئانى ئوقۇيمەن؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:ئى ئاللاھ! سىلە ئەپۇ قىلغۇچى، ئەپۇنى ياخشى كۆرىلا، مېنى ئەپۇ قىلسىلا دېگەن دۇئانى ئوقۇڭ دېدى.

   تۆتىنچى: رامزاندىن بىر كېچىنى  باشقا كېچىلەردىن ئايرىپ قەدىر كېچىسى دەپ بېكىتىش بولسا دەلىلگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىقى ئون كۈندىكى تاق كېچىلەر بۇنىڭغا لايىق، بولۇپمۇ رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى قەدىر كېچىسى دېيىشكە بەك ھەقلىق، چۈنكى بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

    بەشىنچى: بىدئەت ئىشنى قىلىش رامىزاندىمۇ ياكى باشقا ۋاقىتلاردىمۇ توغرا ئەمەس، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشىمىزدا دىندىن بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.

   يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىبادەتتە بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.

    رامزاننىڭ بەزى كېچىلىرىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، ئىشنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىبادەتتە يېڭىدىن پەيدا بولغانلىرىدۇر.

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى 10-توم 413-بەت